ھەركەتنىڭ ساغلاملىققا بولغان پايدىلىق رولى
1. ھەركەت قىلىش- مېڭىنى جانلاندۇردۇ. چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ چوڭ مېڭىنىڭ زەئىپلىشىپ كېتىشى، چوڭ مېڭىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. ھەركەت قىلىش- بەدەندىكى ماينى ئۈنۈملۈك خورىتىدۇ. يۈرەكنى ساغلام قىلىدۇ.
3. ھەركەت قىلىش- ئۆپكە ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، ئۆپكىنىڭ سىغىمىنى ئاشۇرۇپ ماڭىدۇ.
4. ھەركەت قىلىش- بەدەندىكى كالتىسى ماددىسىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ، سۆڭەك چۈرۈكلىشىپ كېتىش، سۆڭەك سۇنۇش، سۆڭەك شالاڭشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
5. ھەركەت قىلىش- بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىپ، بىھۇدە سەمرىپ كېتىشنىڭ ۋە تۇيۇقسىزلا ئۇرۇقلاپ كېتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.
6. ھەركەت قىلىش- مۇسكۇللارنىڭ كېرىلىش كۈچىنى ئاشۇردۇ. مۇسكۇللار چېكىىپ كېتىش ۋە يىگلەپ كېتىشنىڭ ئاكتىپ ھالدا ئالدىنى ئالىدۇ.
7. ھەركەت قىلىش- تېرىنى ئىسىقلىق بىلەن تەمىنلەپ، تېرىنىڭ ئىلاستىكلىقى، پارقىراقىلىقىنى ساقلايدۇ. ھەر خىل تېرە كېسەللىكىلىردىن ساقلايدۇ.
8. ھەركەت قىلىش- ھاردۇقنى چىقىردۇ، كۆڭۈلنى ئاچىدۇ، خۇشال قىلىدۇ، روھى- كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ، ئادەمنى تېتىك، روھلۇق، جۇشقۇن قىلىدۇ.
9. ھەركەت قىلىش- ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلايدۇ، ئىشتاھانى ئاچىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشلايدۇ. بەدەن شەكلىنى چىرايلىق قىلىدۇ، ئەركىن- ئازادىلىك ھىس قلىدۇردۇ، روھى ئازادىلىك ئاتا قىلىدۇ.