busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 11 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 7419 قىتىم كۆرۈلدى

ئاق كىسەل

1- تۇنۇش.

  ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تىرىنىڭ مەلۇم قىسىمى ياك كۆپ قىسىمى ھەتتا پۈتۈن بەدەن تىرىسىنىڭ ئەسلى رەڭگى ئۆزگىرىپ ئاقىرىپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ، لىكىن سالامەتلىك بىلەن ھاياتلىق ۋە تۇرنۇشتا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ، تىرە گۈزەللىكىگلا تەسىر يەتكۈزۈپ بىمارغا روھىي ئازاپ كەلتۈردىغان تۇنۇش بىر قەدەر ئاسان، داۋالاش نىسبەتەن قىيىنراق بولغان يۇقۇمسىز سوزۇلما خاراكتېردىكى تىرە كسىەللىكلىرىدىن ئىبارەت.

 2- كىسەللىك سەۋەپلىرى ؛

    1) خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى:

(1) بەدەندە بەلغەم خىلىتىنىڭ مىقدار جەھەتتىن ئارتىپ كىتىشى.

(2) بەلغىمى شوردىن ھاسىل بولىدۇ، بەلغەم+ سەپرا.

(3) مۇرا تەملىك بەلغەم خىلىىتىدىن  بولىدۇ. بەلغەم+سەۋدا

(4) سەۋدا ۋە سەۋپرا خىلىتىلىرىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشىدىنمۇ بولىدۇ.

2) رەئىس ئەزالار خىزمىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى.

3) ئۇدۇم ئامىلى،

4) قان ئازلىق.

5) خىمىيەلىك ئامىللار.

6) بەزى كىسەللىكلەردىن ئاسارەت سۈپىتىدە پەيدا بولىدۇ.

7) تازىلىق .

8) يىمەك-ئىچمەك.

9) مۇھىت.

3-پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكى:

 ئاق كىسەل ئۇمۇمىي بەدەن تىرىسىنىڭ ھەر قانداق ئورۇندا پەيدا بولىشىدىن قەتئىي نەزەر. يەنە ئىغىز ئىچى، كالپۇك، جىنسىي لەۋ قاتارلىق شىللىق پەردىلەردىمۇ پەيدا بولىدۇ.

لىكىن بەدەن تىرىسىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدا پەيدا بولۇش نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ.

  ئاق كسەل كىشىلەرنىڭ يېشى، جىنسىي، مىللەت، ئىرىق پەرقىگە قارىماستىن ھەر قانداق ياش، ھەر قانداق جىنىس ھەر قانداق مىللەت، ئىرىقتىكىلەردە پەيدا بولىدۇ.

 بەدەن تىرىلىرىدىكى پەيدا بولۇش ئورنى ۋە نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ. بولۇپمۇ بويۇن، گەۋدە ، يۈز قىسىم، باش، بارماق، بېغىش، جەينەك ، بەل، توققۇز كۆز ۋە ئەۋرەت ساھەسى قاتارلىق جايلار تىرىسىدە ، نىسبەتەن كۆپرەك پەيدا بولىدۇ.

  پەسىل جەھەتتە:  كۆپىنچە كۆز ۋە قىش پەسىللىرىدە ئۇچرايدۇ. ياكى كېڭىيىپ تەرەققىي قىلىپ، ياز پەسلىدە يىنىكلەيدۇ. ياكى تەرەققىياتى ئاستىلايدۇ. سوغۇق جايلارغا قارىغاندا ئىسسىق جايلاردا ، شەھەرلەرگە قارىغاندا يېزا-قىشلاقلاردا ياشىغۇچىلاردا نىسبەتەن ئازراق بولىدۇ.

4- كىلىنكىدىكى تۈرلەرگە بۆلىنىشى.

ئاق كىسەل كىلىنكىدا :

1)           رەڭگىگە قاراپ: ئاق بەرەس ۋە قارا بەرەس دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

2)          داغنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە قاراپ

چىكىتىسمان ئاق داغ ۋە ياپىلاق ئاق داغ دەپ ئىككى تىپقا بۆلىنىدۇ.

كىلىنكىدا: چىكىتسىمان ئاق داغ بىلەن ياپىلاق ئاق داغنىڭ ئارلىشىپ كىلىش نىسبىتى خېلى يۇقىرى بولۇپ، بۇ كىسەللىكنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن.

