busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 6366 قىتىم كۆرۈلدى

باش تەمرەتكىسى

1.تونۇش :

بۇ بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدىغان ، باش قىسمىنىڭ بىر جارسىملىق يۇقۇمدىن پەيدا بولىدىغان سوزۇلما تىرە كىسەللىكىدۇر.

2.     كىسەللىك سەۋەپلىرى:

1)        بۇزۇلغان بەلغەم خىلىتى قانغا ئارلىشىپ ،غەيرى تەبىئىي قۇيۇق خىلىت پەيدا بولىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

2)       يۇقۇملىنىش.

3)        يوقۇش

4)       تازىلىق.

 3. پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكى:

بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردە كۆپ يۈز بىرىدىغان ، بەزىدە چوڭ ياشتىكىلەردىمۇ كۆرىلىدۇ. كۆپىنچە باشنىڭ چاچ ئۆسكەن تىرىسىدە پەيدا بولغاندىن سىرىت، بەزىلەردە بويۇن، قۇلاق ئەتراپى، ماڭلاي قاتارلىق ئورۇنلارغىمۇ كېڭىيىدۇ.

 4. تۈرى

باش تەرەتكىسى كىلىنكىدا: سېرىق تەمرەتكە ، ئاق تەمرەتكە، قارا چىكىتلىك تەمرەكتە ۋە يىرىڭلىق تەمرەتكە دەپ تۆت تىپقا بۆلىنىدۇ.

1-    باش سېرىق تەمرەتكىسى

 سېرىق باش تەمرەتكە زەمبۇرۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاستا خاراكترلىك يۇقۇملۇق تىرە كىسەللىكىدىن ئىبارەت. ئادەتتە (تاز)دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى سېرىق تەمرەتكە زەمبۇرۇغى ئاساسەن چاچ ۋە تۈك خالتىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، چاچنى زەخمىلەندۈرىدۇ. ھەم تارتۇق ۋە مەڭگۇلۇق چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا تاز يارىسى ياكى تاز دەپ ئاتىلىدۇ.

   كىلىنك ئىپادىسى:

  دەسلەپ تۈك خالتىسى ئەتراپلىرىدا يىنىڭ دەرىجىدە ياللۇغلىنىش رىئاكسىيەسى يۈز بىرىدۇ. ياللۇغلانغان تۈك خالتا ئېغىزى ئەتراپىدا دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولۇپ، كىيىن يىرىڭلىق قاپارتىقۇغا ئايلىنىدۇ. تىشىلگەندىن كىيىن يىرىك سىرغىپ چىقىپ قۇرۇپ قېتىشىپ گۈڭگۈرت سېرىقسىمان رەڭلىك كىپىنەكسىمان كىچىك قەقەچ پەيدا بولىدۇ. قاقاچ ئوتتۇرسىنى چاچ تىشىپ چىقىدۇ. بۇ سېرىق تەمرەتكە قاقىچى دەپ ئاتىلىدۇ. مانا بۇ مەزكۇر كىسەللىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

  دەسلەپ تىرە تارقاق زەخمىلىنىپ كىيىن تەدرىجى بىرلىشىپ، توپلىشىپ، ئاقامتۇل سۈر رەڭگىدە بولىدۇ. ئۈستىگە ئىسپىرىت سۈركىسە گۈڭگۈرىت رەڭگىگە ئوخشاش سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.

 سېرىق تەمرەتكە قەقىچى خېلى مەھكەم چاپلىشىپ ، ئاسان سويۇلمايدۇ. قاقاچنى سويىۋەتكەندىن كىيىن ئاستىدا قىزىل، سىلىق يۈزە يارا يۈزى ئېچىلىپ قالىدۇ. ساقايغاندىن كىيىن ئاتروپىيەلىك تاتۇق بولۇپ قالىدۇ. باش خۇددى چاشقان سۈيدىكىگە ئوخشاش سېسىق پۇرايدۇ. كىسەللەنگەن چاچ قۇرۇپ، سارغىيىپ ، ئىنچىكىلەپ، بوشاپ، ئاسان چۈشۈپ كىتىدۇ. تۈك ئاساسى ماددىسى ۋە تۈك خالتىسى بۇزۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن ئەڭ ئاخىرى مەُڭگۇلۇق تاتۇق ۋە چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاغىرمايدۇ. لىكىن يىنىك دەرىجدە قىچىشىدۇ. كسىەللىك جەريانى ئاستا، ئۆزلىكىدىن ساقايمايدۇ. سېرقك تەمرەتكە زەمبۇرۇغى بەزىدە تىرناق پىلازمىسىنى ۋە ئەتراپ باشقا سىلىق تىرىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ، سېرىق پەيدا قىلىدۇ.

