busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 22 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 21900 قىتىم كۆرۈلدى

ئەيدىز توغرىسىدا

    1. كۆزنەك مەزگىلى ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، قان تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق تاپقىلى بولىدىغان يېتەرلىك مىقداردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى ھاسىل قىلغۇچە بولغان مەزگىل كۆزنەك مەزگىلى، دېيىلىدۇ. ئادەتتە بۇ مەزگىل ئىككى ھەپتىدىن ئۈچ ھەپتىگىچە بولىدۇ. كۆزنەك مەزگىلىدە گەرچە ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بەدەندە ئەيدىز ۋىرۇسى بار بولىدۇ. شۇڭا. كۆزنەك مەزگىلىدىكى يۇقۇملانغۇچىلارمۇ ئوخشاشلا يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە بولىدۇ.

    2. يوشۇرۇن دەۋرى ئادەم بەدىنى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ تەخمىنەن يەتتە  يىلدىن ئون يىلغىچە ئەيدىز ئاغرىقىغا ئۆزگىرىدۇ، بۇ ۋاقىت يوشۇرۇن دەۋر، دەپ ئاتىلىدۇ. يوشۇرۇن دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن  يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى، ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى، سۈت ۋە ئورگانىزملىرىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇپ، يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە بولىدۇ. لېكىن سىرتقى قىياپىتى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدۇ.

    3.  ۋىرۇس سانى بۇ قاندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى يادرو كىسلاتاسىنىڭ ھەسسىلىك سانى (قىسقارتىلىپ ۋىرۇس سانى دېيىلىدۇ) بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىش دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش، داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىش، داۋالاش ئۈنۈمىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە ئاقىۋىتىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ.

    4. ئەبجەش داۋالاش ئۇسۇلى بۇ يەنە ‹‹يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەتۈر ئاغدۇرۇلغۇچى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش›› (HAART) دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق ئالىم، پروفېسسور خې دايى 1996 – يىلى ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى ئۈچ تۈرلۈك ياكى ئۈچ تۈرلۈكتىن كۆپ دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ داۋالاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنداق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ قوللىنىلىشى يەككە دورا ئىشلىتىشتە پەيدا بولىدىغان دورىغا چىدامچانلىقنى ئازايتىپ، ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىزگىنلەپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بەدەن ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قىسمەن، ھەتتا تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كېسەلنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىپ، ئاغرىقنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ.

   5.  ۋېرتىكال تارقىلىش بۇ ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا ۋېرتىكال تارقىلىشى بولۇپ، ئۇ مۇھىم بىر تارقىلىش يولى. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقىدۇ، تۇغۇتتا ھامىلە تۇغۇت يولىدا ئانىنىڭ ئاجرالما ماددىلىرى ۋە قېنى بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق؛ تۇغۇتتىن كېيىن ئانا سۈتىنى ئېمىتىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

 شىنجاڭ گېزىتىدىن ئىلىندى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282