busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 21 دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3465 قىتىم كۆرۈلدى

بالدۇر تۇغۇلۇش

تۇنۇش: تۇغۇلغان بۇۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 2.5كىلوگىرامدىن تۈۋەن بۇلۇپ، ئاي كۈنى تۇشۇشتىن بىرنەچچە ھەپتە بۇرۇن تۇغۇلۇش بالدۇر تۇغۇلۇش دىيىلىدۇ.

سەۋەپ: بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىدا ئاساسەن تۈۋەندىكى سەۋەپلەر بۇلىدۇ.

(1) ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش كىسىلى:

(2) باش سۈيىنىڭ بالدۇر يېرىلىشى، بالا ھەمرىيىنىڭ بالدۇر ئاجرىلىشى ياكى بالا ھەمرىيىنىڭ تەتۈر ئۇرۇنلىشىپ قېلىشى

(3) قوشكىزەك ياكى ئۈچ كىزەك ھامىلدارلىق.

(4) ئېغىر سۇزۇلما كىسەللىكلەر مەسىلەن: ئېغىر ئۆپكە سىلى، يۈرەك كىسىلى ، بۆرەك كىسىلى، دىيابىت، ئادەتلەنگەن بالدۇر تۇغۇلۇش ئۇزۇقلۇقنىڭ ناچارلىشىش قاتارلىقلار.

(5) قان ئازلىق.

(6) يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرگە قىزىتمىنىڭ قۇشۇلۇپ قېلىشى.

(7) بالىياتقۇ ئىچىگە ئۆسكەن غەيرى گۆش.

(8) تۈرەلمىنىڭ شەكىللىك بۇلۇپ قېلىشى

(9) ھەرخىل تۈردىكى زەھەرلىنىش

(10) قاتتىق چارچاش ۋە ھەرخىل زەربە تەسىرىدىن زەخىملىنىشلەر سەۋەبىدىن بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالىدۇ.

ئالامىتى: بالدۇر تۇغۇلغان بالىلاردا ئاساسەن تۈۋەندىكى ھەرخىل بەلگىلەر بۇلىدۇ.

(1)تاشقى كۈرۈنۈش جەھەتتىن:

بالىلار قانچە بالدۇر تۇغۇلغان بولسا تىرىسىدىكى قورۇق شۇنچە كۆپ تىرناقلىرى يۇمشاق بۇلىدۇ. گەۋدىسىكى ھامىلە تۈكلىرى ئۇزۇن باش قىسمىدىكى تۈكلەر شالاڭ ۋە قىسقا بۇلىدۇ. تىرىسى بوش ۋە يۇمران كىلىدۇ.

بالدۇر تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئۇرقدانى تېخى ئۇرۇقدان خالتىغاچۈشمىگەن : بالدرۇ تۇغۇلغان قىز بالىلارنىڭ جىنسى ئەزاسىدىكى دىلچۇق چوڭ ۋە قېلىن، چوڭ جىنسى لەۋلىرى تولمىغان بۇلىدۇ.

(2) بەدەن پائالىيىتى جەھەتتىىن:بەدىنى تىز قىزىرىپ، تىز سۇۋۇيدىغان، بىردەم قىززىپ بىردەمدىلا سۇۋۇيدىغان ، ئۇڭاي يۇقۇملىنىدىغان بۇلىدۇ. نەپەسلىنىش تىز ۋە ئۆزە بۇلۇپ بەزىدە تەرتىپسىز نەپەسلىنىدۇ. يىغىسى ناھايىتى ئاجىز بۇلىدۇ. گېلىدىكى شىلىمشىقلارنى چىقىرىش تەس بولغاچقا ئۇڭايلا كۆكىرىپ كىتىدۇ.

ئىمىش ۋە ئەمگەن سۈتنى يۇتىشى ئاجىز بۇلىدۇ. ئۇڭايلا قېقىلىپ كىتىدۇ. ئىچى سۈرىلىدۇ ۋە قۇرسىقى كۈپىدۇ. شۇڭا ئۇڭايلا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەلسىك كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي قالسا سۇلۇق ئىششىق پەيدابۇلۇپ قالىدۇ. بۆرىكى تۇلۇق يىتىلمىگەنلىك سەۋەپتىن سۈيىدىمۇ نورمال بولمايدۇ. بەزىلىرى ئۇڭايلا راخىت كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قالىدۇ. بەدىنى ئاجىز بولغاچقا قان ئازلىق كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش ئىھتىمالى چوڭ.

داۋالاش:

بالدۇر تۇغۇلغان بالىنى ئەي قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق پەرۋىش قىلىش بالىنىڭ ئەھۋالىغاقاراپ مۇۋاپىق ئۇزۇقلاندۇرۇش لازىم. زۈرۈر تېپىلسا داۋالىسا بۇلىدۇ.

(1)   پەرۋىش قىلىش:

بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلغان بالا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىنلا پەرۋىشنى باشلاش كىرەك. ئالدى بىلەن بالا تۇغۇلغان ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئىسسىتىش بىلەن بالىنى سۇغۇق تىگىپ قېلىشتىن ساقلاش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېغىز بۇرۇنلىرىنى پاكىزە تازىلاپ، نەپەس يۇلى تۇسۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كىرەك. يۇمشاق يۆگەككە يۆگەپ ئىسسىق ساقلاش لازىم.

پەرۋىش قىلىشتا ئىنچىكە ھەم سەۋرىچان بۇلۇش، ئۇزۇقلاندۇرۇشتا ئىنچىكلىك بىلەن كۈزۈتۈپ، ئېغىر كەلمىگۈدەك بەدەن ئىھتىياجى قامدالغۇدەك ئۇزۇقلاندۇرۇش لازىم. تاماق يىدۈرۈش، ئىمىتىش، يۇيۇندۇرۇش، زاكا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ھەممىسىنى بەكمۇ سىلىقلىق ۋە بالىغا سۇغۇق تەككۈزۈپ قويماسلىق شەرتى بىلەن ئۇرۇنداش لازىم. 2كىلوگىرامدىن كىچىك بالىلارنى يۇماسلىق تۇغۇلۇپ 4سائەتتىن كىيىن بەدەندىكى ھامىلە شالتاقلىرىنى ئىسسىتىلغان كۇنجۇت يېغى ياكى بادام يېغى بىلەن ياغلاپ ئاندىن پاختا بىلەن سۈرتۈپ چىقىرىش لازىم. بىرقېتىمدا بولمىسا ئەتىسى يەنە مايلاپ سۈرتسە بۇلىدۇ. ئەگەر بالا بەك ئاجىز بولسا تازىلىمىسىمۇ بۇلىدۇ.

بالدۇر تۇغۇلغان بالىنىڭ بەدىنى ئاجىز بولغانلىقتىن ئۇڭاي يۇقۇملۇنۇپ قالىدۇ. شۇڭا ھەممە ئامالنى قوللۇنۇپ يۇقۇملۇنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بالا ياتقان ئۆپكە كىسەل ئادەم كىرمەسلىكنى، ھەممىلا ئادەم قۇلىغا ئېلىۋەرمەسلىك لازىم. بالىنى ياتقۇزغاندا، ھەمىشە بىرخىل ياتقۇزىۋەرمەي ھەرقېتىم ئىمىتكەندىن كىيىن، يېتىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش، كۆپرەك ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ياتقۇزۇش لازىم

ئالدىنى ئېلىشتا: ھامىلدارلارنى ئاسراش، ياخشى ئۇزۇقلاندۇرۇش بالدۇر تۇغۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارنى بىرىش.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282