   دىئاگىنوزى:

1.         ئۇچىرشىش تارىخى: ئائىلە، ئۇرۇق-تۇققان، خوشنىلار ياكى كوللىكتىپ ئارسىدا يۇقۇملاندۇرغۇچى بولىدۇ.

2.        كىلىنىك ئالاھىدىلىكى . 3چوڭ كىلىنىك ئالاھىدىلىكى.

3.        باش تىرىسىدىن باشقا %12تىرناق ، بارماق ۋە ئەتراپ سىلىق تىرىلىرىگىچە كىڭىيىدۇ.

4.        كىسەللىك جەريانى ئۇزۇن، نەچچە يىلغىچە سۈزۈلىدۇ. ياكى ساقايمايدۇ.

5.    ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى ئاستىدا، كىسەللەنگەن چاچنى تەكشۈرگەندە خۇنۇك يىشىل، قارامتۇل يىشىل رەڭدە جۇلالىنىدۇ. ياكى پارقىراق نۇر بىرىدۇ.

6.        مىكروسكوپتا كىسەللەنگەن چاچنى تەكشۈرگەندە زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى ۋە سىپۇرىلىرى كۆرلىدۇ.

2-باش ئاق تەمرەتكىسى

ئاق تەمرەتكە – تۆمۇر دېتى رەڭلىك كىچىك سىپورلىق مويسىمان باكتىريە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كۆپىنچە ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەردە كۆپ كۆرلىدۇ. دەسلەپ، باش تىرىسىدە ،كۈلرەڭ ئاقۇش رەڭلىك ، تارقاق ، چوڭ كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ، يۇمىلاق ياكى رەتسىز ، چىگىرسى ئىنىق بولغان، كۈلرەڭ تەُڭگە قاسراقلىق ئەسۋە پەيدا بولىدۇ. كىيىن شۇ ئۇرۇندىكى چاچلارنىڭ پارقىراقلىقى يوقۇلۇپ چۈرۈكلىشىپ 0.5مىللىمىتىر ئىگىزلىكتىلا چۈشىدۇ. قالدۇق چاچ غولىنى زەمبۇرۇغلارنىڭ ئورىۋىلىشى بىلەن سىرتقى ئەتراپىدا ئاقۇش رەڭلىك غىلايسىمان قاقاچ ھاسىل بولىدۇ. تاتۇق ھاسىل بولمايدۇ، بالاغەتلىك دەۋىرىگە يەتكەندە ئۆزلىكىدىن ساقىيىدۇ.

دىئاگىنوزى:

1.       بۇ كۆپىنچە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلاردا، بولۇپمۇ قىزلارغا قارىغاندا ئوغۇللاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.

2.      كۆپلىگەن بىمارلاردا روشەن ھالدىكى يۇقۇملىنىش مەنبەسى بىلەن ئۇچراشقانلىق تارىخى بولىدۇ.

3.       تىپىك كىلىنىڭ ئىپادىسى

4.      كىسەللىك جەريانى ئاستا، بىر نەچچە يىلغىچە داۋاملىشىدۇ.

5.       ئولتىرا بىنەپشە نۇرىدا تەكشۈرگەندە ، يۇرۇق يېشىل رەڭدە نۇر بىرىدۇ.

6.      مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە ، زەمبۇرۇغ سىفۇرلىرى ۋە لىچىنكىلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ.

7.       نۇسخا ئېلىپ ئۆستۈرگەندە ، زەمبۇرۇغ تۇرلىرىنى ئىنىق بىلگىلى بولىدۇ.

  سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى:.

1.      ماي تېشىش خاراكتېرلىك تىرە ياللۇغىدىن پەرىقلىنىدۇ.

 زەخمە يەرلىك ئورۇندا بولۇدۇ. ياللۇغ ئېغىر بولىدۇ. قىچىشىش كۈچلۈك بولىدۇ.

2.     تەڭگە تەمرەتكىدىن پەرىقلەندۈرلىدۇ.

3- باش قار چىكىتلىك تەمرەتكە .

قارا چىكىتلىك تەمرەتكە : رەڭلىك تەمرەتكە زەمبۇرۇغى بىلەن چاچ چۈشۈرگۈچى تەمرەتكە زەمبۇرۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  كىلىنىك ئىپادىسى:

    بۇ ئادەتتە قارا تەمرەتكە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆپىنچە كۆپ ئۇرۇندا چاچما ئورۇنلاشقان. چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان يۇمىلاق ياكى ئىللىپىس شەكىللىك داغدىن ئىبارەت بولۇپ، يەرلىك ئورۇن باش تىرىسىدە ئاز مىقداردىكى كۈلرەڭ ئېقىشقا مائىل نىپىز قاسراقچىلار بولىدۇ، زەخمىلەنگەن ئورۇندىكى چاچ باش تىرىسىدىن چىقىشى بىلەنلا سۇنۇپ كىتىدۇ. شۇڭا تۈك خالتىسىنىڭ ئېغىزدىكى سۇنغان چاچلار قارا چىكىتتەك كۆرىنىدۇ. ئايالپ ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقايمايدۇ. شۇڭا قارا چىكىتلىك تەمرەتكە دەپ ئاتالغان.

