busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 2 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3225 قىتىم كۆرۈلدى

سۇ چىچەك(ھومەيقا)

 تۇنۇش: سۇ چىچەك بالىلاردا يەڭگىل ئۈتىدىغان بىرخىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كىسەل بۇلۇپ بالىلارنىڭ نەپەس يوللىرى ئارقىلىق يۇقىدىغان، تارقىلىشچان شەكلىدە ئۈتىدىغان كىسەل  كۈپۈنچە قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە كۆپرەك تارقىلىدۇ.

سەۋەبى: بۇ بالىلارنىڭ نەپەس يوللىرى ئارقىلىق يۇقىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كىسەل بۇلۇپ يۇقۇمچانلىقى بەك كۈچلۈك ساق بالىلار سۇ چىچەك چىققان بالىلارغا يېقىنلاشقاندىن كىيىنلا ناھايىتى ئاسان يۇقۇملىنىدۇ.

سۇ چىچەك گەرچە ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كىسەل بولسىمۇ كىسەلنىڭ يۇقىشىدا مىزاجنىڭ بۇزىلىشى، خىلىتلار ۋە كەيپىياتتىكى تەڭپۇڭلىقنىڭ بۇزىلىشى مايىللار شورىغۇچى ئامىلدۇر.

بالىلار تىنى ئاجىزلاشقاندا سۇ چىچەك جاراسىمى ئۇڭايلا يۇقۇپ بالىدا بۇ كىسەللىك سادىر بۇلىدۇ.

ئالامىتى: دەسلەپتە زۇكانغا ئوخشاش بەلگىلەر كۈرىلىش باش ئاغرىش، تاماق يىگۈسى ۋە ئەمگۈسى كەلمەسلىك يەڭگىل قىزىش بۇلۇپ بىرئىككى كۈندە قىزىتمىسى يانىدۇ. كىسەل بۇلۇپ بىر ئىككى كۈندىن كىيىن تىرىلەرگە تىرىدىن كۈتۈرلۈپ تۇرىدىغان قىزىل سۇقۇچاق ئەسۋە چىقىدۇ. ئەسۋە دەسلەپتە يۈز ۋە چاچ گىرۋەكلىرىگە تەدرىجى ھالدا مەيدە دۈمبىلىرىگە تارقاق ھالدا چىقىدۇ. كىيىنچە پۇت، قوللارغىمۇ چىقىدۇ. بىراق سانى ئازراق بۇلىدۇ. ئالقان ۋە تاپانغا چىقىدىغىنى تېخىمۇ ئاز بۇلىدۇ. 2،3كۈن ئەتراپىدا ئەسۋە تېخىمۇ چۇڭۇيۇپ ماشتەك، پۇرچاقتەك سۇقۇچاق سۇلۇق قاپارتمىغا ئايلىنىش بىرەر ھەپتە ئىچىدىلا قاپارتمىلا قۇرۇپ قاقاچلىنىش ۋە قاقاچ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: قاننى سۇۋۇتقۇچى، قىزىتما قايتۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

كىسەللىكنىڭ 3-4-كۈنلىرىگە بارغاندا ھەركۈنى ياكى كۈن ئارىلاپ قاينىتىلغان ئىلىمان سۇ بىلەن پۈتۈن بەدەننى يۇيۇندۇرۇش.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282