busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 11 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 12606 قىتىم كۆرۈلدى

دانخورەك

تۇنۇشى:

دانخورەك تىرىگەتەۋە قوشۇمچە ئەز كىسەللىكى بولۇپ ياشلىق دەۋىردە كۆپ كۆرىلىدىغان بىر خىل تۈك خالتىسى ۋە تىرە ماي بەزلىرىنىڭ سوزۇلما ياللۇغىدۇر.

  كىسەللىك سەۋەبى:

بۇزۇلغان قان خىلىتى بىلەن بۇ خاراتلاردىن پەيدا بولىدۇ.

ئىچكى ئاجراتما بەزلەر خىزمىتى تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

قۇيۇق بەلغەم مادىسىدىن پەيدا بولىدۇ.

ھاراق، لازا، كالاگۆشى قاتارلىق ئۆتكۈر غىدىقلىغۇچى يەل پەيدا قىلىپ، قاننى بۇزغۇچى يىمەك-ئىچمەكلەر ھەم زىيادە تاتلىق مايلىق، غەليىز ھەم ئاچچىق تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ھەم ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلشىتىدىن پەيدا بولىدۇ.

رۇھىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

باشقا ئامىللار: ھەزىم بۇزۇلۇش دائىمى قەۋزىيەت ، ھېيىز ۋە بۇۋاسىر بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەپلەردىن كىلىپ چىقىدۇ.

تىرە تازىلىقىغا دىققەت قىلماسلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.

كەسىپ ئامىلى: ھەر خىل نىفىت مەسھۇلاتلىرى ، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مايلىرى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقۇچىلاردا كۆپ كۆرلىدۇ.

خىمىيەلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ

  كىلىنىك ئىپادىسى:

دەسلەپ يەرلىك ئۇرۇندا تىرىق چوڭلىقىدا قىزغۇچ دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولۇپ، نورمال تىرە تەكشىلىكىدىن كۆتۈرلۈپ چىقىپ تۇرىدۇ. 1-2كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ئۇچچىدا سېرىق رەڭگە مايىل توچكا پەيدا بولىدۇ. تۈۋى ئىنىق دەرىجىدە قىزىرىدۇ. سىقىسا سېرىققا مائىل سۈترەڭ ماي توچكىسى چىقىدۇ. بەد بۇي پۇراقلىق بولۇپ ئاغرىمايدۇ ياكى قىچىشمايدۇ، ئەگەر سىقمىسا 3-4كۈن ئۆتكەندىن كىيىن دۆڭچە ئەسۋە چوڭىيىپ، نىگىزى قىزغۇچ، ئۇچى ئېقىش ھالەتكە ئۆزگۈرۈپ ، يەڭگىل دەرىجىدە قىچىشىدۇ ۋە ئاغرىيدۇ. بىلىنەر-بىلىنمەس دەرىجىدە قىزىشىدۇ. ماي نوكچىسى چىقىپ كەتكەندىن كىيىن داغ قالدۇرۇپ ساقىيىدۇ. ئەگەر سىقمىسا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇچى قارامتۇللىشىپ قالىدۇ. ئەگەر قوشۇمچە يۇقۇملانسا ، يىرىڭلىق قاپارتما خالتىلىق ئىششىق چىقان قاتارلىقلارغا ئۆزگىرىپ كىتىشى مۇمكىن.

دىئاگىنوزى

پەيدا بولۇش ئۇرنى ۋە يېشى، سىققاندا سۈتسىمان ماددا چىقىش قاتتىق قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن دىئاگىنوز قويۇلىدۇ.

سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى

تۈك خالتا ياللۇغىدىن پەرىقلەندۈرىمىز.  تېيىز كەلگەن تۈك خالتا خاراكتىرلىك يىرىڭلىق قاپارتما بولىدۇ. تۈركۈملەپ پەيدا بولىدۇ. بىرى-بىرى بىلەن تۇتىشىپ كەتمەيدۇ. قاپارتمىلار ئوتتۇرسىدىن تۈك تىشىپ چىققان بولىدۇ. ساقايغاندىن كىيىن تاتۇق قالمايدۇ. ھەر قانداق ياشتىكلەردە پەيدا بولىدۇ.