   بەزىدە كىسەللىك ئورۇندىكى چاچ باش تىرىسىدىن 0.5مىللىمىتى ئوزۇنلۇقتا قىرقىلىپ پەرىقلەندۈرۈش لازىم. ئوخشىمىغان دەرىجىدە قىچىشىدۇ. تۈك خالتىلىرى بوزۇلۇپ، تەمرەتكە ساقايغاندىن كىيىن توچكىسىمان تاتۇقلۇق چاچ چۈشۈش ئاسارەت بولۇپ قالىدۇ.

  دىئاگىنوز:

1.      يۇقۇملىنىش مەنبەسى بىلەن ئۇچراشقانلىق تارىخى بولىدۇ.

2.      كىلىنىك ئىپادىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

3.     ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەردە ئاز ساندا چوڭلاردا ، ئەرلەردە كۆپ كۆرلىدۇ.

4.     كىسەللىك باش تىرىسدىن باشقا قول-پۇت بارماق تىرناقلىرىغىچە ھەم سىلىق تىرىگىچە تارقىلىدۇ.

5.     ئوتىرا بىنەپشە نۇردا كىسەللەنگەن چاچنى تەكشۈرگەندە پارقىراقلىق نۇر بولمايدۇ.

6.     مىكروسكوپتا كىسەللەنگەن چاچنى بىۋاستە تەكشۈرگەندە بوغۇمسىمان زەمبۇرۇغ سىپۇلىرى ۋە يىپچىلىرى كۆرىنىدۇ.

7.     ئۆستۈرگۈچى كىسەللەنگەن ئورۇندىن نۇسخا ئېلىپ ئۆستۈرگەندە ھەر خىل زەمبۇرۇغ تىپلىرىنى ئىنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

4- باش يىرىڭلىق تەمرەتكىسى

مەزكۇر كىسەل: زەمبۇرۇغ سىپورىلىرى بىلەن يۇقۇملانغان ئىت كەلتۈرۈپ چىقىرىدغان باش قىسىمدىكى ئاغرىقسىز ، لوقۇلداش خاراكتېردىكى يىرىڭلىق ئىششىقتىن ئىبارەت.

  دىئاگىنوزى:

1.      بالىلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئاياللاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.

2.     كىسەل تارىجى : كۆپىنچىلىرى كىسەللەنگەن ھايۋانلار بىلەن ئۇچىرشىشىدىن يۇقۇملىنىدۇ.

3.  كىلىنىك ئىپادىسى: تۈك خالتا ئەتراپى ياللۇغلىنىدۇ. ياللۇغ ئۆتكۈر بولۇپ، تىرە ئاستىغىچە يامرايدۇ. تەدرىجى كېڭىيىپ، ئۆز ئارا بىرلىشىپ، سۈس ياكى قىزىل ياكى توق قىزىل رەڭدىكى دائىرسى ئىنىق بولغان يۇمىلاق ياكى ئىللىپىس شەكىللىك يىرىڭلىق ئىششىق شەكىللىنىدۇ. يىنىڭ دەرىجىدە لوقۇلدايدۇ. كىسەللەنگەن ئورۇندىكى چاچلار ئاسان يۇلىنىدۇ. يىنىك باسقاندا يىرىڭ تۈك خالتا ئېغىزىدىن سىرغىپ چىقىدۇ. ئەتراپ لىمفا تۈگۈنچىلىرى چوڭىيىدۇ. ياللۇغلىنىدۇ. تاتۇق قالىدۇ.

4.     كىسەللىك جەريانى ئۆتكۈر ئاسان ساقىيدۇ، ئاق تەمرەتكە بىلەن بىرگە كىلىدۇ.

5.     ئولتىرا بىنەپشە نۇردا كىسەللەنگەن چاچنى تەكشۈرگەندە ئۇچۇق يېشىل رەڭدە كۆرىنىدۇ.

6.     مىكروسكوپتا كۈزەتكەندە زەمبۇرۇغ ۋە ئۆستۈرگەندە +

7.     چاچ تەمرەتكە زەمبۇرۇغ تەجرىبىسىدە كۈچلۈك+

سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى:

1.   تۈك خالتا ياللۇغى ۋە تۈك خالتا ئەتراپ ياللۇغىدىن پەرىقلەندۈرۈش. مەزكۇر كىسەل ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىرىيە ۋە قان ئىرىتكۈچى ئاق رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىريە تەرىپىدىن پەيدا بولىدۇ. زەمبۇرۇغ تەجرىبسىدە مەنپى بولىدۇ.

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى