busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 2 دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 2817 قىتىم كۆرۈلدى

قىزىلچە(ئىسكارلاتىنا- ھۇممائى قىرمىزىي)

تۇنۇش: قىزىلچە  گال ئاغرىش،قىزىش، قۇسۇش تىرىگە ئەسۋە چىقىش قاتارلىق بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بەزىدە كىسەل بالىنىڭ گال يۇتقۇنچاق ساھەسىدە يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا قىلىدىغان ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ھەرخىل سۇزۇلما خارەكتىرلىك كىسەللىك ئۆزگۈرۈشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىرخىل ئۆتكۈر ئۆزگۈرۈشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىرخىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كىسەللىك بۇلۇپ ھاۋا كىلىماتى مۆتىدىل بولغان جايلاردا كۆپرەك كۈرىلىدۇ. قىش ۋە ئەتىياز پەسىلدە 2ياشتىن 8ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.

سەۋەبى: قىزىلچە كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسى سەۋەپ يۇقۇش بۇلۇپ، ئادەتتە كىسەل بولغۇچى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش، كىسەلنىڭ تۈكۈرۈك چاچراندىلىرىدىكى جاراسىملارنىڭ ساق بالىلارغا ئۈتىشى نەتىجىسىدە كىلىپ چىقىدۇ. بەزىدە كىسەل جاراسىملىرى بىلەن بۇلغانغان كىتاپ ۋە ئۇيۇنچۇقلار ئارقىلىق يۇقۇشمۇ ئۇچرايدۇ. ئۇندىن تاشقىرى  ناچار تەبىئى شارائىت مەسىلەن: زەي، تار ئۆيلەردە ئولتۇرۇش ھاۋاسى سۇلۇقما جايلاردا ياشاش، بالىلارنىڭ تىنى ئاجىز، ئۇزۇقلىنىشى ناچار بۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئۇڭاي يۇقۇملىنىدۇ

ئالامەتلىرى: يۇقۇملانغاندىن كىيىن 2كۈندىن 4كۈنگىچە يۇشۇرۇن دەۋر بۇلىدۇ. يۇشۇرۇن دەۋرى ئۆتكەندىن كىيىن كىسەل جىددى باشلىنىدۇ. دەسلەپتە كىسەل بالا سۇغۇقتىن قورقىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. ئارقىدىن قىزىتىدۇ. داۋاملىق قىزىتىپ تۇرۇپ بىئارام بۇلۇپ ئۇسسايدۇ. قىزىتما ھەممە كىسەل بالىلاردا بىرخىل ئۆتمەيدۇ. بەزىلەردە ئېغىر بەزىلىرىدە يەڭگىل بۇلىدۇ . لېكىن تۇمۇرنىڭ سۇقۇشى قىزىتمىنىڭ يۇقىرلىق دەرىجىدىن ئېشىپ كىتىدۇ. كىسەل بالا كۆپ قوسىدۇ. چوراق بالىلار بولسا بېشى ۋە گېلىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرالايدۇ. بۇۋاق بالىلاردا كىسەل باشلىنىشتىلا چۈچۈش ۋە جۆيلۈش ئەھۋالى ئۇچرايدۇ. لېكىن بالىلار مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك بولسۇن، ھەممىسىدە ئوخشاشلا بىر ئۇمۇمى ئالامەت بۇلىدۇ. يەنى ھەممىسىنىڭ يۇتقۇنچاق قىسمى قىزىرىپ ئىششىپ ئاغرىيدۇ. ياللۇغلىنىش يالغۇز بادامسىمان بەز بىلەن چەكلىنىپ قالماي بەلكى كىچىك تىل يۇمشاق تاڭلاي تەرەپلەرگىمۇ كىڭىيىدۇ. بەزىلىرىدە بولسا ئاق رەڭلىك سىرغىپ چىققان يىرىڭدەك نەرسىلەر بۇلىدۇ. قىزىتمابىلەن بىللە بۇيۇن ئالدى تەرەپتىكى بەز چۇڭىيىدۇ، نەرسىلەرنى يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ. بۇ ئەھۋال 4،5كۈن داۋاملاشقاندىن كىيىن خۇددى تۇخۇ ئەت تىرىگە ئوخشايدىغان قىزىل رەڭلىك ئەسۋە چىقىشقا باشلايدۇ. ئەسۋە ئالدى بىلەن بۇيۇنغا چىقىدۇ. ئۇندىن كىيىن دۈمبە قولتۇق ئاستىدىن باشلاپ بىرنەچچە سائەت ئىچىدە گەۋدە ۋە قوللارغا تارقىلىپ ئەڭ ئاخىردا پۇتقا چىقىدۇ. ئەسۋىلەر بىر- بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان بەزى يەردە بىرتۇتاش داغقا ئوخشاش بۇلۇپ باسسا ئاغرىيدۇ. ئاساسەن قېتىشمايدۇ.

