busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 2 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 23433 قىتىم كۆرۈلدى

بالىياتقۇ چىقوقى. (قىروئې رەھمە)

بالياتقۇ ئۆزىنىڭ نورمال ئورنىدىن جىنسى يولنى بويلاپ تۆۋەنلەپ بالياتقۇ بوينى سىرتقى ئاغىزى ئولتۇرغۇچ سوڭەك بېسىمى تەكشىلكىگىدىن توۋەنلەپ جىنسى يولغا يىقىنلاپ قالسا ياكى بالياتقۇنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسى جىنسى يول سىرتقى ئېغىزنىڭ تېشىغا چىقىپ كەتسە بۇ بالا ياتقۇ بوينى چىقۇقى دىيلىدۇ.

سەۋەبى :

تۇغۇتتا زەخمىلىنىش .ھۆل سوغۇقلۇقنىڭ ياكى بەلغەم خىلىتىنىڭ ئېشىشى بىلەن داس تېگى توقۇلمىلىرى ۋە بالياتقۇنى ترەپ تۇرغۇچى تارامۇچلارنىڭ بوشاپ كىتىشىدىن بولىدۇ،ئۇندىن باشقا بالياتقۇنىڭ ئارقىغا جايلىشىشمۇ ئاسانلا بۇ كىسەلنى كەلتۈرۇپ چىقىرىدۇ.

داس تىگى توقۇولمىلرى ۋە تارامۇچلارنىڭ بوشاپ كىتىشىدىن بولىدۇ.

قورساق ئىچكى بېسىمنىڭ ئېشىپ كىتىشىدىن بولىدۇ.

بالياتقۇ چىقۇقى دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن 3دەرىجىگە بولىنىدۇ.

-دەرىجە:بالىياتقۇبوينىنىڭ سىرتقى ئېغىزى ئولتۇرغۇچ چىقىندىسىنڭ

تەكشىلىگىدىن تۇۋەن بۇلىدۇ،يىنىك دەرىجىدىكى بولسا بالىياتقۇ سىرتقى ئېغىزى بىلەن قىزلىق پەردە گىرۋىكى<4mmبۇلىدۇ قىزلىق پەردە قىرىغا يەتمىگەن بۇلىدۇ،ئېغىر تىپتىكى بولسا بالىياتقۇ بوينى سىرتقى ئېغىزى قىزلىق پەردە گىرۋىكگە يەتكەن بۇلىدۇ ئەمما بۇ گىرۋەكتىن ئاشقان بۇلىدۇ،تەكشۇرگەندە جىنسى يولدا بالىياتقۇنى كۆرگىلى بۇلىدۇ.

-دەرىجە:يىنىك تۇرى بالىياتقۇ بوينى جىنسى يول ئېغىزىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قىلىپ بالىياتقۇ بوينى جىنسى يولنىڭ ئچىدو بولىدۇ.

ئېغىر تۇرى:بالىياتقۇ تىنىنڭ بىر قسمى جىنسى يول ئېغىزىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قالدۇ،لىكىن پۇتۇنلەي چىقمايدۇ.

-دەرجە:پۇتكۇل بالىياتقۇ تىنى تامامەن جىنسى يول سىرتىغا چىقىپ قالىدۇ.

كىلىنىك ئپادىسى:

ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئىنجىقلىغۇسى كىلىدۇ.

-دەرجىدە بىمارداھىچ قانداق ئالامەتلەر بولمايدۇ.

--دەرىجىدەبىمارداچىدۇغۇسىز بەل قىسمى ئاغىرىش،تۇۋەنكى قورساق چىڭقىلىش سىزىمى بۇلدۇ،-دەرىجىدىكى بىماردا يول ماڭغاندا،ئەمگەك قىغاندا،چوڭ تەرەت قىلغاندا تۇۋەنكى قورساقنىڭ بىسىمى ئېشىپ جىنسى يولغا كاللەك نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بۇلىدۇ تۇز يەردە يېتىپ دەم ئالغاندىن كىيىن كىچىكلەيدۇ ياكى يوقىلىدۇ.-دەرىجىدىكى بىمارلاردا دەم ئالغاندىن كىيىنمۇ بالىياتقۇ چىقوقى ئەسلىگە قايتمايدۇ،داۋاملىق قول بىلە كىرگۇزۇشكىمۇ ئامال بولمايدۇ،بالىياتقۇ بوينى ۋە جىنسى يول دىۋارى ئۇزۇن مۇددەت سىرتىغا چىقىپ تۇرغانلىقتىن جىنسى يول شىللىق پەردىلىرى مۇڭگۇزلىشىشقا باشلايدۇ،قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچچۇراش ۋە سۇركىلىش نەتتىجىسىدە شەلۋەرەش يارا پەيدا بۇلىدۇ،بەزىدە يىرىڭلىق ئاجىراتمىلار كۆپىيىدۇ،بەزىدە قان چىپىلداپ ئېقىپ تۇرىدۇ.