3)           ئاق داغنىڭ بەدەنگە تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ:

سىمىتىرىك ئاق داغ ۋە سىقىتىرىكسىز ئاق داغ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

پەيدا بولۇش نسىبىتى: سىمىتىرىك ئاق داغ %52.25

سىمىتىرىكسىز ئاق داغ:  % 47.5

4)          تىرە قەۋىتىنىڭ زەخمىلىنىش دەرىجىسىگە قاراپ:بەرەس ۋە بەھەق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ.

5)     تىرە قسىمىغا تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ:

 (1) كەڭ دائىرلىك (تىرىنىڭ ھەر قايسى قىسىمدا پەيدا بولىدىغان سىمىتىرىك تىپى)

(2) تار  دائىرلىك(تىرىنىڭ مەلۇم قىسمىدا سىممىتىرىكسىز پەيدابولىدىغان تىپى)

(3)بۆلەكلەر تىپى (نىرۋا شاخچىلىرىنىڭ يۆلىنىشىنى بويلىپ تارقىلىدىغان پەيدا بولىدىغان تىپى)دەپ ئۈچ تىپقا بۆلىنىدۇ.

پەيدا بولۇش نىسبىتى: كەڭ دائىرلىك %51.2، دائىرلىك تىپى %32، بۆلەكلەر تىپى %16.8

6)  ئاق داغنىڭ ئىپادىلىنىشىگە قاراپ:

 (1) ئاشكارە ئاق داغ

 (2) يۇشۇرۇن ئاق داغ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. يۇشۇرۇن تىپتىكى ئاق داغ تىرىنى ئاپتاپقا قاقلاپ ساق تىرە كۈن نۇرىدا قارىغاندا ئاندىن بايقىلىدۇ.

7) ئاق داغنىڭ تەرەققىيات ھالىتىگە قاراپ: تۇراقلىق تىپ ۋە تۇراقسىز تىپ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىندۇ.

ئاق كىسەلنىڭ ئىپادىسى:

ئاق كىسەل پەيدا بولىشىدىن ئىلگىرى ئۇمۇمىي بەدەن ياكى يەرلىك ئورۇن تىرىسىدە ھىچقانداق ھىسسىي ئالامەتلەر بولمايدۇ. ئەمما ئايرىم زىيادە سىزىمچان كىشلەردە، ئاق كىسەلنىڭ يۇشۇرۇن تىپىدا يەرلىك ئورۇندا يىنىك دەرىجىدە قىچىشىش ياكى ئېچىشىشقا ئوخشاش غەيرى سىزىم پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل تىپى ئاشكارە ئىپادىلەنمەستىن ئاپتاپتا قاقلىنىپ، ساق تىرىلەر قارايغاندا، ياكى لوپا ئەينەك بىلەن تەكشۈرگەندە ، ئاندىن بايقىلغىلى بولىدۇ.

  ئاشكارە تىپىدا: تىرىدە ھەر خىل چوڭلۇقدا ياپىلاق ياكى چىكىتسىمان ئاق داغ پەيدا بولىدۇ. نورمال تىرە بىلەن چىگىرسى ئىنىق كۆپىنچە سىمتىرىك ، بۇ خىل داغلار تەدرىجى كېڭىيىپ ، ئۆز ئارا تۇتۇشىپ مەلۇم ئەزا ياكى پۈتۈن بەدەننى قاپلايدۇ. ئاق داغ ئورنىدىكى تىرە  قەۋىتىنىڭ زەخمىلىنىش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ كىلىنىك ئىپادىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر زەخمىلىنىش دەرىجىسى ئۈزەكى تىرىدە بولسا ، ئاق داغ يۈزى ئېقىش، تىگى سۈس قىزغۇچ يۈزى ئامچە سىلىق ئەمەس زىمادلارنى ئاسان قۇبۇل قىلىدۇ. قول بىلەن ئوۋۇلىغاندا ياكى ئاپتاپتا قاقلىغاندا ئاسان قىزىرىدۇ. بەدەن تەرلىگەندە تەرلەيدۇ. ھەم ئەتراپقا قاراپ كېڭىيىدۇ ۋە قىچىشىدۇ. يىڭنە سانجىغاندا قان چىقىدۇ. كىپەكلىشىدۇ. تۈكلەر ئاقارمايدۇ. ھەر خىل سىزىم نورمال بۇ تىپى بەھەق دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر زەخمىلىنىش دەرىجىسى ھەقىقىي تىرە ، تىرە ئاستى توقۇلمىسى، ھەتتا مۇسكۇل سۆڭەكلەردە بولسا ، ئاق داغ قېلىش، سۈرۈك سىلىق ھەم پارقىراق بولۇپ، قول بىلەن بېسىپ ئوۋۇلىغاندا ياكى ئاپتاپقا قاقلىغاندا ئاسانلىقچە قىزارمايدۇ. زىمادلارنى ئاسانلىقچە قۇبۇل قىلىمايدۇ. ئۇستىدىن زىمادلارنى بېسىپ سۈرتكەندە ئاندىن ئۆزىگە ئالىدۇ. ۋە قىزىرىدۇ. كىپەكلىشىدۇ. سىزىم ئوخشىمغان دەرىجىسىدە تۆۋەنلەيدۇ. يىڭنە سانجىغاندا قان چىقمايدۇ. ئېىقىش، يېپىشقاق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ. تەرلىمەيدۇ، تۈكلەر ئاقىرىدۇ. ئاق كىسەلنىڭ بۇ خىل تىپى بەرەس دەپ ئاتىلىدۇ.

