busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 2 دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 6611 قىتىم كۆرۈلدى

سوزۇلما خاراكتىرلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغى. ( ۋەرمى رەھمى).

تونوش :

سوزۇلما خاراكتىرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ئۇتكۇر خاراكتىرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغۇنى ۋاختىدا ئۇزۈل كىسىەل داۋالانمىغانىلقتىن كىسەل قوزغاتقۇچى جاراسىملەر بالياتقۇ بوينى شىللىق پەردىسى ئىچىگە يۇشۇرنىۋىلىپ ئاستا خاراكتىرلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

سەۋەبى:

ئۆتكۈر خاراكتىرلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغىنى ۋاختىدا داۋالىمغانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.

غەيرى تەبىئى خىلىتلارنىڭ بالياتقۇ بوينىغا تەسر قىلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

داس بوشلۇقىدىكى ياللۇغنى ۋاختىداداۋالىماسلىق،داس بوشلۇقىدىكى ئەزالار يەنى بالياتقۇ بوينى،بالياتقۇ ئىچكى پەردىسى ياللۇغلىنىش بولغاندا ئاجرالما ماددلارغا بالياتقۇ بوينى ئۇزۇن مۇددەت چىلىنىش نەتىجىسىدە كىلىپ چىقىدۇ.

تۇغۇت،بويىدىن ئاجراش،ھېيىز ۋە چىللە دەۋردىكى تازىلىق ۋە دىزىنفىكسيەگە دىققەت قىلماسلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ.

ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى نامۇۋاپىق ئىشلىتىش نەتىجىسىدە سوزۇلما خاراكترلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغى كىلىپ چىقىدۇ.

ئىچكى ئاجرالما بەزلەر خىزمىتىنىڭ قالايمىقانلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

بالياتقۇ چىقۇقى تەسرىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

جىنسى تۇرمۇشنىڭ كۆپ بولۇشى ھەمدە قوپال بولۇش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

كىلنىك ئالامەتلرى :

ئاستا خاراكتىرلىك بالياتقۇ بوينى ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلرى جىنسى يول ئاجرالمىلرى كۆپىيدۇ.كىسەل قوزغاتقۇچى مىكروپ،ياللۇغلىنىشنىڭ دائرسى ۋە دەرىجىسنىڭ ئوخشىماسلقىغا قاراپ جىنسى يول ئاجرالملرنىڭ مىقدارى،خاراكتىرى ۋە رەڭگى پۇرۇغىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،جىنسى يول ئاجرالملىرنىڭ رەڭگى سۇترەڭ شىلمىشلىق بولىدۇ،بەزىدە سارغۇچ يېرىڭلىق كىلىدۇ،بەل توققۇز كۆز قىسمى سىقىراپ ئاغىرىدۇ،قورساق تۆۋەنگە قاراپ چىڭقىلىدۇ،بۇ ھەرقىتىملىق ھېيىز مەزگىلىدە ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندىن كىيىن ئېغىرلىشدۇ،بەزىدە تىگشىش خاراكتىرلىك قاناش كۆرۈلىدۇ.

دىئاگنوز قويۇش :

كىلنىك ئىپادىلرى ۋە ئاياللار بۆلىمدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇش ئانچە تەس ئەمەس ئەگر بالياتقۇ بوينى زىدىسى -دەرىجىگە يەتكەن بولسا  بالياتقۇ بوينىدىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۇرۇپ راك ھۈجەيرنىڭ بار يوقلۇغىنى ئىنىقلايمىز.

سېلىلشتۇرما دىئاگوز:

بالياتقۇ بوينى راكى (دەسلەپكى دەۋېردىكى )راكقا گرىپتار بولغان بىمارلاردا بالياتقۇ بوينىدا شەلۋەرەش بولۇپ ئېغىر بولغاندا تىگش خاراكترلىك قاناش بولىدۇ. بۇنى پەرقلەندۈرشتە يەرلىك ئورۇندىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلايمىز.

بالياتقۇ بوينى ئۆرۈلۈپ قىلىشتىن: بالياتقۇ بوينى ئۆرۈلۈپ قىلىشتا ئاياللار بولىمىدە تەكشۈرگەندە قىزىرىپ شەلۋەرگەن ھالەتتە بولىدۇ.شۇڭا بۇنى بالياتقۇ بويىنى ياللۇغۇدى پەرىقلەندۇرۇش كىرەك.

