busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 21 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3705 قىتىم كۆرۈلدى

بالىلار ئۆپكەسىلى(سىلى رىيە)

 تۇنۇش:

بۇ سىل جاراسىمنىڭ بالىلار ئۆپكىسىگە چۈشۈشى نەتىجىسىدە پەيدا بۇلۇش بىلەن بالىلارنىڭ ئۆپكىسىدە جاراھەت، كاۋاك ۋە زىدىلىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ قىزىتما ئارقىلىق بەدەننى جۈدىتىدىغان ۋە بەدەن قۇۋۋىتىنى خورىتىدىغان يۇقۇملۇق كىسەلىكتۇر.

سەۋەبى:

 يۇقۇملىنىش، ئۇدۇم قېلىش، بەدەننىڭ تەبىئى ئۇزۇقلىنىشى ۋە ئەزالار خىزمىتىنىڭ بۇزىلىشى ، ئەزا تۈزۈلىشنىڭ كەملىكى، باشقا ئەزالاردىكى كىسەللىكلەرنىڭ شىرىكچىلىكى قاتارلىق سەۋەپلەردىن پەيدا بۇلىدۇ.

ئالامىتى:

 بىرىنچى باسقۇچلۇق ئالامەتلەر: باش ئېغىزلىق ۋە سۇسۇلۇق كۈرىلىدۇ. ئاز- ئازدىن قۇرۇق يۈتەل كىلىدۇ. ئۇيقۇدىن ئويغانغاندان ياكى تاماقتىن كىيىن ئەمچەكتىن تارغاقنىڭ ئاستى- ئۈستى قىسىمغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاغرىق پەيدا بۇلىدۇ. ئاغرىقنىڭ سانجىقى دۇلىسىدىن تارتىپ، ئېغىز ئەتراپىغىچە بارىدۇ.

ئەگەر بۇنىڭغا قۇۋۇرغا ئاستى پەردە ياللۇغى قۇشۇلۇپ كەلسە ئاغرىق تېخىمۇ قاتتىق بۇلىدۇ. بالا تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن يۈتۈلۈپ ياندۇرىۋېتىدۇ. ھەزىم ناچارلىشىدۇ. مايلىق يىمەلىكلەرنى خالىمايدۇ. يۈرەك ھەركىتى ۋە نەپەس تىزلىشىدۇ. نەپەسلىنىش قىيىنلىشىدۇ. بىمار كۈندىن- كۈنگە ئۇرۇقلاپ ئاجىزلايدۇ. قۇرۇق يۈتەلدىن كىيىن قان ئارىلاش بەلغەم كىلىدۇ. كىچىدە يەنە قىزىتما كۈرىلىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئالامەتلەر: ئىشتىھا پۈتۈنلەي يۇقىلىدۇ. قول- پۇت ئالقىنى كۈيىشىدۇ. يۈتەل كۈچىيىدۇ. ھەم ئۇنىڭغا يىرىڭ ئارىلاش كىلىدۇ. بەلغەمنى سۇغا سالسا چۈكۈپ كىتىدۇ. نەپەس قىيىنلىشىدۇ. ماغدۇېسىلزنىدۇ. ۋە ئۇرۇقلايدۇ. تۇمۇرى ئىنچىكە ۋە تىز سالىدۇ. كىسەللىك تەرەققىياتى تىز بولسا قىزىتما كىچە- كۈندۈز يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. سەھەردە قىزىتما پەسلەش بىلەن تەرلەش كۈرىلىدۇ. بىمارنىڭ ئىككى مەڭزىدە قىزىللىق پەيدا بۇلىدۇ.

ئۈچۈنچى باسقۇچلۇق ئالامەتلەر: كىسەلىك ئالامەتلىرى تېخىمۇ ئرغىرلىشىدۇ. يۈتەل ئەتىگەندە كۈچىيىدۇ. بەلغەم كۆپ ۋە يىرىڭ ئارىلاش كىلىدۇ. كىچىدە قىزىتما ئۆرلەيدۇ. سەھەردە قىزىتما پەسىيىپ چىپ-چىپ تەرلەيدۇ. ماغدۇرسىزلىنىش ئېغىرلىشىدۇ. چاچلىرى چۈشۈشكەباشلايدۇ. تىرناقلىرى ئاقىىرپ كىچىك يۇمىلاقلىسىشدۇ. ئەمچەك ۋە قورساق تىرىسىگە ئۇششاق مۇدۇر ۋە داغلار پەيدا بۇلىدۇ. تىل سۈزۈك بۇلۇپ قىزىرىدۇ. ئىشتىھا يۇقىلىدۇ. يىگەن نەرسىلەرنى ياندۇرىۋېتىدۇ. بەدەن تىزلىرى قۇرۇپ تىكەنلىشىپ سۇس ئاقىرىدۇ ۋە كۈرىنەرلىك ئۇرۇقلايدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى:

 ھارارەتنى توختۇتۇش، يۈتەل پەسەيتىش، بەلغەم بۇشۇتۇش ، جاراھەتنى ئەت ئالدۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بارىمىز.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282