بەرەس بىلەن بەھەقنىڭ ئىپادىلىنىشىدە يۇقارقىدەك پەرىقلەر بولسىمۇ لىكىن داۋالاش پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش چۈنكى كىسەل پەيدا قىلىغۇچى سەۋەپلىرى ئوخشاش لىكىن بەھەق يازدا، بەدەن تەرلىگەندە كېڭىيىپ تەرەققىي قىلىدۇ. دۋالاشتا بەھەقنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى لىكىن قايتا قوزغىلىدۇ، بەرەسنىڭ داۋانى قۇبۇل قىىلىشى تەسرەك ساقىيىش نىسبىتى تۆۋەن ، داۋالاش جەريانى ئۇزۇن ، بەھەقنى داۋالاشتا ، ئاپتاپقا قاقلىسىمۇ بولىدۇ.

  بەھەق كۆپىنچە ھاللاردا كۆكرەك بويۇن، تاغاق، يۇقىرقى بىلەك ، قورساق ساھەلىرىدە كۆپرەك پەيدا بولىدۇ. ياشلاردا نىسبەتەن كۆپ كۆرلىدۇ. ياز پەسلىدە كۆپ قۇرغىلىپ، قىش ۋە كۈز پەسلىدە يىنىكلىشىدۇ.

يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن بەھەق بىلەن بەرەسنىڭ مۇقەددىمىسى بەرەس بولسا بەھەقنىڭ نەتىجىسى دىگەن خۇلاسىگە كىلىمىز. ياكى بەھەقنىڭ ئاق كىسەلنىڭ يۈزەكى باسقۇچى ، بەرەسنى ئاق كسىەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دىگەن خۇلاسىگە كىلىمىز.

بەرەستە يۇقۇرقىدەك تىپىك ئىپادىلەر كۆرۈلەندىن سىرىت بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قان تىپى ۋە قان زەردابىدىكى مىكروئىلمىنىتلار ۋە چىچىنى تەكشۈرگەندە نۇرغۇنلىغان ماددىلارنىڭ تۆۋەنلىكىنى: ئىلىكتىرونلۇق مىكروسكوپ ئاستىدا يەرلىك ئورۇندىكى ئۈزەكى تىرىنى كۆزەتكەندە ئاساسىي قاتلام تىكەنلىك قاتلام، دانلىق قاتلام، ھۈجەيرىلىرىنىڭ سەل كىڭىيىپ ،ھۈجەيرە ئارلىق سويۇقلۇقىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىن قارا رەڭ پىگىمىنىت تەنچىلىرىنىڭ يوقالغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ.

   يۇقارقىلاردىن باشقا ئاق كىسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كىسەللىك تارىخىنى سۈرۈشتۈرگەندە ، بىماردا ئىلگىرى روھىي جىددىيلىك غەم قايغۇ نىرۋا ئاجىزلىق، روھىي زەربە ، روھىي چۈشكۈنلۈك قاتارلىق روھىي ۋە نىرۋا سىستىمىسىغا ئائىت ئالامەتلەر ھەم ئىچكى سېكتىرىيە سىستىما خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچىرغانلىق تارىخىنىڭ بار-يوقلىقى ، بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كىيىن تەدرىجى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاق كىسەلنىڭ يۈز بىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا روھىي ۋە نىرۋا ئامىللىرىنىڭ مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

 سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى:

1)     بەھەقتىن پەرىقلەندۈرلىدۇ. (يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتۈلدى)

2)    ماخاۋ ( جورام) كىسىلىدىن چۈشىدىغان ئاق داغدىن پەرىقلەندۈرلىدۇ.    جورام كسىلىدە تىرىگە چۈشىدىغان ئاق داغ تەرتىپسىز شەكىلدە بولىدۇ. دەسلەپ ئاقۇش بولۇپ، كىيىن ئاچ سېرىق ، ئاچ قىزىل ياكى خورما رەڭىگە ئۆزگىرىدۇ، ساق تىرىدىن سەل كۆتۈرلۈپ چىقىدۇ. داغ چۈشكەن جاي سىزىمىنى يوقىتىدۇ.

