busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 1 دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4178 قىتىم كۆرۈلدى

 جىگەر قېتىش

تونۇش: 

ھەر  خىل سەۋەپلەردىن  جىگەر  تۇقۇلمىسى  زەخمىلىنىپ،  جىگەر ھۈجەيرىلىرى نىكروزلىنىپ ،يامراش خارەكتىرلىك  بىرىكتۈرگۈچى  تۇقۇلمىلار  ئۈسۈپ  جىگەر  ياپراقچىلىرنىڭ  تۈزۈلىشى  قالايمىقانلىشىپ ، يالغان  ياپراقچىلار  شەكىللىنىش بىلەن كىلىنىكىدا  جىگەر  خىزمىتى  توسقۇنلۇققا  ئۇچۇراپ،  قۇرساققا  سۇ چۈشۈش، قاناشقا مائىل بولۇپ قېلىش ، جىگەرلىك ئالقان ۋە ئۆمچۈكسىمان مەڭ شەكىللىنىش ، سېرىقلىق چۈشۈش، جىگەر چوڭىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىك

جىگەر قېتىش سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ دەرۋازا ۋىنا خارەكتىرلىك جىگەر قېتىش ، زەخمىلىنىش خاراكتىرلىك جىگەر قېتىش، ئۆت سۇيۇقلىغى خارەكتىرلىك جىگەر قېتىش، پىگمىت خارەكتىرلىك جىگەر قېتىشدەپ 4تۈرگە بۈلۈنىدۇ بۇنىڭ ئىچىدە دەرۋازا ۋىنا خارەكتىرلىك جىگەر قېتىش ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان بولغاچقا كىلىنىكىدا مۇشۇ قىسىم ئاساسلىق قىلىپ سۆزلىنىدۇ 

سەۋەبى:

1-      تۈرلۈك جىگەر ياللۇغلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ

2-     قان خىلىتىنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ

3-     بەلغىمى شورنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ

4-     سەپرانىڭ كۈپۈيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ

5-     جىگەر قاپلىق قۇرتىنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ

6-     تۈرلۈك يۈرەك كېسەللىكلىلىرى تەسىردە كېلىپ چىقىدۇ

7-     زەھەرلىنىش تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ

8-     ئوزۇقلىنىش تەرتىپىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ

ئالامىتى:

1-      دەسلەپكى دەۋىرلىك ئالامەتلىرى:

دەسلەكى دەۋىردە روشەن ئالامەتلىرى بولمايدۇ، پەقەت قىسمەن بىمارلاردا ھەزىم ناچارلىشىش ئالامەتلىرى كۈرۈلىدۇ

2-     ئېغىرلاشقان دەۋىردىكى ئالامەتلىرى

1)     ھەزىم ناچارلىشىشنىڭ ئالامەتلىرى كۈرنەرلىك بولىدۇ

2)    جىگەرنىڭ بىرىكتۈرۈش پائالىيتى توسقۇنلۇققا ئۇچۇراش ئالامەتلىرى كۈرۈلىدۇ

3)     ئىچكى ئاجىراتما خىزمىتى بۇزۇلغانلىق ئالامىتى كۈرۈلىدۇ

4)    سېرىقلىق چۈشۈدۇ

5)     قان ئازلىق ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ئالامەتلىرى كۈرۈلىدۇ

دىئاگىنۇز ئاساسى:

1-      كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىئاگىنۇز قۇيۇلىدۇ

2-     كىلىنىكىدىكى ئالامەتلىرگە ئاساسەن دىئاگىنۇز قۇيۇلىدۇ

3-     قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرگە ئاساسەن دىئاگىنۇز قۇيۇلىدۇ

سېلىشتۇرما دىئاگىنۇزى:

1-      جىگەر ياللۇغىدىن پەرىقلەندۈرمىز

2-     جىگەر راكىدىن پەرىقلەندۈرمىز

3-     سۇزۇلما ئاق قان كېسىلىدىن پەرىقلەندۈرمىز

4-  قىزىلئۆڭگەچ ۋىنالىرى كېڭىيىپ كېتىش خارەكتىرلىك قاناشنى ،ھەزىم قىلىش خارەكتىرلىك يارىدىن پەرىقلەندۈرمىز

ئەگەشمە كېسەللىكلىرى:

1-      جىگەر مەنبەلىك ھۇشسىزلىق

2-     يۇقۇرى ھەزىم يوللىرنىڭ چوڭ قانىشى

3-     ئۆپكە ياللۇغى ،سۈيدۈك يول ياللۇغى، سىل خارەكتىرلىك قۇرساق پەردە ياللۇغى، قاتارلىقلار

4-     بىرلەمچى جىگەر راكى

داۋالاش پىرىنسىپى:

1-   باشقا كېسەللىك تەسىردىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل كېسەللىكە قارتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، كېسەللىك سەۋەبى يۇقۇتۇلىدۇ

2-     ماددىلىق مىزاج بۇزلۇشتىن كېلىپ چىققان بولسا ماددا تەنقىيە قىلىنىدۇ

3-  ياللۇغ قايتۇرۇش توسالغۇلارنى ،سۈيدۈك ھەيدەش ،جىگەرنى قۇۋەتلەش مەقسىدى بىلەن دورا ئىشلىتىلدۇ

داۋالاش ئۇسۇلى:

ئۇفۇنەتلەنگەن قان خىلىتىنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىققان بولسا قان تازلىغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ

بەلغىمى شورنىڭ تەسىردىن كېلىپ چىققان بولسا بەلغىمى شورنىڭ مۇنزىچىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورلارنى قېتىپ ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ

سەپرانىڭ كۈپۈيۈپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا سەپرانىڭ مۇنزىچىغا توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلارنى قېتىپ مۇنزىچ تەيارلاپ بېرىلىدۇ

ئەپسەنتىن 12گىرام ،ئىزخىر يىلتىزى 12گىرام ، بىدەنجىر يۇپۇرمىغى 36گىرام ،شومشا، زىغىر12گىرامدىن ،ئاق موم ،نارجىل يېغى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ زىماد تەيارلاپ جىگەر ئۇدۇلىغا تېڭىلىدۇ

تبىلەن ئەرقى كاسىنە، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى شوخلا، سىركەنجىبىن بۇزۇرى، كەرەپشە شەربىتى ،قاتارلىقلار بېرىلىدۇ

 كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلىگۈچى تەبىئەتنى ئاشۇرغۇچى دورىلاردىن ئىتىرپىل كەبىر، ماددەتۇلھايات، جاۋارىش ئامىلە، جاۋارىش ئەنبەر ، جاۋارىش مىشكى، داۋاىلمىشكى قاتارلىقلار بېرىلىدۇوسالغۇلارنى ئېچىش ،سۈيدۈك ھەيدەش ، قۇرساق سۈينى يوقىتىش مەقسىدىدە بىرىلىدۇ. 

دەققەت قىلىدىغان ئىشلار:

1-      تەستە ھەزىم بولدىغان غەلىز تاماقلەردىن پەرھىز تۇتقۇزمىز

2-     ئوڭاي ھەزىم بولدىغا ئوزۇقلۇقلارنى تاللاپ ئىستىمال قىلىش كېرەك

3-     زىيادە چارچاشتىن  ساقلىنىش

4-     يىڭگىل ھەركەت قىلىپ برىش كرەك

 تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282