busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 1 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 101532 قىتىم كۆرۈلدى

باھ زەئىپلىشش

ئەرلىك ئاجىزلىق كىلنىكىدا ناھايتى كۆپ ئۇچرايدىغان كىلىپ چىقىش سەۋەبى مۇرەككەپ بولغان ئەرلەر كىسەللىكىنىڭ بىرى بولۇپ، جىنسى تەلەپ ئىشتىياق بولسىمۇ،لىكىن جىنسى ئىقتىدار رۇشەن دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراپ نۇرمال جىنسى پائالىيەت  ئىلىپ بارالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. جىنسى ئاجىزلىق مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ يۇزئابرويى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ناھايتى ئىنچىكە مەسىلە بولغاچقا بۇخىل كىسەللەر بىلەن ئاغىرغانلار خالىغانچە دوختۇرغا كۆرۇنەلمەيدۇ.ئىچىدىن قاتتىق ئازاپلىنىپ يۇرگەن بىلەن  سىرىتتىن ناھايتى سالاپەتلىك  يۇرىۋىرىدۇ. 90-يىللارنىڭ بىشىدا تىببى ساھە جىنسى ئاجىزلىق مەسىلىسىنى كىسەللىك دەپ تونىمىغان. يىقىنقى يىللاردىن بىرى مەزكۇر كىسەللىكنىڭ كۆرۇلۇش نىسبىتى ناھايتى تېز سۇرەتتە كۆپەيگەنلىكتىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قىززىق نوختا مەسىلىسىگە ئايلاندى.شۇڭا بۇ مەسىلە ساغلاملىقنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمىگە كىر گۇزۇلدى.

جىنسى ئاجىزلىق مەسىلىسىگە نىسبەتەن غەرىپ تىبابىتى بىلەن جوڭيى تىبابىتىنىڭ  ئوتتۇرسىدا مەلۇم پەرىق بولۇپ، غەرىپ تىبابىتىدە زەكەرنىڭ قايىم بولماسلىقىنى زەئىپ باھ دەپ تونىدۇ، جوڭيى تىبابىتىدە ھوزۇرلىنىش بولماسلىقىنى زىئىپ باھ دەپ تونىدۇ.ئۇنداقتا ئۇيغۇر تىبابىتىدە زەئىپ باھ قانداق كىسەللىك ؟ زەئىپ باھ –يات جىنىسلىقلارغا نىسبەتەن جىنسى غىدىقلىنىش بولماسلىق ياكى جىنسى تەلەپ بولسىمۇ زەكەرنىڭ قايىم بولماسلىق ياكى قايىم بولۇش دەرىجىسىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقىدىن نۇرمال جىنسى تۇرمۇشقا دەخلى تەرۇز يىتىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىسەللىىكنى كۆرسىتىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا روھى كەيپىياتنىڭ ناچارلىقى، زىيادە ھىرىپ چارچاش،مۇھىت شارائىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۇپەيلىدىن 1~2قىتىم جىنسى پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولماسلىقى نۇرمال ئەھۋال بولۇپ زەئىپ باھ دەپ قارالمايدۇ.

تۇرى :

كىسەللىك خاراكتىرى ۋە پەيدا بولۇش سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئورگان خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق ۋە فۇنكىسىيە خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق دەپ 2گە بۆلىنىدۇ.

ئورگان خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق

مەلۇم ئەزا ياكى ئورۇننىڭ مەلۇم كىسەللىك ئۆزگىرىشى تۇپەيلىدىن كىلىپ چىقىدۇ.يەنى  قانتومۇر، نېرۋا، ئىچىكى ئاجراتما ۋە دورا ئامىللىرى كەلتۇرۇپ چىقارغان جىنسى ئاجىزلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇندىن باشقا سۆڭەك سۇنۇش، ئىغىر زەخمىلنىش...قاتارلىقلار.

فۇنكىسىيە خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق

 ئىجتىمائى ،سىياسى، ئىختىزات، ئائىلە نىكاھ، خىزمەت قاتارلىق ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،  روھى بىسىم ،قورقۇش، جىددىلىشش،كىشىلىك مۇناسىۋەت ياخشى بولماسلىق، ھىسىيات يىرىكلىشش،جىنسى بىلىمى يىتەرسىز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن كىلىپ چىققان جىنسى ئاجىزلىقنى كۆرسىتىدۇ. روھى ئامىل خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

كىسەللىك دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن

1.      بىرلەمچى خاراكتىرلىق زەئىپ باھ ( نۇرمال جىنسى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان جىنسى ئاجىزلىق  )

2.      ئىككىلەمچى خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق ( ئىلگىرى نۇرمال بولۇپ كىين پەيدا بولغان )

3.   تولۇق خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق جىنسى پائالىيەت جەريانىدا جىنسى ئەزاپەقەت قايىم بولمىغان بولسا تولۇق خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق بولىدۇ

كىسەللىك سەۋەبى:

1-        ئورگان خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق :

  ئوزۇقلۇقنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى ۋە بەدەن ئاجىزلىق   ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولغان يىمەك ئىچمەكلەرنى يىيش ،يىمەك ئىچمەكنىڭ ياخشى بولماسلىقى ،ھەزىم ئاجىزلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن بەدەنگە  ئوزۇقلۇق ۋە قۇۋەت يىتىشمەي جىنسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى چىكىنىدۇ. جىنسى ئىنكاس سۇسلىشىپ جىنسى ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ.

