busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0 دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 10806 قىتىم كۆرۈلدى

كىندىك ياللۇغى(ئلتىھابى سۈررە)

تۇنۇش:كىندىك ياللۇغى يىڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلاردا كىندىك چۈشكەندىن كىيىن كۈرۈلىدىغان كىسەللىك بۇلۇپ پەسىل ۋە جىنسى ئايرىمىسى بولمايدۇ.

سەۋەبى: كىندىكنى كەسكەن ئەسۋاپلارنىڭ تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، كىندىك قانىغاندىن كىيىن ۋاقتىدا قان توختىتالماي ئۇفۇنەتلىنىش، يۆگەك ۋە كىندىك ئەتراپىغا ئىشلەتكەن لاتىلارنىڭ تازىلىقى  ياخشى بولمالسىق، ماددىلىق ھۆل سۇغۇقلۇقنىڭ غالىپلىقى قاتارلىق سەۋەپلەردىن كىلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: تازىلىقى ياخشى بولماسلىقتىن بولغان بولسا كىندىك چۈشكەندىن كىيىن يەرلىك ئۇرۇن ساقايماي شەلۋەرەپ تۇرىدۇ. قىزىتما كۈرىلىدۇ. سېسىق پۇراقلىق پەيدا بۇلۇپ يىرىڭلىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ. ماددىلىق ھۆل سۇغۇقتىن بولغان بولسا ئاق سۇلۇق ئىششىق پەيدا بۇلىدۇ. قىزىتمابولمايدۇ.

ئالدىنى ئېلىش: كىندىك ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۇغۇت ۋاقتىدا كىندىكنى كىسىدىغان ئەسۋاپلار پاكىزە بۇلىشى، كىندىك كىسىلىپ بولغاندىن كىيىن باغلانغان يەرنىڭ يۇقىرسىنى مۇناسىپ دورىلار بىلەن تازىلىغاندىن كىيىن يەنە پاكىزە داكا بىلەن تېڭىۋېتىش ۋە خالىغانچە ئاچالماسلىق لازىم. ئەگەر كىندىك قانىسا ۋاقتىدا چارە قىلىش لېكىن چارە قىلىش مەشغۇلاتى جەريانىدا پاسكىنا نەرسىلەرنىڭ تەسىر قىلىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئىھتىيات قىلىشى لازىم.

داۋالاش:ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بالىنىڭ ئۇرۇن- كۆرپىلىرى تازىلىنىدۇ.

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282