busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0 دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 10797 قىتىم كۆرۈلدى

مەقەت پۇتەيلىكى (مەئىدۇمى مەقئەت)

تۇنۇش: بۇ يىڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ چوڭ تەرەت يۇلى پوتەي بۇلۇش نەتىجىسىدە چوڭ تەرەت قىلالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىسەللىك بۇلۇپ پەسىل ۋە جىنسى ئايرىمىسى بولمايدۇ.

 سەۋەبى: مەقەت پوتەيلىكى تۇغما بۇلىدۇ. كۈپۈنچە بالىلار بالدۇر تۇغۇلۇش، قورساقتا يىتىلىشنىڭ نورمال بۇلالماسلىقى ياكى ئانىنىڭ ھامىلدار ۋاقتىدا تۈرەلمە تەرەققىياتىغا تەسىريەتكۈزىدىغان دوراقاتارلىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش ئارقىسىدا تۈرەلمە يىتىلىشنىڭ غەيرى بۇلۇپ قېلىشى قاتارلىقلار سەۋەپ بۇلىدۇ.

 ئالامىتى: مەقەت پوتەيلىك كىسىلى بىلەن تۇغۇلغان بالىلار تۇغۇلغاندىن كىيىنلا مەلۇم بۇلىدۇ. بەزى يىراق يېزا چەت جايلاردا ئائىلىدە تۇغدۇرۇلغان بالىلار تۇغۇلغان ۋاقتىدا دىققەت قىلىنماي قالغان بولسا 24سائەتكىچە ھامىلە تەرىتى كەلمەسلىك بارا- بارا قۇرسىقى كۈپۈش، قۇرسىقى چىڭقىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۈرىلىدۇ. 2-3كۈن ئۆتكەندىن كىيىن قورساق بەك ئىسىلىپ كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بالىدا رۇشەن ئۇرۇقلاش ئىپادىسى كۈرىلىدۇ. بالا ئەممەيدۇ. كۆڭلى تۇتۇق بۇلىدۇ. بەدەن سۇيۇقلىقى كەمىيىدۇ.

مەقەت تۇغما تار بولغان بالىلاردا تەرەت چىقىش تەس بولغانلىقتىن تەرەت كاللەكچىلىرى كۆتەن ئۈچەي ئىچىدە قاتتىق تاشتەك قېتىپ كىتىدۇ. بۇنداق بالىلارنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشى ناھايىتى زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

داۋالاش: مەقەت پوتەيلىكىنى داۋالاشتا: دەستىكار ئۇسۇلى قوللۇنىلىدۇ. دەستىكار چارىسىنى ئىشلىگۈچى تىۋىپ زۈرۈر بولغان تازىلىق شەرتلىرىگە ئەمەل قىلغان ھالدا ئېلىشى لازىم.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282