ئالدىنى ئېلىش:

ۋاختىدا ئاكتىپلىق بىلەن جىددى خاراكتىرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىنى داۋالاش.ئاياللار بۇلۇمدە قەرەرلك ھالدا تەكشۇرتۇپ تۇرۇش.بالىياتقۇ بوينى ياللۇغۇى بايقالغان ھامان ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش،پىلانلىق تۇغۇش،ھېيىز،ھامىلدارلىق تۇغۇت ۋە چىللە مەزگىلدىكى تاازىلىققا دىققەت قىلىش.تۇغۇت جەرياننى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ بالىياتقۇ بويننىنىڭ يىرىلىپ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىش،يىرىلىپ زەخمىلەنەنگەن بولسا ئوز ۋاختىدا تىكىش لازىم .

داۋالاش:

بالياتقۇ بوينى ياللۇغۇنى داۋالاشتىن ئىلگرى بالياتقۇ بوينىنى قىرىپ نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈرۈپ دەسلەپكى دەۋردىكى بالياتقۇ بوينى راكىنى ئنىكار قىلىش لازىم .

داۋالاشتا:

دەسلەپكى قەدەمدە سەۋەپچى بولغا خلىتنىڭ يەنى سەۋدا ياكى سەپرا خلىتىنىڭ مۇنزىچ ئاندىن مۇسسھىلى برلىدۇ،شۇنىڭدەك جاراسىملەرنى ئۆلتۈرىدىغان قاننى جانلاندۇرىدىغان،ۋە گۆش ئۈندۈرىدىغان دورىلارنى ئشلىتىش پرىنسىپ قىلنىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئىتترپىل چۆبىچىن،ئەرقى چۆبىچىن،شەربىتى ئۆشبە،مەجۇنى ئۆشبە، ئەرقى كاكىنەچ،ئەرقى شوخلا،مەجۇنى چۆبىچىن قاتارلىقلار دورىلار ئەھۋالغا قاراپ بىرېىلىدۇ.

سىرتتىن ئىشلىتىشكە ئارپا ئۇنى،باقىلا،نوقۇت،بىنەپشىلەرنى ئىزىپ ھۆل يۇمغاقسۇت ياكى ھۆل كاسىنى سۇلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ خىمىر قىلىپ ئۈستىگە بىر ئاز كافور قوشۇپ دوۋسۇن ئۇستىگە تاڭىدۇ.

تۆۋەندىكى ۋاننا بىرىلىدۇ. تەركىبى: بابۇنە،ئىككىلمىلىك،سېمىز ئوت ئۇرۇغى،مامۇران چىنى،سېرىق چىچەك قاتارلىقلارنىڭ قاينىتىلغان سۈيىدە ئولتۇرغىزىلىدۇ ياكى يۇيلىدۇ.

ئەگەر بالياتقۇ بوينىدا ئىششىق بولسا (يەنى شەلۋەرەش بىلەن بىرگە )

بولسا بىر ھەپتە ئتراپىدا ۋاننىدا ئولتۇرغۇزىلىدۇ.ھەم بۇ سۇيۇقلۇق بىلەن يەرلىك ئۇرۇننى يۇسا بولىدۇ. 

ئەگەر بالياتقۇ بوينى مۇنچاق گۆش ئۆسمىسى بولغان بولسا مۇنچاق گۆش قىسقۇچى بىلەن مۇنچاق گۆش قىسمىنى قىسىپ تولغاپ ئۈزۇپ ئورنىغا قان توختاتقۇچى دورىلارنى سېپىش كىرەك. 

ئەگەر بالياتقۇ بوينى خالتىلىق ئششىق بولۇپ ئېغىز ئالمىسا بالياتقۇ بوينى شەلۋەرەشكە ئوخشاش داۋالاش ئېلىپ بېرلىدۇ.

بالياتقۇ بوينى چوڭيىش داۋالاش جەرياندا ئۆزلىگىدىن ساقىيىپ كىتىدۇ.

تەييارلىغۇچى : ئاياللار كىسەللىك بولومى

 يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282