busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 2 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3147 قىتىم كۆرۈلدى

بالىلاردىكى قۇلاق ئاستى بەز ياللۇغى (ئىلتىھابى غۇددەئى نەكفىييە)

تۇنۇش: قۇلاق ئاستى بەز ياللۇغى كىسىلى- قۇلاق يۇمشىقى ئاستىنىڭ ئالدى تەرىپىگە جايلاشقان بىرجۇپ بەزنىڭ ياللۇغلىنىشى بىلەن يەرلىك ۋە پۈتۈن بەدەنلىك بەلگە بىرىدىغان بىرخىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كىسەللىك بۇلۇپ كىلىنكىدا يۇقىرى قىزىتما بۇلۇش قۇلاق تۇۋى ئىششىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپالىنىدىغان يۇقۇملۇق كىسەللىك بۇلۇپ كۇپۇنچە ۋەبائى يۇسۇندا تارقىلىدۇ. ئاساسەن كىچىك بالىلاردا قىسمەن ئۇقۇش يېشىدىكى بالىلاردا يۈز بىرىدۇ. ھەمدە ئۆمرى ئىچىدە بىرقېتىمدىلا ئاغرىيدۇ.

ئالامىتى: كىسەللىك باشلىنىپ ساقايغىچە بولغان جەريانىدىكى ئالامەتلەر ئۈچ دەۋرگە بۈلىنىدۇ. دەسلەپكى دەۋردە كىسەللىك 20-10كۈنگىچە يۇشۇرۇن ھالەتتە بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن بىماردا ئىسىتما، قىزىتما پەيدابۇلىدۇ. بالا ھالسىزلىنىپ بۇشىشىدۇ. تاماق خالىمايدۇ. كىسەللىك ماددىسى قايسى تەرەپتىكى بەزدە بولسا شۇ تەرەپتىكى قۇلاق تۈۋى ئىششىپ قالىدۇ.

2- دەۋرگە كەلگەندە مەزكۇر ئىششىق ئېغىرلىشىپ قۇلاق ئاستى ۋە ئارقىسى ئىششىيدۇ. ئىششىق گەدەن ۋە بۇيۇنغا تارقىلىدۇ. ئاغرىش ۋە قىزىتما كۈچۈيۈپ تەدرىجى ھالدا يەنە بىرقۇلاق تۈۋىدىكى بەزلەردە ئىشىش، كۈزى ئېچىشىش، تاماق يىيىش، سۆزلەش قاتارلىقلاردا تۇسالغۇ پەيدا بۇلىدۇ. سۈيدۈك قۇيۇق، رەڭگى قارامتۇل ياكى قىزغۇچ كىلىدۇ، ئۇيقۇدىن جۆيلۈپ ئويغىنىدۇ. تىل ئۈستىگە قارامتۇل سېرىق گەز پەيدا بۇلىدۇ. بۇ ھالەت 7-5كۈنگىچە داۋام قىلىدۇ. 3- دەۋردە ئىششىق تەدرىجى يېنىشقا باشلايدۇ، قىزىتما تۈۋەنلەيدۇ بەزى بالىلاردا ئىششىق يانماي يىرىڭداپ ئېغىز ئالغاندىن كىيىن قۇسۇش پەيدا بۇلىدۇ. بە زى بىمارلاردا قۇلاق ئاقىدۇ. ئاز ساندىكى بىمارلار پاڭ بۇلۇپ قالىدۇ. قان بۇزۇلۇشتىن بولغىنىدا قۇلاق ئاستى بېزى ئىششىق بىلەن بىرگە ئاغرىش، قىزىرىش، كۈيۈشۈش تۇمۇرلار ئىسىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن بىرگە تىلنى سېرىق گەز باغلايدۇ. سۈيدۈكى سېرىق رەڭدە كىلىدۇ. بەلغەم خىلىتنىڭ ئۇفۇنەتلىنىشىدىن پەيدا بولغىنىدا ئىششىق ئاق رەڭلىك بۇلۇپ سىلىقلاپ تۇرىدۇ. قىزىش ۋە ئېچىشىش بولمايدۇ. تۇمۇرى بوش ۋە ئاجىز سالىدۇ. سۈيدۈكى ئاق رەڭلىك كىلىدۇ. غەيرى تەبىئى سەۋدادىن بولغىنىدا كۆيگەن سەۋداخىلىتنىڭ خاس ئالامەتلىرى كۈرۈلۈش بىلەن بىرگە سانجىلىپ ئاغرىش ۋە ئىششىق كۈرىلىدۇ. بىمارنىڭ ئۇيقىسى ئاز بۇلۇپ تۇلا يىغلايدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: قىزىتما ياندۇرۇش، بۇزۇق ماددىنى تازىلاش، قان تازىلاش، ئىشىق ياندۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282