busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 23 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3000 قىتىم كۆرۈلدى

بالىلاردىكى تولغاق(زەھىرە ئەتفال)

تۇنۇش: بۇ كىسەللىك خىلىتلارنىڭ كۈيىشى ياكى جاراسىمدىن پەيدا بۇلىدىغان تىز ۋە ئۆتكۈر ئۈچەي يۇلى كىسەللىكى بۇلۇپ، قىزىتما ، قورساق ئاغرىش، قۇرۇق ئىنجىق تەرەتتىن قان ۋە يىرىڭ كىلىش  قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. تولغاق ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئۈچەيلەرگە يۇقۇملۇق يامان سۈپەتلىك ماددىنىڭ قۇيىلىشىدىن پەيدابۇلۇپ، ئىچى سۈرۈش كۈرۈلىدىغىنىنى ھەقىقى تولغاق، ئۈچەيلەرگە تۇسالغۇ بۇلۇشتىن تەرەت ماڭماي قورۇق تولغاق كۆرىلىدىغىنى يالغان تولغاق دىيىلىدۇ.

سەۋەبى: تولغاق جاراسىمى ئۈچەيگە تەسىر قىلىپ ھەزىمنى بۇزۇش سەۋەبىدىن يۇقۇملۇق ۋە تارقىلىشچان تولغاق پەيدا بۇلىدۇ. بۇزۇلغان ۋە سۈپىتى ئۆزگەرگەن سۈت ئىمىتىش چىرىگەن يىمەكلىكلەرنى يىيىش قاتارلىقلاردىن ئۈچەي ئىچىدىكى شۆلگەيسىمان سۇيۇقلۇقتىن زەھەرلىنىش بىلەن تولغاق كۈرىلىدۇ. بەزى بالىلاردا نەزلە سۇيۇقلۇقنىڭ ئۈچەيگە قۇيۇلۇش سەۋەبىدىن پەيد ابۇلىدۇ.بۇ نەزلىلىك تولغاق دىيىلىدۇ.

 ئۆتكۇر قىزىتمىلىق كىسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتى، كۆيگەن سەپرا ، بەلغىمى شۇر قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدىمۇ تولغاق پەيدابۇلىدۇ. بەزى بالىلاردا ماددىسىز ئىسسىقلىقنىڭ تەسىر قىلىش سەۋەبدىىنمۇ كۈرىلىدۇ. كىسەللىك ۋاستىلىق ياكى بىۋاستە يوللار ئارقىلىق يۇقۇپ تارقىلىدۇ.

ئالامىتى: كىسەللىك تىز باشلىنىدۇ. قىزىيدۇ، ئارقا تەرەت قېتىم سانى بىركۈندە 10قېتىمدىن 30قېتىمغىچە كىلىدۇ. تەرەت چاپلاشقاق سۇيۇقلۇق ، يىرىڭ ۋە بەزى بالىلاردا قان ئارلاش كىلىدۇ. كۆڭلى ئېلىشىپ ھۆ بۇلىدۇ. سۈت ۋە تاماقنى ياندرۇۋېتىدۇ. قورساق مۇجۇپ ئاغرىيدۇ. كۆيگەن سەپرادىن بولغان تولغاقتا بالا داۋاملىق قىزىيدۇ. كۆپ ئۇسسايدۇ. سۈيدۈكى قىزىل كىلىدۇ. تۇمۇرى تىز ۋە ئىنچىكە سالىدۇ. قۇرسىقى قاتتىق ئاغرىيدۇ. داۋاملىق ئىنجىقلاش ۋە ئارامسىزلىنىش ھىس قىلىدۇ بەزىلەرنىڭ تەرىتى يىرىڭ ئارىلاش شىلىمشىق كىلىدۇ. كىسەللىك ئېغىرلاشقاندا تەرەت ئارىلاش ياكى قېتىپ قىزىل قان بىلەن كىلىدۇ. بەلغىمى شور سەۋەپتىن بولغىنىدا بالىنىڭ قۇرسىقى داۋاملىق ئىسىلىدۇ. بوغراق ئىنجىق بىلەن قورساق ئاغرىيدۇ. ئاق ياكى كۆك رەڭلىك ۋە ياكى پوتلىدەك شىلىمشىق تەرەت كىلىدۇ. بالا كۈندىن- كۈنگە ئاجىزلىشىپ چىرايى تاتىرىدۇ. ئشتىھاسى تۇتىلىدۇ. قىزىتمايۇقىرى بولمايدۇ. تۇمۇرى بوش سالىدۇ. مىكروپ سەۋەبىدىن بولغان تولغاقتا تىز ۋە ئۆتكۈر قىزىتما كۈرىلىدۇ. قاتتىق ھۆ بۇلۇپ قۇسىدۇ. تەرىتى چىدۇغۇسىز ئىنجىق ۋە قان ئارىلاش كىلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: بالا پاكىزە ھاۋالىق ئۆيدە بېقىلىدۇ. ئالدى بىلەن ياللۇغ قايتۇرغۇچى، سەپرانىڭ ئۆتكۈرلىكىنى پەسەيتكۈچى دورىلار بىرىلىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282