ئادەتە 3كۈندىن 5كۈنگىچە تۇرغاندىن كىيىن تەدرىجى يۇقىلىشقا باشلايدۇ. يۇقىلىش ۋاقتىدا ئەسۋىنىڭ رەڭگى قارامتۇل بۇلۇپ قالىدۇ. قىزىلچە كىسىلىدە چىققان ئەسۋە كىسەل بالىنىڭ ئاغزى چۆرىسىگە چىقمايدۇ. لېكىن بالىنىڭ ئېغىز ئىچىگە ھەتتا تاڭلىيىغىمۇ قىزىل رەڭلىك ئەسۋە چىقىدۇ. دەسلەپتە تىل ئۈستىنى كۈلرەڭ گەز باغلايدۇ. ئەسۋە چىقىپ بولغاندىن كىىن 3-4كۈن ئۆتكەندە تىلدىكى گەز تۈكۈلۈپ تىل يۈزى ئېچىلىپ كىتىدۇ.

ئەسۋە چىقىش مەزگىلدە ئىسىتمىسى بەك يۇقىرى بۇلىدۇ. ئەسۋە تۇلۇق چىقىپ بولغانىدن كىيىن ئىسىتمىسى تۈۋەنلەيدۇ. كىسەل بۇلۇپ بىرھەپتىدىن كىيىن، ئەسۋە قاسراقلىرى كىپەككە ئوخشاش تۈكۈلۈشكە باشلايدۇ. ئاۋۋال بۇيۇندىن باشلاپ ئاخىردا پۇتىنىڭ قاسراقلىرى تۈكىلىدۇ. ئەسۋە بۇيۇندىن بولغان جايلارنىڭ تىرىلىرى يۇغان يالپاق شەكلىدە چۈشىدۇ. بۇلۇپمۇ قول ۋە پۇتىنىڭ ئالقىنىنى چوڭ ياپىلاق شەكلىدە تىرە تاشلايدۇ. ئىكارلاتىنا كىسىلى يۇقۇملانغۇچى بالىنىڭ بەدەن ھالىتى، ئۇزۇقلىنىش ئەھۋالى ۋە ھاۋا كىلىماتىغا قاراپ بەزىلەردە يەڭگىل بەزىلىرىدە ئېغىر بۇلىدۇ. يەڭگىل ئۆتكەندە قىزىتمىسى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ. ۋە تىز يانىدۇ. چىقىدىغان ئەسۋە ئىنىق بولمايدۇ. كۈپۈنچە بىرئىككى كۈن ئىچىدىلا يېنىپ كىتىدۇ. لېكىن تاڭلايدا ئىنىق قىزىل داغ بۇلىدۇ. كىسەل بۇلۇپ بىرھەپتىدىن كىيىن تىرىلىرى كىپەكلىشىپ چۈشۈشكە باشلايدۇ. پەقەت شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ قىزىلچە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بۇلىدۇ. شۇڭا ۋاقتىدا داۋالانماي قېلىپ ئۇڭايلا بۆرەك ياللۇغى كىسىلى پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ. ۋە تىزلا باشقىلارغا يۇقۇپ كىتىدۇ.

ئېغىر ئۆتكەندە قىزىتمىسى يۇقىرى بۇلىدۇ. ئەسۋە ئېغىر چىقىدۇ. ئەسۋە ئۇزۇن داۋام قىلسا قانايدىغان سۆسۈن داغىقا ئايلىنىدۇ. بەزىدە خېلى ئېغىر قۇشۇمچە كىسەللىكلەرنى پەيداقىلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى: كىسەل بال ئىمكان قەدەر تىنىچ ۋە ئازادە مۇھىت يارىتىپ بىرىش لازىم. كارۋاتتا ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش بىلەن بىللە سۇيۇق يۇمشاق تاماقلار بىرىلىدۇ. ئۇسسۇلۇقىغا سۇۋۇتۇلغان قايناقسۇ بىرىش بىلەن بىللە بۆرەك ياللۇغى پەردابولغان- بولمىغانلىقىنى كۈزۈتۈپ تۇرۇش، سۈيدۈك مىقدارى ۋە سۈيدۈكنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسى، دۇغ بار يوقلىقىغا دىققەت قىلىش، چوڭ تەرەتنىڭ راۋان بۇلىشىغا كىپىللىك قىلىش لازىم.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282