busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 22 دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 13644 قىتىم كۆرۈلدى

ئەيدىز توغرىسىدا

    ئەيدىزنىڭ ئۈچ خىل تارقىلىش يولىغا قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش لازىم.

    1. جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

   جىنسىيەت ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلىش، جورىسىغا سادىق بولۇش ۋە بىخەتەر جىنسىي ئالاقە ئەيدىزنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق ئارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. سۈپەتلىك بىخەتەرلىك قاپچۇقى (گاندون) نى توغرا ئىشلىتىش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ خەتىرىنى ئازايتىدۇ. جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا ياكى جىنسىي كېسەلدىن گۇمان قىلغاندا، دەرھال بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ياكى مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىنىش لازىم.

   2. قان ئارقىلىق تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

   زەھەرگە يېقىن يولىماسلىق ۋە زەھەرنى چەكلەش لازىم. بەختكە قارشى زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالغۇچىلارنىڭ زەھەرنى تاشلىشىغا ياردەم بېرىش، ۋاقتىنچە مېتادون بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى (قامدىما داۋالاشمۇ دېيىلىدۇ) قوللىنىش، پاكىز يىڭنە، شپىرىس ئالماشتۇرۇپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىشنى ئۆزگەرتىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش كېرەك. ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى تەكشۈرۈلمىگەن قان، قان ياسالمىلىرى ۋە ئەزالارنى قوبۇل قىلماسلىق، قاتتىق دېزىنفېكسىيىلەنمىگەن شپىرىسلارنى ئىشلەتمەسلىك، باشقىلار بىلەن شپىرىس ۋە ساقال تىغى قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، بىر قېتىملىق شپىرىستا ئوكۇل ئۇرۇش تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش لازىم.

   3. ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلىدار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى، ناۋادا ھامىلىدار بولۇپ قالسا، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئويلىشىش كېرەك. تۇغۇشنى خالىغۇچىلارغا قارىتا چوقۇم ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن ئالدىنى ئېلىش، ئوپېراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى توسۇش، تۇغۇتتىن كېيىن بالىنى ئېمىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.

 شىنجاڭ گېزىتىدىن ئىلىندى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282