busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 18 دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 9152 قىتىم كۆرۈلدى

ئاشقازان 12 بارماق ئۈچـەي يارىسـى

كىسەللىك سەۋەبى:

1.        روھى-نىرۋا ئامىللىرى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2.       تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

3.        نەزلە سۇيۇقلۇقى تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ.

4.       تۈرلۈك فىزىكا-خىمىيىلىك ئامىللار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5.        ئاشقازان دىۋارىدىكى قان تۇمۇرلارغا قان قېيىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

1.  ئاغرىش بولىدۇ.ئاغرىش خاراكتىرى رېتىملىق ئاغرىيىدۇ. تاماق يىگەندىن كېيىن ئاغرىيىدۇ.

2.  قانلىق تەرەت كۆرىلىدۇ.

3.             ھەزىم بۇزۇلۇش ئىپادىلىرى كۆرىلىدۇ.يەنى،قورساق كۆپۈش،ئىسىلىش،ئىشتىھاھ تۆۋەنلەش،ئاچچىقسۇ ياندۇرۇش بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ.

4.  پەسىل خاراكتىرلىك قوزغىلىش بولىدۇ.

بەدەن بەلگىلىرى :

يۇقىرى قورساق ساھەسى ئاغرىش،بەسقاندا ئاغرىش تېخىمۇ كۈچىيىش،ئاشقازاننى تۇتقاندا سوغۇق بىلىنىش،ئېغىر بولغانلىرىدا ئورۇقلاش،قان ئازلىق كۆرىلىدۇ.

پـەرۋىش تەدبىرى:

1.    ئاغرىش بەك قاتتىق بولىدۇ.ھەزىم يولىنىڭ قانىشى قوشۇلۇپ كەلسە يېتىپ ئارام ئېلىش،بىمارغا روھى جەھەتتىكى پەرۋىشىنى يولغا قويۇپ،كېسەلىنىڭ غەم-ئەندىشىنى چىقىرىپ تاشلاپ كىسەللىك ئالامىتىىنى يەڭگىللىتىش.

2.   ئوزۇقلۇق بىلەن پەرۋىش قىلىش:ئاز ھەم پات-پات تاماق يېيىش،ھەر قېتىملىق تاماقتا بەك تويۇنۇپ كەتمەسلىك،ھەر كۈنى 4قېتىمدىن5قېتىمغىچە غىزالىنىش،ئاشقازاننى زىيادە غىدىقلايدىغان يىمەك-ئىچمەكلەردىن،دورىلاردىن ساقلىنىش،تاماقتا ئۇن تامقىنى ئاساس قىلىش،ئاچچىق-چۈچۈك تاماقلاردىن چەكلەش،قۇۋەتلىك،ئاسان سىڭىدىغان يىمەكلىكلەرنى بېرىش لازىم.

3.   كىسەللىك ئەھۋالىنى كۈزىتىش:ئەگەر بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى بايقالسا،ۋاقتىدا دۇختۇرغا مەلۇم قىلىش لازىم.

4.   روھى جەھەتتىكى پەرۋىشنى كۈچەيتىپ،كىسەلگە تەسەللى بېرىش ئارقىلىق روھى-كەيپىياتنى تەڭشەش.ئەگەشمە كىسەللىكلەرگەدېققەت قىلىش.كىرگەن-چىققان سۇيۇقلۇقنىڭ مىقدارىغا دېققەت قىلىش.چوڭ-كىچىك تەرەتنىڭ قېتىم سانى ۋە رەڭىگە دېققەت قىلىش،ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە،ۋاقتىدا دوختۇرغا مەلۇم قىلىش.

تەييارلىغۇچى:ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282