busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 2 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3672 قىتىم كۆرۈلدى

ئۈچەي كىزىكى (ھۇممائى مۇھرىقە)

تۇنۇش: بۇ يۇقىرى قىزىتما بىلەن ئىپادىلىنىدىغان پۈتۈن بەدەنلىك ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كىسەل بۇلۇپ داۋاملىق يۇقىرى قىزىتما بۇلۇش، ھالرەڭ ئەسۋە چىقىش، تال، جىگەر چۇڭۇيۇش ئىچ سۈرۈش بىلەن ئۈتىدۇ. كۈپۈنچە ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كۈرىلىدۇ. بەلگىلىك تارقىلىشچانلىققا ئىگە ، 5ياشتىن تۈۋەن بالىلاردا كۆپرەك كۈرىلىدۇ. ئىككى ياشتىن تۈۋەن بالىلاردا نىسبەتەن ئازئۇچرايدۇ.

سەۋەبى: كىسەللىك ھەرخىل سەۋەپلەردىن ئۈچەي كىزىكى جاراسىمىدىن يۇقۇملىنىش ، تۆت خىلىتنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگۈرۈش قاتارلىقلاردىن كىلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: كىسەللىك جاراسىمى يۇققاندىن كىيىن 14-10كۈنگىچە يۇشۇرۇن ھالەتتە تەرەققى قىلىپ باشقا ئالامەتلەر كۈرۈلمەيدۇ. 15- كۈندىىن باشلاپ قىزىتما كۈرىلىدۇ. قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، بۇشۇشۇش، ھۆ بۇلۇش ئىشتىھاسىزلىق، ئۇسسۇزلۇق كۈپۈيۈش ئالامەتلىرى كۈرىلىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش: كىزىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن: ئالدى بىلەن تازىلىققا رىئايە قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاش، سۇ مەنبەلىرى بۇلغۇنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بالىلارنى سۇغۇق سۇ ئىچمەي، قايناقسۇ ئىچىشكە ئادەتلەندۈرۈش، يىمەكلىكلەرنىڭتازىلىقىنى ياخشىلاش سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغۇنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بالىلارنى سۇغۇق سۇ ئىچمەي قايناقسۇ ئىچىشسكە ئادەتلەندۈرۈش، يىمەكلىكلەرنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاش، تاماق ماددىلىرىغا چىۋىن قۇنۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، بالىلارنى تاماقتىن بۇرۇن تەرەتتىن كىيىن، قول يۇيۇشقا ئادەتلەندۈرۈش ، كىسەل كۈرۈلسە بالدۇرراق پەرىق ئىتىپ بالدۇرراق ئايرىپ داۋالاش، كىسەلنىڭ قاچا- قۇچا، كىيىم- كىچەكلەرنى ساق بالىلارنىڭكىگە ئارىلاشتۇرماسلىق، كىسەل بالىنىڭ چوڭ- كىچىك تەرەتلىرىنى ئاھاكلاپ كۈمۈش كىسەل ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى قاينىتىپ پاكىزلەش لازىم.

داۋالاش پىرىنسىپى: قىزىتما قايتۇرۇپ ھارارەتنى پەسەيتىش، مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بارىمىز.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282