busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 23 دىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 2979 قىتىم كۆرۈلدى

بالىلاردىكى قىزىل(ئىسكارلاتىنا- ھۆممائى قىرمىزىي)

 تۇنۇش: بۇ بىرخىل تىرە يۇزىگە قىزىل ئەسۋە چىقىش بىلەن ئىپالىنىدىغان  ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كىسەلىك بۇلۇپ ، ئادەتتە 6ئايلىقتىن يۇقىرى بەش ياشتىن تۈۋەن بالىلاردا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. بىر يىلنىڭ ھەممە پەسىلدە بۇلىۋېرىدۇ ئەمما ئەتىياز پەسىلدە كۆپرەك تارقىلىدۇ.

سەۋەبى: زەھەرلىك ۋابائى ھاۋانىڭ شامال ئارقىلىق بالىلارنىڭ نەپەس يۇلىغا كىرىپ، قانغا ئۈتىشى كىسەللىك جاراسىمىنىڭ بىر بالىدىن يەنە بىربالىغا يۇقىشى ئىمىتكۈچى ئانىنىڭ ۋە بالىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك تۆت خىلىتنىڭ قايسى بىرىدە ئۇفۇنەت پەيدا بۇلۇش قاتارلىق سەۋەپلىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: (1) يۇشۇرۇن دەۋرى: قىزىلنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى 12-10كۈن بۇلۇپ ئۇتتۇر ھىساپ بىلەن 11كۈن بۇلىدۇ. بۇ جەرياندا رەسمى كىسەللىك ئالامىتى كۈرۈلمەيدۇ.

 (2) كىسەللىك باشلىنىش مەزگىلى: بىماردا تىترەش، جۇز- جۇغ بۇلۇش قىزىش ئالامەتلىرى كۈرىلىدۇ. قىزىتما ئۆرلەيدۇ. بالا بىئارام بۇلۇپ ئەس ھۇشىنى يۇقىتىدۇ. كۆز جىيەكلىرى قىزىرىپ ئىششىيدۇ. چۈشكۈرۈش بىلەن بىرگە بۇرنىدىن سۇ ئاقىدۇ. يۈتۈلۈش، ئىشتىيى تۇتۇلۇش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرى كۈرىلىدۇ. قىزىتما باشلىنىپ 1-2كۈندىن كىيىن ئېغىز ئىچى قوۋۇزنىڭ يان تەرەپلىرى ۋە چىش گۆشلىرىدە يىڭنىنىڭ ئۇچچىدەك چوڭلۇقتىكى چۆرىسنى قىزىللىق ئوراپ تۇرغان ئاق تاشما كۈرىلىدۇ. تاشنىڭ سانى بىردىن 10دانىغىچە بۇلىدۇ. بۇ بەلگە قىزىلنى تۇنۇشتىكى ئەڭ  مۇھىم بەلگە بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.

(3) ئەسۋە چىقىش دەۋرى:قىزىتما باشلىنىپ 4،5كۈندىن كىيىن ئىگىز پەس بۇلۇپ تۇرىۋاتقان قىزىتما بىردىنلا ئۆرلەپ كىتىدۇ. كىسەلنىڭ گاللىرى قىزىرىدۇ. ئاۋازى بۇغۇلىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئىچى سۈرسە بەزىلىرىنىڭ ئىچى قېتىپ قالىدۇ. كىسەل بالا ئاشقازان ئاغزىدا ئاغرىق ھىس قىلىدۇ. مۇشۇ ئۇمۇمى بەدەنلىك بەلگىلەر بىلەن كىسەلنىڭ بەدىنىگە ئىنتايىن ئۇششاق قىزىل دانچىلار چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ دانچىلار كۈپۈنچە ئەۋەل قۇلاقنىڭ كەينىگە ئۇندىن كىيىن باش، پىشانە، بۇيۇن، يۈز ساھەسىگە چىقىپ كىيىن گەۋدىگە ئاخىردا قول پۇتلارغا چىقىدۇ. ئەڭ ئاخىردا تاپان بىلەن ئالقانغا چىقىدۇ. چىققان تاشقا قولغا ئۇرۇنغۇدەك ھالدا تىرىدىن كۈتۈرلۈپ تۇرىدۇ. ئەسۋە چىقىشقا باشلاپ 1-2كۈن ئىچىدە پۈتۈنلەي چىقىپ بۇلىدۇ. قىزىل ئەسۋىسى دەسلەپتە شالاڭراق چىقىپ تەدرىجى ھالدا كىڭىيىپ كۈپۈيىدۇ. ئاندىن ئۆز- ئارا قۇشۇلۇپ ، دائىرىسى كىڭىيىپ شەكلى ئوخشاش بولمىغان ئالىچىپارلىقنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەسۋىلەر ئارىسىدا سىلىق تىرىنىڭ رەڭگىنىمۇ ئىنىق كۆرگىلى بۇلىدۇ. بۇ دەۋردە قىزىتمىسى دەسلەپكى دەۋردىن يۇقىرى بۇلىدۇ. بالا بەكرەك بىئارام بۇلىدۇ. ئېغىرراقلىرىدا جۆيلۈش، ھۇشىدىن كىتىش، تۇتقاقلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بولغاندىن تاشقىرى گال ساھەسى زەخىملەنگەچكە ئاۋازى پۈتۈپ بۇغۇق يۈتىلىدۇ. كۈزىنى چاپاق باسىدۇ. كۈزىدىن ياش ئاقىدۇ. قاپاقلىرى ئىششىپ كىتىدۇ. كىسەلنىڭ بۇ دەۋرى 3-5كۈن بۇلىدۇ.

(4) كىسەلنىڭ ئەسلىگە كىلىش مەزگىلى: بىمارنىڭ روھى ھالىتى تەدرىجى ياخشىلىنىپ ئەس ھۇشى ئەسلىگە كىلىدۇ. قىزىتمىسى تەدرىجى نورماللىشىدۇ. قاپارتمىلار ئەتراپىدا قىچىشىش پەيدا بۇلۇپ دانچە قەقەچلىرى تۈكۈلىدۇ. ئىشتىھاسى تۇتىلىدۇ.

پەرۋىش قىلىش: كىسەل بالا ئىسسىق ياتقۇزۇلۇپ ئوبدان ئارام ئالدۇرىلىدۇ. ئۆينىڭ ھاۋاسى پات- پات يىڭىلاپ تۇرىلىدۇ. كىسەل بالىغا سۇغۇق ھاۋا شامال تىگىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ.

كىسەل بالىغا قايناقسۇ كۆپ بىرىلىدۇ. تازىلىققا دىققەت قىلىنىدۇ.

بالىلارنىڭ كۆز، ئېغىز- بۇرۇنلىرى،پات- پات ئىلىمان سۇدا نەملەنگەن لۈڭگە بىلەن سۈرتۈپ تۇرىلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرغۇچى ، قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

دەسلەپكى مەزگىلدە قىزىتمىنى پەسەيتىدىغان  دورىلا ربىرىلمەيدۇ. پەقەت قايناقسۇنى كۆپ بىرىپ ئىسسىق بېقىلسىلا بۇلىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282