busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 21 دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 12057 قىتىم كۆرۈلدى

ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

بۇرۇن بوشلۇقى،يۇتقۇنچق،يۇقىرى نەپەس يولى قاتارلىق ئورۇنلاردا ياللۇغلىنىش پەيدا بولسا كېسەللىك باكتېرىيلىرى قۇلاق يۇتقۇنچاق كانىلى ئارقىلىق ئوتتۇرا قۇلاققا كىرىشى مۇمكىن.شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى پەيدا بولىدۇ.ئەگەر يۇقىرى نەپەس يولىدا ياللۇغلىنىش بولغان ۋاقىتلاردا تۇز سۈيى بىلەن ئۋغىز چايقاپ ئېغىزنى پاكىز تۇتسا،بىر پىرسەنتلىك ئىپىدىرىن سۇيۇقلۇقىنى بۇرنىغا تېمىتىپ بەرسە ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا ئانىلار بالا ئېمىتكەن ۋاقتىدا بالىنى كۆتۈرۈپ تىزىدا قويۇپ بېشىنى سول جەينىكىگە قويۇپ ئوڭ قولى بىلەن ئېمىتىشى لازىم.سۈتنىڭ بالا ئۆپكىسىگە كېتىپ تۆتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن،ئېمىتىش ناھايىتى تېز ياكى تۇيۇقسىز بولماسلىقى كېرەك.بالا يۆتىلىپ كەتسە سۈت قۇلاق – يۇتقۇنچاق كانىلىغا پۈركۈلۈپ كىرىپ كېتىدۇ.ئەگەر سۈت پاكىز بولمىسا،تۇبېركۇليۇز باكتېرىيىسى ۋە باشقا باكتېرىيىلەر بولسا نەتىجىدە ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سۇدا ھەر خىل باكتېرىيىلەر نۇرغۇن بولۇپ،ئەگەر سۇغا چۆمۈلۈپ ئويناش نەتىجىسىدە قۇلاققا كىرىپ كەتسە تاشقى قۇلاق،ئوتتۇرا ياللۇغى ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك يىرىڭلىق ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.بولۇپمۇ ئىلگىرى سوزۇلما خاراكتېرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بالىلارنىڭ قۇلاق ناغرا پەردىسى تېشىلىپ كەتكىنى ئۈچۈن ئاسانلا قايتا ياللۇغلىنىدۇ.

بەزىلەر ئۆزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ قۇلىقىنى سەرەڭگە ياغىچى ياكى ئاياللار چازىسى بىلەن كولاشقا ئامراق.كولاش جەريانىدا سەللا دىققەت قىلمىسا قۇلاق ناغرا پەردىسى ۋە ئوتتۇرا قۇلاق زەخمىلىنىدۇ.ئەگەر قۇلاقتا قېتىپ قالغان كىر بولسا ئەڭ ياخشىسى مەخسۇس بەش ئەزا بۆلۈمىگە كۆرسىتىپ ئالدۇرۇۋېتىشى لازىم.

بەزىدە بالىلار ئوينىشىپ ئۇخلاۋاتقانلارنىڭ قولىقىغا ماش،خۇاسىڭ مېغىزى ياكى ئۇششاق تاش پارچىلىرىنى تىقىپ قويىدۇ،بەزىدە پاشا ياكى باشقا ئۇششاق قۇرتلارمۇ قۇلاققا كىرىۋالىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا قۇلاققا كىرىپ كەتكەن نەسىلەرنى چىقىرىۋېىش قىيىن بولىدۇ.ئەكىسچە چىقىرىۋېتىش جەريانىدا ئىچكىرەك ئىتتىرىلىپ كىرىپ كېتىپ،قۇلاق دومباق پەردىسى ۋە ئوتتۇرا قۇلاقنى زېدە قىلىۋېتىدۇ.يۇقىرىقىلاردىن باشقا بۇرۇن – يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى بىر قىسىم كېسەللىكلەر،زۇكام،سوزۇلما خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى،بۇرۇندىكى مۇنچاق گۆش،بادامسىمان بەز ياللۇغى قاتارلىقلار ھەر خىل قۇلاق ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.سوزۇلما خاراكتىرلىك كاتارلىق ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى بالىلاردا گاسلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.بىر قىسىم قۇلاق كېسىلى ئۇزىراپ كەتسە قۇلاق دالىنىدا سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىپ،ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قاتتىق جىسىم بولۇپ شەكىللىنىدۇ – دە،ئوتتۇرا قۇلاق ئىچىدىكى ئۈچ پارچە ئاڭلاش سۆڭىكى بىلەن چاپلىشىپ مەڭگۈلۈك گاسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ – چاپلىشىش خاراكتېرلىك ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى دەپ ئاتىلىدۇ.

جىددىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر،مەسلەن،تارقىلشچان مېنىگىت،تارقىلشچان گۈرەن بەز يەللۇغى،قىزىل،تارقىلىشچان زۇكام،كېزىك ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزىتىدىغان باشقا كېسەللىكلەرنىڭ زەھىرى قۇلاق قولۇلىسىگە كىرىپ،گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.بۇنىڭ ئىچىدە تارقىلىشچان مېنىنگىت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گاسلىق ئېغىر بولۇپ،ئاسان داۋالىغىنى بولمايدۇ.بىر قىسم بالىلاردىكى گاسلىقنى سېزىۋېلىش ئاسان ئەمەس.ناۋادا پۈتۈنلەي گاس بولس ئاسانلا سېزىۋالغىنى بولىدۇ.لېكىن ئاڭلاش ئىقتدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسا سېزىۋېلىش نىسبەتەن قىيىن بولىدۇ.

1.   بالا سۆزلەش يېشىغا يەتكەندە سۆزلىيەلمەيدۇ.بىر نەرسىنى چۈشىنىش،ئىگەللەش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ،بەزىدە مىجەزى قوپال،روھسىز بولىدۇ.

2.  ئۇخلىغاندا بالا ۋاراڭ – چۇرۇڭدىن قورقمايدۇ،بوشراق ئاۋاز بىلەن چاقىرسا ئوغانمايدۇ،ئاڭلىمايدۇ،بالىنى ئويغىتىش ئۈچۈن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چاقىرىش ياكى مىرىرلىتىش لازىم بولىدۇ.

3.     گاس بالىنىڭ ئارقىسىدىن چاقىرسا ئاڭلىمايدۇ ياكى ئېنىق ئاڭلىيالمايدۇ.

4.  گاس بالىغا سۆز قىلسا بېشىنى يانتۇ قىلىپ ئېغىزنىڭ شەكلىگە كۆپرەك دىققەت قلىپ قارايدۇ.دېمەك،بالىلاردا گاسلىق ياكى گاس –گاچىلىق سېزىلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىش كېرەك.

دورىلار بىلەن زەھەرلىنىش:سترېپتومىتىسىن،گېنتامىتسىن،نىومىتسىن،كانامىتىسىن،كۇينىن قاتارلىق دورىلارنىڭ قۇلاققا تەسىرى بولۇپ،گېنتامىتسىىننىڭ زەھىرى كۈچلۈكرەك ئىپادىلىنىدۇ.قۇلاق قولۇلىسىنى زەھەرلەپ ياكى زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيە بېرىپ نېرۋا خاراكتىرلىك گاسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.كۆپ مىقدادىكى ئانتىبئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش،بولۇپمۇ سترېپتومىتسننى كۆپ ئىشلەتكەندە دورا بىلەن زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك گاسلىق ياكى دورنىڭ زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيە بېرى خاراكتېرلىك گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بەزى بالىلارغا،قىزىتىش سەۋەبى بىلەن سترېپتومىتىسىن ئىشلەتسە قىزىتمىسى چۈشۈپ كېسىلى ساقايسىمۇ لېكىن 2 – 7 ئايدىن كېيىن سۆزلەش يېشىغا يەتكەندىمۇ سۆزلىيەلمەيدىغان ياكى ئاۋۋال سۆزلىيەلىسىمۇ كېيىن ئاۋازى تەدرىجىي ئۆزگىرىپ،سۆزلىرى ئازىيىپ كېتىدىغان،ئاخىرى پۈتۈنلەي گاس بولۇپ قالىدىغان ئىشلارمۇ ئۇچرايدۇ.

سترېپتومىتىسىن ۋە باشقا ئانتىبىئوتىك دورىلار بىلەن زەھەرلىنش خاراكتېرلىك گاسلىق ياكى زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسيە بېرىش خاراكېترىدىكى گاسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى بۇخىل دورىلارنى ئاز ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك،ئەگەر ئانتىبىئوتىك دورىلار ياكى سترېپتومىتسىن بىلەن زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك ياكى زىيادە سەزگۈ رېئاكسىيە بېرىش خاراكتېرلىك گاسلىق سېزىلسە دەرھال دورا ئىشلىتىشى توختىتىش گاسلىق سېزىلسە دەرھال دورا ئىشلىتىشىنى توختىتىش،مەخسۇس بەش ئەزا بۆلۈم دوختۇرىغا كۆرسىتىش لازىم. 

 بالىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئىلىندى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282