busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 22 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 20175 قىتىم كۆرۈلدى

بىنەپشە مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:ھۆل بىنەپشىنى 3 كىلو 600 گرام كۈنجۈت مېيىغا 10 كۈن چىلاپ،تۇمۇزنىڭ ئاپتىپىدا تۇرغۇزۇپ،ئاندىن سىقىپ تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ،يەنە 1000 گرام گۈلبىنەپشىنى سېلىپ،يەنە 10 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇپ،سىقىپ تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ،چىققان مېيىنى چەككىلەپ سۈزۈلىدۇ.پاكىز قاچىغا ئېلىپ سالقىن ساقلايمىز.

تەبىئىتى:ھۆل سوغۇق.

خۇسۇسىيىتى:سەپرادىن بولغان ئاغرىقلارنى پەسەيتىش،ئۇيقۇ كەلتۈرۈش،يۇمشىتىش،ئىششىقلارنى تاقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى،مېڭە پەردە ياللۇغى،ئەمچەك ئىششىقى،ئۇيقۇسىزلىق،قۇرۇقتىن بولغان تەشەننۇچ (ئەزالارنىڭ تارتىشىپ قېلىشى)،زەھەرلىنىش،يۆتەل قاتالىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282