busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 1 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4436 قىتىم كۆرۈلدى

ئاشقازان راكى

تونۇش:

ئاشقازان راكى ئاشقازان كېسەللىكلىرى ئىچىدىكى ئەڭ خەتەرلىك، ئاقۋىتى ناچار كېسەللىكنىڭ بىرى بولۇپ، راك ئۆسمىسى كۆپىنچە ئاشقازان ئاغزىغا يىقىن يەردە ياكى 12 بارماق ئۈچەي بىلەن ئاشقازان تۇتاشقان چايدا پەيدا بولىدۇ.

ئاشقازان ئاغزىغا يېقىن پەردە بولغىنىدا ئاشقازاننىڭ كىرىش ئېغىزى شۇ قەدەر تارىيىپ كېتىدۇكى قىزىل ئۆڭگەچتىن تاماق ماددىسى ئۆتمەي قۇسىدۇ. ئاشقازاننىڭ چىقىش ئېغىزىدا بولغىنىدا ئۈچەيگە تاماق ئۆتمەي ھەممىسى يىنىپ چىقىدۇ.

سەۋەب:

بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. كۆپىنچە قاننىڭ پوزىلترىن، ئىرسىيەت ئامىلى، ئۇندىن باشقا ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارلىنىش ۋاقتىدا داۋالىمىغاندىن پەيدا بولۇش مۇمكىن.

كىلىنىك ئىپادىسى:

ئاشقازان راكنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى كىلىنىك ئىپادىسى دائىم رۇشەن بولمايدۇ.ئاشقازان راكنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىك ئالامىتىگە ئالاھىدە دېققەت قىلىش لازىم.

ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى كىلىنىك ئىپادىسى دائىم روشەن بولمايدۇ. ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىك ئالامىتىگە ئالاھىدە دېققەت قىلىش لازىم. ئاشقازان راكىنىڭ دەسلەپكى دەۋىرىدە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

(1) قورساق يۇقىرى قىسمى بىئارام بولۇش.

 (2) ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش.

(3) ئورۇقلاش

 (4) كۆڭۈل ئېلىشىپ قۇسۇش

 (5) باشقا ھەزىم ناچارلىشىش ئالامەتلىرى، مەسىلەن:كىكىرىش، ئاچچىق سۇ ياندۇرۇش، ئاشقازان كۆپۈپ قۇسۇش قاتارلىقلار ۋە پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇپ كېچىدە بەك ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش:

بۇ كېسەلنىڭ داۋاسى ئىنتايىن قىيىن. يېڭى باشلانغاندا پەرق ئېتىپ، بالدۇر قېتىرقىنىپ داۋالانسا ساقايتىش ئۈمىت بار. بۇنىڭدا، راك ھۈجەيرىلىرىنى يوقاتقۇچى ئىچىش تۈرىدىكى دورىلارنى بىرىش بىلەن بىرگە ئېغىرلىشىش ۋە قۇسۇش، ئىچىشنى پەسەيتكۈچى دورىلاردىن ئىشلىتىپ داۋالاش ئېلىپ بىرىش كېرەك.

 تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282