busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 11 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 8931 قىتىم كۆرۈلدى

ھۆل تەمرەكتە

1.      تۇنۇش:

تىرىدە ئۇششاق ئەسۋە كۆتۈرلۈش ئاساسىدا تىرە زەخمىلىنىپ، ۋە قىچىشىشپ تاتىلىدىغاندا سېرىق سۇ چىقىدىغان سوزۇلما تىرە ياللۇغىدۇر. .

2.     كىسەللىك سەۋەپلىرى .

1)     خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزلىشى بولۇپمۇ بەلغىمى شورنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

2)    زىيادە سىزىمچانلىق رىئاكسىيەسى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

3)  ئىچكى ئاجرالما بەزلەر خىزمىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچىرشى ۋە ماددا ئالمىشىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچىرشى ھۆل تەمرەتكىنىڭ پەيدا بولىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

4)    كىسەل ئۇچىقىنىڭ يۇقۇملنىشى.

5)     نىرۋا ۋە روھىي ئامىللارنىڭ تەسىرى

6)    سىرتقى ئامىللار تەسىرى

7)      تەن سۈپىتى.

8)     يۇقۇملىنىش.

3.     كىلىنىك ئىپادىسى:

1)     ئۆتكۈر دەۋىرى:

 كىسەل ئۆتكۈر قوزغالغاندا ، پەيد بولىشى بىر قەدەر تىز، بەدەننىڭ ھەر قانداق ئۇرنىدا بولۇپمۇ ماڭلاي، جاۋغاي، تاشقى قۇلاق، گەۋدە تۆۋەنكى مۈچە، ئەۋرەت ساھەلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ. تىرە زەخمىسى چەكلىك، دائىرلىك ياكى پۈتۈن بەدەنلىك بولىدۇ.

دەسلەپ يەرلىك ئۇرۇن قىزىرىپ قىچىشىدۇ. ھەم سىمتىرىك ھالەتتە قىزغۇچ دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولىدۇ. قىسقا مۇددەت ئىچىدەئەتراپقا قاراپ كېڭىيىپ، ئەسۋىلەر ئۆز ئارا تۇتۇشىپ ، زىچلىشىپ، كۆپ خىل زەخمىلىنىشنى پەيدا قىلىپ چىگىرسىنى يوقىتىدۇ.

ئەسۋىلەر ئۆز-ئارا قۇشۇلۇپ، چوڭىيىپ، سولۇق قاپارتمىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. قىچىشىش ئېغىر بولغانلىقتىن سۈركەلگەندە ياكى تاتىلىغاندا قاپارتمىلار تىشىلىپ، كۆپ مىقداردىكى شىرلىك سۇيۇقلۇقلار سىرغىپ چىقىپ يەرلىك ئۇرۇندا شەلۋەرەشنى ھاسىل قىلىدۇ، ناۋادا ئىككىلەمچى يۇقۇملانسا، يىرىڭلىق قاپاتمىغا ئايلىنىدۇ. كىيىن سىرغىتما سۇيۇقلۇقلار قېتىشىپ، سېرىق ياكى يېشىل سېرىققا مائىل قەقەچلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. كىيىن ئاق رەڭلىك كىپەك پەيدا بولۇپ تەدرىجى ياخشىلىنىپ 4-3ھەپتىدە ساقىيدۇ.

قايتا غىدىقلىنىشقا ئۇچىرسا ئۆتكۈر قۇزغىلىدۇ.

2)    يېرىم ئۆتكۈر دەۋىرى:

 كۆپىنچە ئۆتكۈر دەۋىردىن قالىدۇ. كىسەللىك ئالامەتلىرى بىر ئاز يەڭگىللىشىپ؛ قالىدۇ. بولۇپمۇ سىرغىتما سۇيۇقلۇقلارنىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا ئەسۋە ھەجىمى كىچىكلەپ، قاپارتما ئىچىدىكى سۇيۇقلۇق ئازىيدۇ. ئەسۋە يېرىلغاندىن كىيىن ئاستى قسىمى شەلۋەرەپ نەملىشىپ تۇرىدۇ. كىيىن قەقەچ تەڭگىچىلەر ھاسىل بولۇپ، قۇرۇپ، قېتىششىپ تۆكۈلىدۇ. جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ساقىيىپ كىتىدۇ. ئەگەر غىدىقلىنىشقا ئۇچىرسا ئۆتكۈر دەۋىرگە ئۆتىدۇ. لىكىن بۇ دەۋىردە قىچىشىش سىزىمى يەنىلا ئېغىر  دەرىجىدە بولىدۇ.