ماددىلىق ۋە ماددىسىز مىزاج بۇزۇلۇش  بولۇپمۇ ماددىلىق ماددىسىز ھول سوغۇق لۇقنىڭ زىيادە ئىشىپ كىتىشى بىلەن بەدەندىكى تەبئى ھارارەت ۋە ئىسسىقلىقنى تۆۋەنلىتىپ جىنسى ئەزالارنى بوشاشتۇرۇپ، جىنسى قۇۋەتنىڭ ئاجىزلىششىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

ئەرلەر كۆپىيىش سىستىما ئەزالىرىنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن ئۇرۇقدان ياللۇغى ،ئۇرۇقدان سىلى، ئۇرۇقدان يىگىلەش، مەزى بىزى ياللۇغى ،سۇرئىتى ئىنزال، كۆپ ئىھتىلام بولۇش قاتارلىق كىسەللىكلەردە ئۇرۇقنىڭ ئىشلىنىشى ئاجىزلاش بىلەن بىرۋاقىتتا مەنئىنىڭ چىقىرلىشى كۆپىيپ جىنسى ئەزالار خىزمىتى چىكىنىش، جىنسى ئەزانىڭ قايىم بولىشى يىتەرلىك بولماسلىق قاتارلىقلار يۇزبىرىدۇ.

  باشقا كىسەللىك لەر تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ. م : مىڭە يۇرەك، جىگەر، بۆرەك، دىئابىت ۋە نېر ۋائاجىزلىق كىسەللىكلىرى تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ

5.  مەس قىلغۇچى دورا ۋە ئىچىملىكلەر تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ. م : ھاراق، پىيجۇ، مەيزاپ، نەشە ،ئەپىيۇن ،خىرويىن قاتارلىقلار سىزىمنى تۆۋەنلىتىپ، ھەركەت ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىدۇ. روھىنىڭ قوزغۇلىشچانلىقىنى، نېرىپلارنىڭ قوزغۇلىشچانلىقىنى تۆۋەنلەشتۇرىدۇ.

6.     سىرىتقى زەخمە ۋە تۇغما جىنسى ئەزالارنىڭ كەمتۇكلىكى :

 تۇغما ئۇرۇقدان بولماسلىقياكى بىرى بولماسلىق ،ئۇرۇق نەيچىسى پۇتەيلىك،ئۇرۇقدان ۋە مەزى بىزىنىڭ تەرەققىياتى بىر ئىزدا توختاپ قىلىش ،جىنسى ئەزالار قاتتىق زەخمىلنىشكە زەربىگە ئۇچراش ئۇرۇقدان ئىزىلىش ئوپىراتسىيە...

باشقا سەۋەپلەر : جەلەق ئادىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، قىرىلىق ،جىنسى مۇناسىۋەكە كۆپ بىرىلىش قاتارلىقلار تۇپەيلىدىن كىلىپ چىقىدۇ

2-      نېرۋا خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق :

بۇخىل جىنسى ئاجىزلىق ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۇرى بولۇپ، ھازىرقىدەك يۇقرى بىسىملىق خزمەت ھالىتى، غەم ئەندىشىگە تولغان تۇرمۇش رېتىمى، ،خىزمەت، ئىختىزات قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئامىللا كىشىلەرنىڭ جخنسى ئىقتىدارىغا ئوخشىمىغان تەسىرلەرنى ئىلىپ كەلمەكتە

1.    كۇندىلىك تۇرمۇشتىكى غەم ئەندىش ،بىكارچىلىق ۋە مەشۇقىنىڭ ۋەسلىگە يىتەلمەسلىك بۇنداق ئىشلار روھى قۇۋەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇپ مىڭىنىڭ ئىنكاسىنى تۆۋەنلىتىپ، قان ئايلىنىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

2.   ھەرخىل سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن جىنسى مۇناسىۋەتنى پەقەت قىلماسلىق ياكى قىلغاندىمۇ تۇنجى قىتىملىق مۇناسىۋەتتە مەغلۇپ بولۇش .بۇنىڭ بىلەن كىينكى قىتىملىقىدا جىددىلىشىپ قورقۇپ، جىنسى پائالىيەتتىن قورقۇش كىسىلى كىلىپ چىقىدۇ.(كىلاسىك كىتاپلاردا ئۇنتۇلۇش خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق دەپ نام بەرگەن ) بۇنىڭ بىلەن ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ جىنسى ئاجىزلىق كىلىپ چىقىدۇ.

