busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 2 دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 7778 قىتىم كۆرۈلدى

تامچە قۇرۇت خاراكتىرلىك جىنسى يول ياللۇغى

كېسەلللىك سەۋەبى :

تامچە قۇرۇت خاراكتىرلىك جىنسى يول ياللۇغى ئاياللار جىنسى ئەزا ياللۇغلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. جىنسى يول تۇكلۈك تامچە قۇرتىدىن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىقىدۇ.

يۇقۇش يولى:

)بىۋاستە يۇقۇش :جىنسى ئالاقە ئارقىلىق  يۇقىدۇ.

)ۋاستىلىق يۇقۇش :جىنسى يول تۇكلۈك تامچە قۇرتىدىن يۇقۇملاانغان كىشىلەرنىڭ ئىشلەتكەن بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلىتىش ھەم كوللىكتىپ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە بۇخىل كىسەل بىلەن ئاغىرىغان بىمارنى تەكشۇرگەن سايماننى ياخشى دىزىنفىكسىيە قىلماي باشقىلارغا ئىشلىتىش سەۋەبىدىن يۇقۇشنى كۆرسىتدۇ.

كىلنىك ئالامەتلىرى :

ئاساسلىق ئالامىتى ئاق خۇن كۆپىيىش بولۇپ تىپىك ئاق خۇن كۈلرەڭ سېرىق ياكى كۈلرەڭ كۆك رەڭلىك كۆپۈك شەكىللىك سۇيۇق سېسىق پۇراقلىق بولۇپ بەزىدە قىزغۇچ كىلىدۇ، ئارلااشما يۇقۇملاانغاندا يېرىڭلىق بولىدۇ. ئاق خۇن كۆپەيگەندە تاشقى جىنسى ئەزاغا ئېقىپ چىقىپ تىرىنى غىدىقلاپ تاشقى جىنسى ئەزا ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ چۈمۈلە ماڭغاندەك سىزىمنى پەيدا قىلدۇ.تاشقى جىنسى ئەزا قىچىشدۇ ۋە كۆيىشىدۇ.

يەرلىك ئورۇننى تەكشۈرگەندە يەرلىك ئورۇندا قان تولغان ،قىززارغان،شەلۋەرىگەن ،ئىششىغان ھالىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ.ھەمدە جىنسى يول گۈمبىزىدە ئۇششاق ئەسۋىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.

تۇغماسلىق : تامچە قۇرۇت ئۇرۇقنى يۇتۇپ كەتكەنلىكتىن بەزىلەردە ھامىلدار بولماسلىق كىلىپ چىقىدۇ.

دىئاگىنوز قويۇش :

كىلنىك ئىپادىلىرى، بەدەن بەلگىلىرى، ئاياللار بۆلۈملىك تەكشۈرۈش جىنسى يولدىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرۈشكە ئاساسەن دىئاگىنوز قويغىلى بولىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش:

تازىلق،تەشۋىقات تەربىيىسنى ياخشى ئشلەش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ داۋالااش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، يۇقۇملىىش مەنبىينى يوقىتىش كىرەك .

كوللىكتىپ ياتاقلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمنى كۈچەيتىش ،كىسەللەرنى ۋە قۇرۇت ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنى پائال داۋالاش،  ئايرش تۈزۈمنى ئورنىتىش لاازىم .

يۇقۇش يولىنى ئۈزۈپ تاشلااش: (ۋاستىلىق يۇقۇش يولىنى كۆرسىتدۇ) ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش،داۋالاش سايمانلىرنى ياخشى دىزىنفىكسيە قىلىش ۋە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم .

ئىچ داۋالاش پىرىنسىپى : جىنسى يولنىڭ مۇھىتىنى ئاشۇرۇش،قۇرۇت ئۆلتۈرۇش،ياللۈغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىمىز. 

كىيىملەرنى، يۇيۇنۇش لۆڭگىسىنى قايناق سۇدا يۇيۇش ۋە ئاپتاپتا قۇرۇتۇش لازىم .

داۋالاش :  

جىنسى يولنىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئاچچىقسۇ،سۇيۇقلاندۇرۇلغان سىركە ۋە ئەرقى شاھتەررە بىلەن يۇيۇش كىرەك . ئىچىدىن ئىچىشكە ئەرقى شاھتەررە،قۇرسى شاھتتەررە،شەربىتى ئوشبە،مەجۇنى سۇپارى،مۇنزىچ قاتارلىق دورىلار بىرىلدى.

تەييارلىغۇچى : ئاياللار كىسەللىك بولومى

 يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282