busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 18 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 11106 قىتىم كۆرۈلدى

ئاشقازان تۆۋەنلەش

تونۇش:

ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئاشقازاننى مۇقۇملاشتۇرغۇچى پەي-تارامۇشلار بوششپ ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېلىنكدا،ئىشتىھاسىزلىق كۆڭلى ئېلشش،قۇسۇش،تۇيۇنۇپ تاماق يىگەندىن كېيىن،تۆۋەنگە تارتىشقاندەك سېزىم بۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىندىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىك.

كىسەللىك سەۋەبى:

1.  تەمسىز خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2.  يىمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3.  ئاشقازاندىكى باشقا كىسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

4.  باشقا سەۋەبلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

كىلنىك ئىپادىسى:

سول تەرەپ يۇقارقى ساھەسى يېقىمسىزلىنىش،قورساق ئېسلىش،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش،كۆڭلى ئېلىشپ قۇسۇش،ياكى ئىچى سۈرۈش،تاماق يىگەندىن كېيىن ياكى ھەرىكەت قلغاندىن كېيىن قورساق ساھەسى يېقىمسىزلىنىش.

پـەرۋىش:

1. روھى جەھەتتە بىمارغا ياردەملىشىپ،ئاغرىق ئازابىنى يىنىكلىتىپ،ئۆزىنى ئازادە تۇتۇش كېرەكلىكى روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بۇلۇشقا،ساقىيىسقا ئىشەنچ تۇرغۇزىشىغا ياردەم بېرىش.

2. ئوزۇقلىنى  جەھەتتە بىمارنىڭ خىلىت مىزاجى ئۆزگىرىشىگە قاراپ،ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ،تەستە ھەزىم بولىدىغان غىدىقلىغۇچى يەل پەيدا قىلغۇچى مايلىق يىمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىپ،ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەك ئىچمەكلەرنى تاللاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ.. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈپ،ھەددىدىن قورساقىنى ئاچ قۇيۇشتىن، زىيادە تۇيۇنۇپ كېتىشدىن ساقلىنىش،تاماقنى زىيادە سوغۇق زىيادەئىسسىق يىيشتىن،تاماق يەپلا ئۇخلاشتىن ساقلىنىش لازىم.

3. دورا پەرۋىش جەھەتتە : ئۇيغۇر تىبابىتىدە،دورىلارنىڭ تۈرى كۆپ،شەكلى ھەرخىل بولغاچقا،بىمارلارغا بەرگەندە،ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا يىتەكچىلىك قىلىپ،دورا مىقدارى،ۋاقتى،ئىشلتىش ئۇسۇلى،دورا ئىشلەتكەندىن كېيىنكى،ئۈنۈمى،تەسىرى،چوڭ-كىچىك تەرىتى،ھاياتلىق ئالامىتى قاتارلىقلارنى ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇلۇپ خاتىرلىنىدۇ.

4. تۇرمۇش پەرۋىشى جەھەتتە:توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يىتلىدۈرۈش،يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش،ياخشى ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش.

تەييارلىغۇچى:ھەزىم كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282