busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 21 دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3669 قىتىم كۆرۈلدى

يىڭى تۇغۇلغان بالىلاردىكى قاناش

تۇنۇش: يىڭى تۇغۇلغان بالىلاردىكى قاناش كۈپۈنچە بالىلارنىڭ بېشىدىكى قاناش، ئىششىق، كىندىكنىڭ قانىشى، قىز بۇۋاقلاردا جىسى يولنىڭ قانىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

سەۋەپلىرى:

(1) باش قانلىق ئىششىقنىڭ سەۋەبى: تۇغۇتتا ھامىلنىڭ بالىياتقۇ ئىچىدە مىدىرلىشى بىلەن بالىنىڭ باش سۈڭىكى ئانىنىڭ داس قىسمىغا سۈركىلىپ قان تۇمۇرلارنىڭ يېرىلىشى ياكى تۇغۇت يۇلىنىڭ قاتتىقلىقى تۈپەيلىدىن بالىنىڭ بېشى قىسىلىپ قېلىپ باش سۈڭىكى ئاستىدىكى قان تۇمۇرلار يېىرلىپ، شۇ ئۇرۇنغا قان يىغىلىپ قېلىشتىن پەيدا بۇلىدۇ.

(2) كىندىك قاناشنىڭ سەۋەبى:

 كىندىك قاناشنىڭ سەۋەبى 2خىل بۇلىدۇ.

(1) كىندىك  بېغىشى بۇۋاقلاردا كىندىك بوشراق بۇغۇلۇپ قالغان بولسا، كىندىك قۇرغاندىن كىيىن باغلاق بۇشاپ چۈشۈپ كتىىپ قانايدۇ. بەزىدە كىندىكنى باغلىغان يىپ بەك ئىنچىكە كىتىپ قانايدۇ. بەزىدە كىندىكنى باغلىغان يىپ بەك ئىنچىكە ياكى بەك چىڭ بۇغۇلغان بولسا كىندىكتىكى تۇمۇرنى ئىزىۋېىتپ قاناشنى پەيدا قىلىدۇ.

 (2) كىندىك چۈشكەندىن كىيىن كىندىكنىڭ تۈۋىدىن قان سىرغىپ چىقىپ قانايدۇ.

ئالامىتى

 باش قانلىق ئىششىقنىڭ ئالامىتى:

ئىششىق كۈپۈنچە بالا تۇغۇلۇپ بىرىنچى كۈنى بايقىلىدۇ. ئىششىقنىڭ ئورنى كۈپۈنچە بالا تۇغۇلۇپ بىرىنچى كۈنى بايقىلىدۇ. ئىشىشقنىڭ ئورنى كۈپۈنچە چۇقا سۈڭىكىدە ياكى چۇقا سۈڭىكىنىڭ ئارقا قىسمىدا بۇلۇپ، بەزىدە ھەرئىككى تەرەپتە قانلىق ئىششىق يۈز بىرىدۇ. ئىششىق ناھايىتى تىز چۇڭۇيۇپ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە يۇقىرى پەللىگە چىقىپ كىيىن تەدرىجى كىچىكلەپ كىسەللەنگەن ئۇرۇندىكى تىرىنىڭ رەڭگى ئەسلىگە كىلىدۇ. ئايرىملاردا كىسەللەنگەن ئۇرۇن قىزىرىپ ئىششىغان جاي لۈمۈلدەيدۇ. باسقاندا ئولتۇرۇشمايدۇ. ئىششىقنىڭ دائىرىسى ئىنىق بۇلىدۇ. ئورنى سۈڭەكنىڭ ئۈستىدە بۇلۇپ سۈڭەك چاكىلىرىدىن ئۆتمەيدۇ. پەيدا بولغان جاي توختايدۇ. ئىششىقنىڭ چوڭ- كىچىكلىكىگە قاراپ ئۇزۇن بولغاندا 3، 4ئاي قىسقا بولغاندا ئىككى ئايغىچە داۋاملىشىدۇ.

داۋالاش:

بۇكىسەلنى مەخسۇس داۋالاشنىڭ ھاجىتى يوق. قۇشۇمچە كىسەللىكلەر قۇشۇلۇپ قالمىسىلا ھەممىسى ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ قالىدۇ. قۇشۇمچە كىسەللىك پەيدابۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تىرىسىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، زىدىلىنىشتىن ساقلاش لازىم. شۇڭا داكىنىڭ قېتىغا پاختا ئېلىپ يۇمشاق قىلىنغان يۆگەك بىلەن بالىنىڭ باش قىسمىنى يۆگەپ سۈركۈلۈپ زىدىلىنىشتىن ساقلاشنىڭ ئۈزى كۇپايە قىلىدۇ.

قىزىش ئەھۋالى كۈرۈلسدە قىزىتما قايتۇرغۇچى، ئىسسىقنى پەسەيتىپ ماددا تارقاتقۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282