قىزىل تۇمشۇقتىن پەرىقلەندۈرلىدۇ. كۆپىنچە يۈزىنىڭ ئوتتۇرسىدا پەيدا بولىدۇ ھەمشە بۇرۇن ئۇچى ئىككى مەُزى پىشانە، ئىڭەك قاتارلىق قىسىملارغا ئۇرۇنلىشىدۇ. كىسەللەنگەن  ئۇرۇنلار قىزىرىپ قان تولىدۇ. قىلقان تۇمۇرلارنىڭ كېڭىيىشى ھەمىشە قۇشۇلۇپ كېلىدۇ. ئوتتۇرا ياشتىكىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

كەسپىي خارەكتىرلىك دانخورەكتىن پەرىقلەندۈرلىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەر ىىل مايلار بىلەن ئۇچراشقانلىق تارىخى بولىدۇ. ئەسۋىلەر كۆپىنچە جۇغلانما بولۇپ، تۈك خالتا ئېغىزىنىڭ مۈڭگۈزلىشىشى قوشۇلۇپ كىلىدۇ.

داۋالاش  

داۋالاش پىرىنسىپى :

ئالدى بىلەن قان ۋە بەلغەم ماددىسىنى قويۇقلاشتۇردىغان يىمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: لازا، ئاچچىقسۇ، ھاراق كالا گۆشى، ھايۋانات مايلىرى، شىكەر ۋە شىرنىلىك ھۆل مىۋە چىۋىلەردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.

بىمارنىڭ مىزاجى ۋە كىسەللىك ماددسىغا ئاساسەن مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بىرىپ مىزاج تەڭشىلىدۇ.

بۇزۇلغان قان بىلەن بەلغەم ماددىسىنى تازىلىغۇچى قان تازىلىغۇچى ياللۇغ قايتۇرغۇچى ، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، قاننى سۇيۇلدۇرغۇچى دورىلار بىرىلدۇ.

سىرتىدىن مۇۋاپىق تارقاتقۇچى، تازىلىغۇچى، ئىششىق ياندۇرغۇچى دوىلار ئىشلىتىلىدۇ.

 داۋالاش تەدبىرى :

بۇزۇلغان قاندىن بولسا، تەڭشەش ئېلىپ  بىرىلىدۇ. قۇيۇق بەلغەمدىن بولسا، بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچ ۋە مۇسھىللىرىدىن بىرىلىدۇ. ياكى بەلغەم مۇنزىچىغا قان تازىلىغۇچى دورىلار قوشۇپ بىرلىدۇ. بەلغەم ماددىسىنى تازىلاش ئۈچۈن ھەببى ئايارەچ، مەتبۇخ كۇربۇت بىرىلىدۇ. ياكى قارا ھېلىلە كابىلى، ئامىلە ھەر بىرىدىن 12گىرامدىن ، بادىيان، بىخ سۇس، شاھتەررە 12گىرامدىن چىلان30گىرامدىن كۇربۇت 9گرام ، قىزىل گۈل 20گىرام خيار شەنبەر 10گىرامدىن ئېلىپ شەربەت تەييارلاپ بېرىلىدۇ. قان تازىلىغۇچىلاردىن : قۇرسى شاھتەررە، چىلان شەربىتى، ئىتتىرفىل ، قۇرسى كىبرىت، ئىتتىرفىل چۆپىچىن ، مەتبۇخ ئەفتىمۇن مەجۇنى ئۆشبە قاتارلىقلار بىرىلىدۇ.

سىرتىدىن : لۆڭگىنى قىزىق سۇغا چىلاپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ، تۆۋەندىكى دورىلاردىن تاللاپ زىماد قىلسا بولىدۇ. 1.چۈچۈكبۇيا يىلىتزى، ۋە يۇپۇرمىقىنى قاينىنىپ ئىسسىق پېتى چېپىش.

تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282