busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 22 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 8034 قىتىم كۆرۈلدى

بالىياتقۇ بوينى راكى كىسەللىكىنڭ ئۇيغۇر تىبابەت پەرۋىشى

پىسخولوگىيە پەرۋىشى :

بمارنىڭ خىلىت ئالاھىدىلىكى ۋە مىزاجىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ پىسخىلوگىيە پەرۋىشى ئېلىپ بېرىلىدۇ.بىمارنى روھى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇپ داۋالاش پەرۋىش باسقۇچلىرىنى تەپسىلى چۇشەندۈرۈش ئارقىلىق ئارتۇقچە  غەم ئەندىشىدىن ساقلىنىش ھىسىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ  ،بىماردا خاتىرجەنلىك تۇيغۇسىنى تىكلەشكە ياردەم بىرىپ داۋالاش ۋە پەرۋىشكە ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇش ،سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە  بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بىرىش.

ئۇزۇقلۇق پەرۋىشى :

بىمارنىڭ خىلىت ئالاھىدىلىكى ،مىزاجى ۋە كىسەللىك ئۆزگىرشىگە قاراپ ماس كىلىدىغان ئۇزۇقلۇق پىلانى تۈزەيمىز.

1-ئاسان ھەزىم بۇلىدىغان ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يىمەكلىكلەرنى (كەپتەر شورپىسى ،شۆيلە، نارىن چۆپ) ئاساس قىلىمىز .مايدا ھوردا پىشۇرغان ئاچچىق چۈچىمەل ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يمەكلىكلەر (،كالا گۆشى ،تۇخۇم ،ھورنان ،لەڭپۇڭ)دىن چەكلىنىدۇ.

دورا پەرۋىشى :

بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا خىلىت ئۆزگىرشىگە ئاساسەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە

دورا بىرلىدۇ.  .مۇنزىچ ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

مۇنزىچنى تاماقتىن يېرىم سائەت كىيىن ئىسسىتىپ ئىچىلىدۇ،بۇجەرياندا زىيادە ھېرىپ چارچاش ،ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.بىمارنىڭ دورا ئىچكەندىن كىيىنكى دورىنىڭ تەسىرى ۋە ئەكىس تەسىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش لازىم.

مۇسھىل ئىچكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :

بىمارنىڭ ئىچكەن دورا مىقدارى ۋە ۋاقتىنى كۈزىتش ،دورىنىڭ رۇلى ۋە بىمارنىڭ ھاياتلىق بەلگىلىرى ،چوڭ كىچىك تەرىتى ،تىرە رەڭگى ،تىل گېزى ،كۆز ئېقى ،ئېغىز تەمى،سۇسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش ،بىمارغا كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىش،مىۋە-چىۋە سەي كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىىمال قىلىش تەۋسىيە قىلنىدۇ.

تۇرمۇش پەرۋىشى:

1-بىمارنى كىسلىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يىتەكلەپ ،تۇرمۇشنى رېتىملىق قىلىش ،زىيادە ھېرىپ چارچىماسلىق ،مۇۋاپىق ھەركەت قىلىش توغرسىدا چۈشەنچە بىرىلىدۇ.

2-شەخسى تازىلىققا دىققەت قىلىش ،بۇلۇپمۇ ھېيىز مەزگىلىدىكى تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش،ئەۋرەت قىسمىنى پات-پات ئىلمان سۇدا يۇيۇپ تۇرۇش ،ئىچ كىيىمنى ئازادە كىيىش،سۇنئى تالالىق كىيىملەرنى كىيمەسلىك،ئىچ كىيىملەرنى كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش،ۋاننىدا يۇيۇنماسلىق قاتارلىقلار تەكىتلىنىدۇ.

3-ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش،سوغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ،ئېغىرجىسمانى ھەركەتتىن ساقلىنىش لازىم.

4-بىمارغا مۇۋاپىق ئۇخلاش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش تەكىتلىنىدۇ.

تەييارلىغۇچى : ئاياللار كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282