busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 21 دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 2802 قىتىم كۆرۈلدى

بالىلار بۇيۇن بەز سىلى(خانازىر)

 تۇنۇش:

بۇ سىل جاراسىملىرى بالىلارنىڭ بۇيۇن بەزلىرىگە چۈشۈشتىن كىلىپ چىقىدىغان كىسەللىك بۇلۇپ، ھەرقايسى ياشتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىدە كۈرىلىدۇ. خەلق ئارىسىدا ساچقان يارىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى:

 بۇ كىسەل گەرچە سىل جاراسىملىرى  باشقىلاردىن يۇقۇپ بۇيۇن بەزلىرىگە چۈشۈشتىن كىلىپ چىقىدىغان بولسىمۇ يەنە باشقا سەۋەپلەرنىڭمۇ ياردىمۇ بۇلىدۇ.

1) ئىرسىيەت خارەكتىرلىكمۇ بۇلىدۇ.

ئاتا- ئانىسىدا سىل كىسىلى بار بالىلار ئىچىدە بۇيۇن بەز سىلىگە ئۇچرىغۇچىلار نىسبەتەن كۆپرەك بۇلىدۇ. سىل كىسىلى بولمىغان بولسىمۇ تەن تۈزىلىشى ئاجىز، كىسەلمەن ئاتا- ئانىلارنىڭ ۋە ھاراقكەشلەرنىڭ بالىلىرىدىمۇ بۇ كىسەل كۆپ ئۇچرايدۇ.

2) باشقا ئورگان سىللىرىدىن يامرايدۇ.

ئۆپكە ىسلى ياكى باشقا ئورگان سىلى بىلەن ئاغرىغان بالىلار داۋالىنىپ ساقايغاندىن كىيىن ياكى داۋالىنۋاتقان مەزگىلدە جاراسىم ئۆز بەدىنىدىكى قان ئارقىلىق كىلىپ بۇيۇن بەزلىرىگە ئۇرۇنلىشىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

3) خىلىت ئۆزگىرىشىدىنمۇ بۇلىدۇ.

كۈپۈنچە قۇيۇق بەلغەم ماددىسىغا ، بەزىدە سەۋدا ماددىسىغا سىل جاراسىملىرىنىڭ ئارلىشىشى تۈپەيلىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

4) باشقا سەۋەپلەر: سىل كىسىلى بار كىشىلەردىن قاچا- قۇچىلىرى ئارقىلىق يۇقۇش قانۇنىيىتى باشقا سىللارغا ئوخشايدۇ. ئۇندىن تاشقىرى يەنە ئۇزۇقلۇق ۋە تۇرمۇش شارائىتى ناچار بالىلاردا ئانا سۈتىگە قانماسلىق ۋە ئۇزۇقلۇق كەملىك سەۋەبىدىنمۇ ئۇڭاي يۇقۇملىنىدۇ.

ئالامىتى:

 تۇلىراق بۇيۇندا، ئىڭەك ئاستىدا ، ئوقرەك ئويمنالىقىدا ، بەىزدە قولتۇق ئاستىدىكى بەزلەردە ئۇچرايدۇ، دەسلەپ باشلىنىشتىنلا يۇقىرقى ئۇرۇنلار تىرە ئاستىدا تىرىنى دومبايتىپ تۇرىدىغان كىچىك مۇنەكچە پەيدا بۇلىدۇ. مۇنەكچىلەر گايى بىردانە گايى بىرنەچچە دانە بۇلۇپ تۇتقاندا ئايرىم بىلىنىپ تىرە ئاستىدا مىدىرلاپ يۈتىلىپ تۇرىدۇ. باسسا لۆمۈلدەيدۇ. ئىشىشق كۈپۈنچە بىرتەرەپتە بۇلىدۇ. بۇ چاغدا تېخى ئاغرىمايدۇ. تەدرىجى ھالدا بىر- بىرى بىلەن قۇشۇلۇپ بۇيۇن يۇغۇناپ ئاغرىشقا باشلايدۇ ۋە خېلىلا تومپۇيۇپ قالىدۇ ۋە گۆش بىلەن تىرە تۇتۇشۇپ كىتىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا دەل ۋاقتىدا داۋالانسا ئېغىز ئالماي يۇقۇلۇپ كىتىدۇ. دەل ۋاقتىدا تۇلۇق ۋە توغرا داۋالانمىسا ئىششىق بارغانسىرى يۇمشاپ يىرىڭ ئېغىز ئېلىپ تىىشلىدۇ ۋە ھەمىشە زەدەپ ۋە يىرىڭ ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. ئاققان يىرىڭ زەرەپلەر ئىنتايىن سېسىق پۇرايدۇ. بەزىدە يارا ئېغىزى پۈتۈپ قېلىپ ئاغرىتىپ بەك ئازاپلايدۇ. بەزىدە يەنە ئېغىز ئېلىپ تىشىلىدۇ. ئەشۇنداق قىلىپ كىسەل بالىنى بىرنەچچە ئاي ھەتتا بىرنەچچە يىلغىچە ئازاپلايدۇ. بەزىدە يەڭگىل قىزىتما بۇلىدۇ. بالا كۈندىن- كۈنگە ئۇرۇقلايدۇ ۋە ئاجىزلايدۇ. روھى كەيپىياتى سۇنۇق بۇلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى:

ياللۇغ قايتۇرۇپ جاراھەتنى پۈتتۈرۈش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بارىمىز.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282