3)     سوزۇلما دەۋىرى:

 ئۆتكۈر ياكى يېرىم ئۆتكۈر دەۋرىدىكى ھۆل تەمرەتكىلەر ئۇزۇن مۇددەتكىچە قايتا-قايتا تەكرار قۇزغىلىشى، ۋاقتىدا داۋالانماسلىق ، ياكى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن بىر خىل ھالەتتە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇشى بىلەن سۇزۇلما ھۆل تەمرەتكىگە ئايلىنىدۇ. تىرىدىكى زەخمىلەر قارامتۇل قىزىل ياكى قارامتۇل كۈلرەڭدە بولۇپ، چىگىرسى ئىنىق  بولمايدۇ. تىرىلەر قېلىنلىشىپ سىرتقى يۈزى يىرىكلىشىپ كىپەكلىشىدۇ. قىچىشىش بەزىدە ئېغىر بەزىدە يەڭگىل بولىدۇ كىسەللىك جەريانى بىر نەچچە يىل داۋام قىلىدۇ. تەكرار قوزغىلىپ تۇرىدۇ.

4)    دىئاگىنوزى:

 كۆپ شەكىللىك زەخمىلىنىش ، سىمىتىرىك تارقىلىش، ئۆتكۈر دەۋىردە سىرغىتىشقا يۈزلىنىش، سۇزۇلما ، تەكرار قوزغىلىشقا مائىل، شىددەتلىك قىچىشىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى ئاساس قىلىپ بەدەندىكى پەيدا بولۇش ئۇرنى، ئۆتكۈر دەۋىردە : ساقىتما ۋە شەلۋەرەشنى ، يېرىم ئۆتكۈر دەۋىرىدە ، ساقىتمىلار ئازىيىش ۋە قەقەچ باغلاشنى ، سوزۇلما دەۋىردە تىرە قېلىنلاش، ئەسۋە رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر تۈسنى ئېلىش، لىغىن، تىرناق ئىزى ،، قەقەچ ۋە تەڭگىچىلەر ئاساس قىلىنىدۇ.

5)     سېلىشتۇرما دىئاگىنوزى

(1)              ئۇچىرشىش خاراكتېرلىك تىرە ياللۇغىنى ئۆتكۈر دەۋىردىكى ھۆل تەمرەتكە بىلەنسېلىشتۇرۇش.

ئۇچىرشىش خاراكتېرلىك تىرە ياللۇغىدا سەۋەپ ئىنىق، يەرلىك ئۇرۇندا چەكلىنىدۇ. ئەسۋە بىر خىل ، چىگىرسى ئىنىق، جەريانى قىسقا، سەۋەپ يوقۇتۇلسا قايتا قوزغالمايدۇ.

(2)             چەكلىك دائىردىكى نىرۋا خاراكتېرلىك تىرە ياللۇغىدىن سوزۇلما ھۆل تەمرەتكىنى پەرىقلەندۈرۈش.

نىرۋا خاراكتېرلىك تىرە ياللۇغىدائەسۋە تەدرىجى پەيدا بولىدۇ. سىرغىتما سويۇقلۇق بولمايدۇ، تىرە قېلىنلىشىدۇ. ياپىلاق دۆڭچە ئەسۋە بولىدۇ. بۇغۇملارنىڭ تۈزىلىدىغان تەرىپىدە كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە بويۇن، بەل، تۇققۇر كۆز ساھەلىرىدە ئۇچرايدۇ. كۆپ خىل دۇرىلارغا چىداملىق ، كسىەللىك جەريانى سوزۇلما.

6. داۋالاش.

1) پىرىنسىپى:

(1) ئالدى بىلەن غىدىقلىغۇچى يەل پەيدا قىلىغۇچى قاننى بۇزغۇچى سىزىمچانلىقى ئاشۇرغۇچى يىمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

(2) مىزاج ۋە كىسەللىك ماددسىغا ئاساسەن مىزاج تەڭشىلىدۇ.

(3) قان تازىلىغۇچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى ، قىچىشىشنى پەسەيتكۈچى دورىلار بىرىلىدۇ.

(4) سىرتىدىن قىچىشىشنى پەسەيتكۈچى ، ھۆللۈكنى قۇرۇتقۇچى ، قەقەچلەرنى چۈشۈرگۈچى دورىلار بىرىلىدۇ.

2) داۋالاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن سەۋەپكە قارىتا چارە قىلىنىپ: بەلغىمى شۇرغا قارىتا مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بىرىپ، مىزاجنى تەڭشىكەندىن كىيىن قۇرسى شاھتەررە، مەجۇنى ئۆشىبە ، ئەرقى شۇخلا، ئەرقى كاسىنە، قاتارلىقلار بىرىلىدۇ. سىرتىدىن ئالدى بىلەن مامىران چېيىنى سۈيىدە ھۆل كامپىرىس قىلىپ قۇرتۇپ، ئاندىن مامرام چېيى مەلھىمى، مەلھىمى كىبرىت، مەلھىنى شىنكىرىپ قاتارلىقلار ئشلتىلىدۇ.

 تەييارلىغۇچى : تىرە كىسەللىك بۆلۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282