busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 2 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3822 قىتىم كۆرۈلدى

بالىلاردىكى مېڭە پەردە ياللۇغى(سەرسامى ئەتفال)

تۇنۇش: بۇ كىچىك بالىلار مىڭىسىنى ئوراپ تۇرغۇچى سۈڭەكلىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان نىپىز پەردىنىڭ ياللۇغى بۇلۇپ كىلىنكىدا يۇقىرى قىزىتما بۇلۇش،ھۇشىدىن كىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن  ئىپالىنىدىغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ بىرى كۈپۈنچە قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە يۈز بىرىدۇ. كىچىك بالىلار بۇلۇپمۇ ئەمچەك يېشىدىكى بالىلار كۆپرەك ئاغرىيدۇ.

سەۋەبى: بۇ كىسەل گەرچە يۇقۇملۇق كىسەل بولسىمۇ بۇ كىسەلنىڭ بالىلارغا يۇقىشىدا بالىلار مىزاجىدا بۇزۇلۇش تۆت خىلىتنىڭ ھەرخىل ئۇفۇنەت ۋە جاراسىملا رتۈپەيلىدىن بۇزىلىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا كىلىدۇ. بەزىدە باشقا كىسەللىكلەرنىڭ ئاسارىتىدىىمۇ بۇلىدۇ.

ئالامىتى: دەسلەپ زۇكامدەك بەلگىلەر كۈرۈلۈپ كىيىن قىزىتما، باش ئاغرىش ، ئارقىدىن چىدىغۇسىز باش ئاغرىش روھى كەيپىيات تۇتۇقلىشىش، ئەس ھۇشىنى يۇقىتىش، چۈچۈش، پۇرقۇپ قۇسۇش ، بېشى ئارقىسىغا قايتىپ قېلىش، باشنىڭ ئالدىنقى لىپىلدىقى پولتۇيۇپ چىقىش ، كۆز ئالمىسى تىترەش ۋە مىدىرلىماسلىق ، ئېغىرلاشقاندا كۈكىرىش، پۇت- قوللارمۇزلاپ كىتىش قاتارلىق ئېغىر ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: ياللۇغ قايتۇرۇپ ھارارەتنى پەسەيتىپ ھۆللۈك يەتكۈزۈش ۋە بەدەننى كۈچلاندۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282