busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 13464 قىتىم كۆرۈلدى

بالىلارنىڭ قۇلىقىنى ئاسراڭ

ئادەتتىكى گاس،گاچىلار ئاۋۋال گاس بۇلۇپ،ئاندىن كىيىن گاچا بۇلۇپ قالىدۇ،يەنى  گاسلىق گاچىلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.دېمەك،بۇنىڭدىن بالىلارنىڭ قۇلىقىنى ئاسراشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىۋالالايمىز.بالىلارنىڭ قۇلىقىنى ئاسىراش ئۈچۈن ئاۋۋال قۇلاقنىڭ ئاددىي تۈزۈلۈشى ۋە ئەتراپىدىكى مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش لازىم.بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ گال،كېكىردەك،ئېغىز بوشلۇقى ۋە تىل قاتارلىقلانىڭ تۈزۈلۈشى ئادەتتىكى بالىلارنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ.قۇلاق – تاشقى قۇلاق،ئوتتۇرا قۇلاق ۋە ئىچكى قۇلاق دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.تاشقى ۋە ئوتتۇرا قۇلاق ئارىسىدا قۇلاق پەردىسى (ناغرا پەردە )بولۇپ،بىر – بىرىنى ئايرىپ تۇرىدۇ.ئوتتۇرا قۇلاق ئىچىدە ئۈچ پارچە ئاڭلاش سۆڭىكى بولۇپ،ئۆز ئارا ئۇلىنىدۇ.ئۇ،ئاڭلاش سۆڭىكى ئۇلانمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.تاشقى ۋە ئوتتۇرا قۇلاق ئاۋاز يەتكۈزۈپ بېرىش قورۇلمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئىچكى قولاق – دەلىز (دالانچا ) ۋە قولاق قولۇلىسىىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.دەلىز تەڭپڭلۇقىنى،قولاق قولۇلىسى ئاڭلاشنى باشقۇرىدۇ.دەلىزدە كېسەللىك يۈز بەرسە باش قېيىش،كۆڭۈل ئاينىش،قۇسۇشتەك ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ.بۇ مېنېرى سىندۇرمىسى دەپ ئاتىلىدۇ.قۇلاق قولۇلىسىدە كېسللىك يۈز بەرسە گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ.نېرۋا خاراكتىرلىك گاسلىق دەپ ئاتىلىدۇ.ئوتتۇرا قۇلاقتا بىر كانال بولۇپ،يۇتقۇنچاققا تۇتىشىدۇ.ئۇ،قۇلاق – يۇتقۇنچاق كانىلى دەپ ئاتىلىدۇ.بوۋاقلار بىلەن چوڭلارنىڭ قۇلاق – يۇتقۇنچاق كانىلى قىسمەن ئوخشاشمايدۇ.بوۋاقلارنىڭ قولاق – يۇقۇنچاق كانىلى نىسبەتەن تۈز،كەڭرى ۋە كالتە بولىدۇ.بۇ،بوۋاقلار ئاسانلا ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى بىلەن ئاغرىشنىڭ ئاناتومىيلىك سەۋەبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.قۇلاق – يۇتقۇنچاق كانىلىنىڭ يۇقىرسىدا بەزسىمان تەنچە،ئىچى تەرپىدە بۇرۇن بوشلۇقى،تۆۋەن تەرپىدە بادامسىمان بەز بولۇپ،ئەگەر بۇ ئورگانلارنىڭ بىرەرسىدە كېسەللىك بولسا قۇلاققا تەسىر يېتىشى مۇمكىن.ئاۋاز تاشقى قۇلاق ئارقىلىق قۇلاق ناغرا پەردىسىگە ئۆتىدۇ.ئاندىن ئاڭلاش ئۇلانمىسى ئارقىلىق ئاڭلاش نېرۋىسىنىڭ قوزغىلىشىنى ئىلىگىرى سۈرۈپ،ئاۋاز دولقۇنى مەركەزگە يېتىپ بېرىپ ئاڭلاش سېزىمىنى ھاسىل قىلىدۇ.

جىددىي خاراكتىرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى،سوزۇلما خاراكتېرلىك يىرىڭلىق ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى،كاتار خاراكتىرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى،قۇلاق كىرى،قۇلاقتىكى يات نەرسىلەر،نېرۋا خاراكتېرلىك گاسلىق قاتارلىقلار قۇلاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 بالىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئىلىندى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282