busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 22 دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 14925 قىتىم كۆرۈلدى

ئەيدىز توغرىسىدا

   1. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋە روشەن كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، دەپ ئاتىلىدۇ.

   2. ئەيدىزنىڭ يۇقۇم مەنبەسى ئەيدىز ئاغرىقى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز ئاغرىقىنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى، ئەزا توقۇلمىلىرىدا ياشايدۇ، يۇقۇملانغۇچى ۋە ئاغرىقنىڭ قېنى، ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى، سۈتى، يارا ئېغىزىدىن سىرغىپ چىققان سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە كۆپلىگەن ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇپ، ئۆتكۈر يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولىدۇ. ياش، شۆلگەي، تەر، سۈيدۈك ۋە تەرىنى قان ۋە يەللىك سۇيۇقلۇقى ئارىلاشمىغان بولسا يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولمايدۇ.

   3. بەدەن ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتقى مۇھىتتىكى كېسەل قوزغاتقۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايدىغان، ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان بىر مۇرەككەپ سىستېمىسى بار بولۇپ، ئادەتتە، ئۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى، دەپ ئاتىلىدۇ. ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى نورمال بولسا، ئادەم بەدىنىدە كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملارنى ۋاقتىدا يوقىتىدۇ ۋە ئۆسمە پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ لىمفا ھۈجەيرىلىرىدە كۆپىيىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.

   4. ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، قاندا ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى ھاسىل قىلىدۇ. قاندىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش ھازىر ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى تەكشۈرۈشتىكى تەجرىبىخانا ئۇسۇلى بولۇپ، ئادەتتە، ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئىشلىنىدۇ. يەنى، ئالدى بىلەن تاسقاپ تەكشۈرۈش تەجرىبىسى ئىشلىنىدۇ ھەم مۇسبەت چىقسا جەزىم تەجرىبىسى ئىشلىنىدۇ، جەزىم تەجرىبىسىدىمۇ مۇسبەت چىقسا ئاندىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

 شىنجاڭ گېزىتىدىن ئىلىندى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282