يىڭى تۇغۇلغان بۇۋاقتىكى كۆز ئاغرىقى
تۇنۇش :
بۇ يىڭى تۇغۇلغان بالىلار كۆز ئالمىسى ۋە قاپىقى قىزىرىپ ئىششىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىسەللىك بۇلۇپ كۈپۈنچە تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈن ئىچىدە پەيدا بۇلىدۇ. پەسىل ۋە جىنسى ئايرىمىسى بولمايدۇ.
سەۋەبى:
بالىلار تۇغۇلۇش ۋاقتىدا ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزالىرىدىكى جاراسىملار (بۇلۇپمۇ سۆزنەك جاراسىمى) بۇۋاقلار كۈزىگە كىرىپ كىتىش نەتىجىسىدە كىلىپ چىقىدۇ. بەزىدە ئانىنىڭ ئۇفۇنەتلەنگەن نەرسىلە ربىلەن بۇلغانغان قۇلى، لۇڭگا، ياغلىق قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ كىسەل يۇقتىرىشى سەۋەبىدىنمۇ كىلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: كىسەل جىددى باشلىنىدۇ. كۆز قاپاقلىرى بەك قىزىرىپ ئىشش بىلەن بىرگە كۆزدىن سېرىق ياكى ئاقۇش رەڭلىك چاپاق چىقىدۇ. چاپاقلاردا دائىم قاپاققا چاپلىشىپ تۇرىدۇ. بەزىدەكۆزنى ئاچقىلى بولماي قالىدۇ. كۆزدىن بەزىدە ياش ئاقىدۇ. بەزىدە ياش ئاقمايدۇ.
داۋالاش:
ياللۇغ قايتۇرۇش مەخسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇۋاقلار ھاۋاسى ساپ، پاكىزە، يۇرۇق ئۆيدە بېقىلىدۇ. كىيىم- كىچەك، نەرسە- كىرەك ۋە ئانىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بىرىلىدۇ. بۇكىسەل بىلەن ئاغرىغان بالا بەك كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن تۈۋەندىكى دورىلارنى ئانىسى دەملەپ ئىچىش كىرەك.