3.     جىنسى مۇناسىۋەتتە قاتتىق ئازارغا ئۇچراش م: قانۇن،ساقچى، تەشكىل، ئاتائانا،تۇتلۇپ قىلىش ( باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئوتكۇزگەنلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى جىنسى ئاجىزلىققا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ)

4.    قارشى تەرەپكە بولغان ھىسىياتى سۇسلىشش :ئايالىدىن گۇمان قىلىش، نەخمەيداندا تۇتىۋىلىش، غەم خۇرلۇق كۆيۇنۇش  ئىلھام يىتەرلىك بولماسلىق، قوپال گەپلەرنى قىلىش، ھىسىيات ئالماشتۇرۇشتا ئوچۇق يورۇق بولماسلىق ...

5.   قارشى تەرەپ نىڭ جەلىپ قىلىش كۇچىنىڭ تۆۋەن بولىشى : جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق مەلۇم ئىشنى ھەل قىلىش، قارشى تەرەپنىڭ تازلىقى ياخشى بولماسلىق، ماسلاشماسلىق

6.    جىنسى بىلىمى يىتەرسىز بولۇش : ئۇسۇل شەكىلنى توغرا تاللىماسلىق غىدىقلىنىشنىڭ كەم بولىشى، مۇھىتى مۇۋاپىق تاللانماسلىق، ئۆزىگە ئىشەنچىسى كەم بولۇش قاتارلىقلار نېرۋا خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

 كىلىنكىلىق ئىپادىسى :

 ئۇشتۇمتۇت ياكى تەدرىجى جىنسى ئىقتىدار چىكىنىدۇ ياكى يوقىلىدۇ. جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا قاتتىق جىددىلىشىپ قورقۇپ، ناھايتى تېز بوشۇشۇپ كىتىدۇ. جىنسى ھىسىياتنىڭ قوزغۇلىشى يىتەرلىك بولمايدۇ. بىمار روھسىزلىنىپ پۇتۇن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ. بىمارنىڭ روھى چۇشكۇنلىشىپ خانمۇش بولۇپ قالىدۇ. قاتتىق روھى ئازاپ چىكىدۇ. پۇتۇن بەدىنى ئورۇقلاپ زەكىرى يىگىلەيدۇ. جىنسى ئالاقىدىن لەززەت ئالالمايدۇ. بىمار يەنە ئۇنۇتقاقلىق ،خىيالچان ئويچان بولۇپ قالىدۇ. داۋاملىق پەرىشان بولۇپ يالغۇز يۇرۇنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ئەھاللار تەرەققى قىلسا نېرۋا ئاجىزلىق، مالخولىيا، ھەتتا جۇنۇنلىققا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ. بۇ كىسەلنى ۋاختىدا داۋالىمىغاندا بىمارنىڭ پۇتۇن ئومرى غەم قايغۇ بىلەن ئۆتىدۇ، ياكى ئۆلىۋىلىشنى ئويلاپمۇ قالىدۇ

ئورگان خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق بىلەن نېرۋا خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىقنىڭ پەرقى

 ئورگان خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىق

1)  جىنسى ئاجىزلىق تەدرىجى باشلىنىپ تەدرىجى ئىغىر لىشىدۇ. كۆپۇنچە ئوپىراتسىيە، سىرىتقى زەخمە، بىرقىسىم دورىلارنى ئىستىمال قىلىش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.

2)   ھەرقانداق شارائىت ۋە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا جىنسى ئىنكاسلار شەكىلەنمەيدۇ. ياكى ناھايتى ئاجىز قوزغۇلىدۇ.

3)      كەلتۇرۇپ چىقارغۇچى سەۋەبلەرنى تۇگەتكەندىن كىين ئەسلىگە كىلىدۇ.

نېرۋا خاراكتىرلىك جىنسى ئاجىزلىقنىڭ ئالاھىدلىكى

1)     جىنسى ئاجىزلىقنىڭ باشلىنىشى تېز بولىدۇ.

2)    بىرسوتكا ئىچىدە بىرقىتىم ياكى بىرنەچچە قىتىم قوزغۇلۇپ ۋاختى كەلگەندە قوزغالمايدۇ.

3)     بىماردا قورقۇش، جىددىلىشش ،ئۆزىگە ئىشەنمەسلىك قاتالىق نۇرمالسىز پىسخىكا ھالىتى بولىدۇ

تەييارلىغۇچى : نىرۋا،سۇيدۇك ، ئىچكى ئاجراتما كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282