busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 1 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 4792 قىتىم كۆرۈلدى

ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى

تونۇش:

ئاشقازان ۋە 12بارماق ئۈچەينىڭ ئاشقازانغا تۇتاش قىسمىدا بارلىققا كېلىدىغان،ئوڭايلىققىچە ساقايماي داۋاملىق تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان سوزۇلما كېسەللىك. يارا كۆپ ئاشقازان ۋە 2 بارماق ئۈچەيدە بىردەك يۈز بىرىغانلىقى ئۈچۈن ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى دەپ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى:

بۇنىڭ سەۋەپلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسلىقى ھاراق- شاراپنى جېق ئىچىش، بەك تويۇنۇپ تاماق يىيىش. يېمەك- ئىچمەك قالايمىقانلىشىش، روھىي- ئامىللار ۋە ۋاقتىدا تاماق يىمەسلىك ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ زىيادە چۈشىشى ۋە ئاشقازان ئۈچەيلەرنى غىدىقلايدىغان دورىلارنى ۋە يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش قاتارلىق سەۋەپلەردىن سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئۈچەي ياللۇغلىرىنىڭ تەسىرىدىن يارا شەكلىنىدۇ.

كىلىنىك ئىپادىسى:

ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئالامىتى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

قورساقنىڭ يۇقۇرى قىسمى ئاغرىش ۋە ئاچچىق سۇ ياندۇرۇش، كىكىرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئاشقازان يارىسىدا ئاغرىش ئاساسلىق كۆپىنچە قورساق قىسمىدا، تۆش سۆڭەك خەنجەرسىمان ئۆسۈكچىسى ئاستىنىڭ سەل سول تەرىپى ئاغرىدۇ.ئاغرىق كۆپىنچە چەكلىك دائىرىلىك بولىدۇ، ئاغرىق خاراكتېرى يېنىكلەردە كۆيۈشۈش سىزىمي بولۇپ، كۆپۈپ ياكى قادىلىپ ئاغرىيدۇ. ئېغىرلىرىدا قاتتىق ئاغرىدۇ، ئاغرىق تاماق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئاشقازان يارىسىدا تاماقتىن يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئاغرىپ، بىر- ئىككى سائەتكىچە داۋاملاشقاندىن كېيىن تەدرىجى يوقىلىدۇ. يەنە بىر قىسىم كېسەللەردە تاماق يىگەندىن كېيىن ئاغرىدۇ، 12 بارماق ئۈچەي يارىسىدا تاماقتىن ئىككى- ئۈچ سائەت كېيىن قوزغۇلۇپ، ئاغرىش باشلانغاندىن كېيىن داۋاملىق يېنىكلىمەيدۇ. تاكى يەنە بىر قېتىم تاماق يىگەندىن كېيىن قويۇپ بىرىدۇ. كۆپىنچە كېچىلىرى ئاغرىيدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئاساسلىقى كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ ھەم قايتا قوزغىلىدۇ.كىكىرىش ۋە ئاچچىق سۇ ياندۇرۇش ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىشى كۆپەيگەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ.كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ئادەتتە كۆپ ئۇچرىمايدۇ، يارا كېسىلى قايتا قوزغالسا، ئاشقازان چىقىرىش قىسمى توسۇلۇش بولسا قۇسىدۇ.

داۋالاش:

يارا كىسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى روھىي ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا روھىي جىددىيلىك ۋە كەيپىياتنىڭ قالايمىقانلىشىشىدىن ساقلىنىپ، تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈپ نورمال ئوزۇقلىنىشقا دېققەت قىلىدۇ.ئارتۇقچە غىدىقلىغۇچى تاماقلارنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

 (1) تۇرمۇشنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش

 (2) يېمەكلىك بىلەن داۋالاش

 (3) دورا بىلەن داۋالاش ئېلىپ بىرىش. بۇنىڭدا ئاشقازاندىكى ھەزىم سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپ ئىشلىنىپ چىقىشىنى تىزگىنلەيدىغان دورىلارنى ئىشلىتىش، ياللۇغ قايتۇرغۇچى، ئاشقازان ھەزىم خىزمىتىنى ياخشىلاپ يارا ئېغىزىنى پۈتتۈرۈپ يارىسىنى ئاستا- ئاستا يوقاتقۇچى دورىلار ئىشلىتىدۇ.بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاشقازاننىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاپ، جىگەر- ئوت خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلار بىرگە بىرىلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : ھەزىم كىسەللىك بولۈمى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282