busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 23 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3039 قىتىم كۆرۈلدى

بۇغۇز ۋە بادامسىمان بەز ئېشىپ قېلىش

تۇنۇش: بۇغۇز ۋە بادامسىمان بەزنىڭ ئىششى كىسەللىكى ئۇرۇن جەھەتتىن بىر تۇتاش- سەۋەپ، ئالامەت ۋە ئىلاجلىرى ئوخشۇشۇپ كەتكەچكە تۈۋەندە بىرگە بايان قىلىنىدۇ.

ئالامىتى: ھەرئىككىلىسىدە نەپەسلىنىش ۋە يۈتۈش قىيىن بۇلىدۇ. بەزىلىرى تۇتقاقلىق بۇلىدۇ. بەزىلىرىدە يۇتقۇنچاق بىرگە ئېشىپ ئۈلۈش كىلىپ چىقىش مۈمكىن.

سەۋەبى: گالغا تۇپۇچاڭ كىرىپ كىتىش، قاتتىق سۇغۇق ئۈتۈش بەدەندە قان ماددىسىنىڭ كۈيىشى غەيرى تەبىئى سەپرانىڭ غالىپ كىلىشى، مىڭىدىن كەلگەن نەزلىنىڭ ئاچچىق سۈيى ئولتۇرۇشۇپ قېلىش بەزىسىنىڭ مىكروپىندىن يۇقۇملىنىش، ماددىلىق ھۆل سۇغۇق غالىپ كىلىش، ئىمىتكۈچى ئانىنىڭ تازىلىقى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق سەۋەپلەر دىن كىلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: بۇغۇزنىڭ ماددىلىق ھۆل سۇغۇق ياكى قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقى ، بادامسىمان بەز سىلى مىكروبىنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئىششىقى ، ئانىنىڭ تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن بولغان ئىششىق قاتارلىقلاردا داۋاملىق ھالدا ياكى سانجىپ ئاغرىش، ئېچىشىش، قىمىلداش، قاتارلىقلا ربىلەن ئارقا- ئارقىدىن يۈتەل تۇتىدۇ. گالغا بىرنەرسە تۇرىۋالغاندەك سىزىم پەيدا بۇلىدۇ. بالىنىڭ يۈزى ئىسىلىپ نەپەس قىسىلىش كۈرىلىدۇ. قىزىغانسىرى ئۇسسايدۇ. گالدىن سۇيۇقلۇق ئۆتمەيدۇ، ئېغىزدىن ئىختىيارسىز شۆلگەي ئاقىدۇ. ئەگەر بادامسىمان بەز ئىششىقى بەك يۇغۇناپ كەتسە بۇغۇزنى سىقىش بىلەن ئىششىق قول- قۇلاق تۈۋى تەرەپكە كىڭىيىپ خىر-خىر ئاۋاز كۈپۈيىدۇ. بالا بەك بىئارامسىزلىنىدۇ. ئەمچەكنى ئاغزىغا ئالالمايدۇ. تىلنى ھەركەتلەندۈرگەندە ئاغرىش كۈرىلىدۇ.

داۋالاش: ئىششىق ياندۇرۇپ ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بالىدا قىزىش، ئۇسسۇزلۇق، ئاغرىش، بىئاراملىق كۈرۈلگەن بولسا بۇ قان سەپرانىڭ غالىپ كەلگەنلىكىدىن دىرەك بىرىدۇ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن بالىنىڭ تىلى ئاسىتىدىكى تۇمۇردىن قان چىكىلىدۇ ياكى قۇلاقنىڭ ئارقىسىدىكى تۇمۇرغا زۇلۇك قۇرۇتى قۇيىلىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282