سوزاپ مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى:سوزاپ سۈيى 420 گرام،قىزىل قىچا،ئاقىرقەرھا 3 گرامدىن،كۈنجۈت مېيى،زەيتۇن مېيى 26 گرامدىن يۇقىرىقى دورىلارنى سوزاپ سۈيىگە چىلاپ،ئاندىن كېيىن مايلارنى قۇشۇپ،قاينىتىپ،سۈيى تۈگەپ مېيى قالغاندا،پىسەپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى:تەبىئي ھارارەتنى كۈچەيتىش،سوغۇقتىن بولغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىشى:پالەچ،گاس،تەشەننۇچ ،باش ئاغرىقى،پاچاق ئاغرىش،تۇتقاقلىق كېسەل،قۇلاق ئاغرش،سۈيدۈك ۋە ھەيز تۇتۇلۇش قاتارلىقلاغا ئىشلىتىلىدۇ.
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت
مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0
بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741