busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 2 دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3081 قىتىم كۆرۈلدى

ياۋا چىچەك(جۇدرىي)

 تۇنۇش: بۇ بەدەن تىرىسىدە پەيدا بۇلىدىغان تىز تارقىلىپ يۇقىدىغان ماش ياكى پۇرچاق چوڭلۇقتىكى قىزىل رەڭلىك ئۇششاق مۇدۇرلاردىن ئىبارەت بۇلۇپ ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ بىرى. بۇ كىسەل بىلەن ھەرقانداق ياشتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئاغرىيدۇ. بۇكىسەل بىلەن بىرقېتىم ئاغرىغاندىن كىيىن قايتا ئاغرىمايدۇ. چىچەك چىكىلسە بۇ كىسەلگە قارشىلىق  كۈچ پەيدا بۇلۇپ يۇقۇملانمايدۇ.

سەۋەبى: ياۋا چىچەكنىڭ پەيدا بۇلىشىدىكى سەۋەپ ئىككى خىل بۇلۇپ تەبىئى سەۋەپ ۋە غەيرى تەبىئى سەۋەپتىن بۇلىدۇ.

(1) تەبىئى سەۋەپ: تەبىئى سەۋەپ ھامىلنىڭ ئانا قۇرسىقىدىكى ۋاقتىدا ئانىنىڭ ئۇزۇقلۇنۇش يۇلى بىلەن بەدىنىگە كىرگەن نەرسىلەرنىڭ تەركىبىدىكى چىچەك پەيدا قىلغۇچى جاراسىملارنىڭ ئانا تىنىدىن ھامىلە تىنىگە ئۈتۈش ۋە بۇ پاساتلارنىڭ بالا بەدىنىدە ساقلىنىپ قېلىشى تەبىئى سەۋەپ دىيىلىدۇ.

(2) غەيرى تەبىئى سەۋەپ: بۇمۇ ئىككى خىل بۇلىدۇ (1) قاننىڭ مىزاجى ئۆزگۈرىشى قان قىيامىنىڭ ئۆزگۈرىشى ۋە ئۇفۇنەتلىنىش سەۋەپ بۇلىدۇ.(2) باشقا خىلىتلارنىڭ بۇزۇلۇشى، ھاۋانىڭ پەۋقۇللاددە ئېشىپ كىتىشى نەتىجىسىدە كىلىپ چىققان سېسىق گاز، بۇزۇق ماددىلار چىچەك پەيدا قىلغۇچى جاراسىملارنىڭ كۈپۈيۈپ كىتىشىگە سەۋەپ بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىسەل كىلىپ چىقىدۇ.

(3) ئۇنىڭدىن باشقا چىچەك كىسىلىنىڭ ئۇفۇنەتلىرى ۋە جاراسىملىرى بىلەن بىۋاستە يۇقۇملۇنۇش بۇ كىسەلنىڭ پەيد ابۇلىشىدىكى ئاساسى سەۋەپ.

ئالامىتى: دەسلەپتە زۇكامغا ئوخشاش ئالامەتلەر كۈرۈلۈپ كىسەل بالىنىڭ بەدىنى قىزىيدۇ ، جۇغۇلداش پەيدابۇلىدۇ، باش ۋە بىلى ئاغرىيدۇ، كېرىلىدۇ. ئەسنەيدۇ، يۈتىلىدۇ، بۇرنى قىچىشىدۇ، يۈز كۆزلىرى قىزىرىدۇ. ئۇسسايدۇ. ئاغزى تاتلىق بۇلىدۇ. گېلى قۇرۇيدۇ. بۇ ئالامەتلەر كۈرلۈپ 3كۈندىن بەش كۈنگىچە تارقاق كىچىك قىزىل مۇدۇرچاقلار پەيدا بۇلىشىغا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ يۈزلىرى ئىسىلىدۇ. 7، 8كۈندە مۇدۇرچاقلار تۇلۇق چىقىپ بۇلۇپ چۇڭۇيۇپ ماش چوڭلۇقتىكى ئاق يىرىڭلىق قاپاچۇقلارغا ئايلىنىدۇ. قاپارتمىنىڭ ئوتتىرىسى چوڭقۇرلىشىپ كىندىككە ئوخشاپ قالىدۇ. قاپارچۇقلار قېتىشىغا باشلىغاندا پۈتۈن بەدەنلىك بەلگىلەر يەڭگىللىشىدۇ. 2-3ھەپتە ئۆتكەندە قاپارچۇقلار قېتىشىپ قارامتۇل قەقەچ باغلاپ تۈكىلەشكە باشلايدۇ. بەزىلىرى تىشىلىپ يىرىڭ چىقىپ كىتىدۇ. قەقەچلەر تۈكۈلۈپ بولغاندىن كىيىن قەقەچ ئورنى چوڭقۇر تاتۇق بۇلۇپ قالىدۇ. بۇ تاتۇقلار خەلق ئىچىدە چىچەك ئىزى ياكى چۇقۇر دەپ ئاتىلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: قاننى سۇيۇلدۇرۇش، ھارارەتنى پەسەيتىش، بۇزۇق ماددىلارنى تازىلاش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282