تىرىدە قىسمەن سويۇلۇش بولىدۇ، قىچىشىشمايدۇ. تەرلىمەيدۇ ئاغىرمايدۇ. ئۇمۇمۇي بەەندە جورام كىسىلىگە خاس ئالامەتلەر كۆرلىدۇ، قان تەكشۈرگەندە جورام مىكروپى چىقىدۇ، يۇقۇملۇق بەدەندە قىزىتما بولىدۇ. شىر يۈزىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئاپتاپتىن قاچىدۇ. داۋالىغاندا ئاپتاپتا قاقلىنىدۇ.

3)     سىفلىس كىسلىدىكى ئاق داغدىن پەرىقلىنىدۇ.

سىفلىس كىسىلىدىمۇ تىرىدە ئاق داغ پەيدا بولىدۇ، بەدەندە سىفلىسنىڭ باشقا ئالامەتلىرى بىرگە قوشۇلۇپ كىلىدۇ. قان تەكشۈرگەندە سىفلىس ھەم پارقىلراق بولمايدۇ.

4)    بەدەن تەمرەتكىسىدىن پەرىقلەندۈرۈش

 مەزكۇر كىسەل كۆپىنچە بويۇن ، غول، كۆكرەك، ۋە قۇرساق قىسملارغىغچە تارقىلىدۇ. رەڭگى ئاق چىگىرسى ئىنىق كىپەكلىشىدۇ. تىرە تاشلاپ قىچىشىدۇ.

5)     ياشانغانلاردىكى ئاق داغدىن پەرىقلەندۈرۈش.

كۆپنىچە 60ياشتىن ئاشقانلارنىڭ قورساق ۋە دۈمبە قىسمىلىلىرىدا چوڭلىرى تەڭگىدەك كىچكلىرى چىكىتتەك ئاق داغلار پەيدا بولىدۇ. بۇ ياشانغانلاردىكى قۇۋەت ئىممۇنىت كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ، بەدەن ئاجىزلىشىپ، تىرە ئىلاستىكلىقىنى يوقۇتىپ قۇرغاقلىشىپ ، رەڭ پىگىمىنىت ھۈجەيرىلىرىنىڭ چىكىنشىگە باشلىغانلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى

6)    تەڭگە تەمرەتكە ئاسارىتىدىكى ئاق داغدىن پەرىقلەندۈرۈش:

 مەزكۇر كىسەل تەڭگە تەمرەتكە ساقايغاندىن كىيىن پەيدا بولۇپ 3ئايدىن بىر يىلغىچە ئۆزلىكىدىن ساقىيدۇ. قىچىشىدۇ، قاسراقلىنىدۇ، تۆكۈلىدۇ.

7)     كۆيۈك ،سىرتقى زەخمىلەردىن كىيىن پەيدا بولىدىغان ئاق داغدىن پەرقلىنىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى:

1)     يىمەك ئىچمەكتە پەرھىز تۇتۇش.

2)    مىزاجنى تەڭشەش

3)     خاس دورىلار بىلەن قۇۋەت دورىلىرىنى بىرگە ئىشلىتىش.

4)    ئاپتاپقا قاقلاپ سىرتىدىن دورا ئىشلىتىش.

5)     روھىي داۋالاش

1-      يىمەك ئىچمەكتە داۋالاش

 مەقسەت:

(1)        مىزاجنىڭ داۋاملىق بۇزلىشىنى توسۇش.

(2)       بىمارغا تەبىئىي ئىسسىق يىمەكلىكلەرنى بۇيرۇش ئارقىلىق جىگەردىكى تەبىئئىي ھارارەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خىلىتلارنىڭ داۋاملىق خام قېلىشىنى توسۇس. ياكى خىلىتلارنىڭ پىشىشىنى تىزلىتىش.

(3)        غەيرى تەبىئىي مىزاجنىڭ تۈزۈلىشىگە شارائىت يارتىش .

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى