busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 22 دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 18597 قىتىم كۆرۈلدى

قۇستە مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:قۇستە 30 گرام،قارىمۇچ 9 گرام،پەرپىيۇن 9 گرام،ئاقىرقەرھا 12 گرام،قۇندۇز قەھرى 6.5 گرام،كونا مۇسەللەس 300 مىللىلىتىر،زەيتۇن مېيى ياكى كۈنجۈت مېيى 150 مىللىلىتىر.قۇستە،قارىمۇچ،ئاقىرقەرھالارنى چالا سوقۇپ،مۇسللەسكە بىر كېچە چىلاپ،ئەتىسى سۇس ئوتتا 150 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ،قازاننى چۈشۈرۈپ،سوۋۇغاندىن كېيىن سۈزۈپ،سىقىپ،دورا تىرىپلىرىنى تاشلىۋېتىپ،قايتىدىن شارابنى قازانغا قۇيۇپ،ئۈستىگە كۈنجۈ ياكى زەيتۇن مېيى قۇيۇپ،سۇس ئوتتا شاراب تۈگەپ ياغ قالغۇچە قاينىتىپ،قۇندۇز قەھرى بىلەن پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ،ئارىلاشتۇرۇپ،دورا سوۋۇغاندىن كېيىن بىر قېتىم سۈزۈپ تەييار قىلىنىدۇ.

تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:ئاغرىق پەسەيتىش،پەينى چىڭىتىش،چاچنى قارايتىش،ئاشقازان،جىگەرنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:پالەچ،لەقۋا،مۇپاسىل،ئاشقازان،جىگەر كېسەللىكلىرىگە،بالدۇر چاچ ئاقىرىپ كېتىش،تەشەننۇچ قاتارلىقلاغا ئىشلىتىلىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282