busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 23 دىن 9 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 17625 قىتىم كۆرۈلدى

بابۇنە مېيى

تەييارلاش ئۇسۇلى:بىر كىلوگرام ھۆل بابۇنە گۈلىگە 4 كىلوگرام كۈنجۈت يېغىنى قۇشۇپ،شېشىگە ئېلىپ،ئاپتاپتا قۇيۇپ ھەر كۈنى گۈلىنى سىقىپ،تىرىپىنى ئېلىۋېتىپ،يەنە گۈل سېلىپ،3 ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن 20 كۈن ئاپتاپتا گۈلى بىلەن تۇرىدۇ.ئاندىن كىيىن گۈلىنى سىقىپ تاشلىۋېتىپ،سۈزۈپ ئېلىنىدۇ ياكى قۇرۇق بابۇنە گۈلىنى قازانغا سېلىپ،سىقىپ چىقىرىۋالغان 2 كىلوگرام سۇغا 4 كىلوگرام كۈنجۈت مېيى قۇيۇپ،تاكى سۈيى تۈگەپ ياغ قالغىچە قاينىتىلىدۇ.كۆيۈپ كەتسە بولمايدۇ (ھۆل گۈلدىن 1 ھەسسە بولسا،قۇرۇق گۈلدىن يېرىم ھەسسە سېلىنىدۇ).ئاپتاپتا چىقارغىنى ياخشى.

تەبىئىتى:ئىسسىق.

خۇسۇسىيىتى:سوغۇقتىن بولغان ئىشىشقلارنى تاقىتىش،ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش،مەساملارنى ئېچىش،ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىشى:قىزىلئۆڭگەچ ئىشىشىقى،سەۋدا مەنبەلىك باش ئاغرىقى،بۆرەك ئىشىشقى،تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇتۇش،گاسلىق،مۇپاسىل،نىقرەس،مېڭە پەردە ئىشىشىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282