3)تۇۋەنگە چىڭقىلىش سىزىمى ۋە بەل سىقىراپ ئاغىرىش:چىقىپ قالغان بالىياتقۇ،تارامۇچلار بىلەن قورساق پەردىسىنى تارتقانلىقتىن ۋە داس بوشلىقىغا قان تولغانلىقتىن پەيدا بۇلىدۇ بۇھېيز دەۋرىدە ئەمگەك قىلغاندا ئېغىرلىشىدۇ،ھېيز كۆپ كىلىش قوشۇلۇپ كىلىدۇ.

بالىياتقۇ بوينى ئۇزۇرايدۇ ۋە چوڭىيىدۇ،ئككىنجى ۋە ئۇچۇنجى دەرىجىدىكى بالىياتقۇ بوينى چىقوقى ئۇزن مۇددەت داۋاملاشسا بالىياتقۇبوينى،جىنسىيول،قىسمى ئۇزىرايدۇ بەزىدەcm5~4غا يىتىدۇ،قان ۋە لىمفا ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچچۇرغانلىقتىن ئارلىق ماددىلار ئششيدۇ،بىرىكتۇرگۇچى توقۇلمىلار چوڭىيىدۇ.

باشقا ئالامەتلەر:سۇيدۇك يولى ئەگرى-بۇگرى بولۇپ قىلىش، دوۋسۇن تومپيىپ چىقىش سەۋەبىدىن پات-پات سېيىش،سۇيدۇك چقىرىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش،تۇخۇمدان ۋە بالياتقۇغا قان ئويۇش تۇپەيلىدىن ھېيىز بەك كېلىش ۋە ھېيىز ئاغىرتىپ كىلىش چوڭ تەرەت قىيىنلىشىش بولىدۇ.

 ئالدىنى ئېلىش :

تۇغۇت بولۇمنىڭ ساپاسىنى ئوستۇرۇش،تۇغۇت مەزگىلدە ئارلىق يىرتىلغان بولسا ۋاختىدا تىكىش،ئاياللارنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتىگە دىققەت قىلىش لازىم .

داۋالاش:

داۋالاشتا دورا ئشلتىپ داۋالاش،بالياتقۇ تىرىگى ئىشلتىش ۋە دەستىكار ئۇسۇلى دىن ئىبارەت 3 خىل داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇترۇش لازىم.ھۆللۇكنىڭ كۆپيىپ كىتشىدىن بولسا ئايارەنجى پەيقرا،ھەببى ئايارەج،ھەببى مۇفىرىچ،ھەببى ئستەمغىقۇن،بايادەيدوس بىرىپ ماددىنى تەنقىيە قىلىمىز شۇنڭدەك پەي تارامۇچلارنى چىڭىتىش ئۇچۇن مۇرەككەپ دورىلاردىن مەجۇنى سالاجىت،جاۋارىش كۇندۇر،قۇرسى كەھرىبا،داۋائل مىشىكى،ماتىدىل ھايات بىرىلىدۇ.مەجۇنى ئاززىراقى،سىپۇپى مارى ئەفئى،بىرىلىدۇشۇنداقلامومىيا،زەرنەپ،موزا،ئاقاقىيا،تاباشىر،پوپەل، زەمچەداۋا،گۇل-ئەرمىنى،كۇندۇر12گىرامدىن ئېلىپ زەمچىدىن باشقىسىنى سوقۇپ تالقان قىلىپ كۆيدۇرۇلگەن زەمچەبىلەن قوشۇپ رەيھان سۇيى ياكى ئەرقى گۇلاپ بىلەن مەلھەم ياساپ چىپىلىدۇ .

تۇۋەندىكى ۋاننا ئشلىتىلىدۇ،تەركىۋى:ئقىل قەرھا،سېرىق چىچەك،سەئدى كۇفى،ئانار گۇلى، سۇمبۇل،قىزىل گۇل،زەمچە 10گىرامدىن بەللوت15گىرام ئېلىپ قاينىتىپ ئولتۇرغۇزىلىدۇ.ھەمدە يۇقارقى دورىلاارنى يۇمىشاق سوقۇپ تۇخۇم سېرىغىدا يۇغۇرۇپ خېمىر قىلىپ زىمات قىلىنىدۇ.

لاچىندانە،گۇل دارچىن،دارچىن،سۇمبۇل،10گرامدىن بەزبازە،جوز بوۋا ،كاۋاۋىچىن6گرامدىن،ئۇستىقۇددۇس،ئۇدسەلىب،ئوشنەھىندى10گىرامدىن،ئقىل-قەرھا6گىرام،قەلەمپۇر3گىرامئزخىر10گىرام،بادىرەنجىبويا10گىرام،ھەسەل500گىرام قاينىتىپ شەربەت تەييارلاپ بىرىلىدۇ.ياكى ئەڭ دەسلەپتە تۇۋەندىكى مۇنزىچ بىرىلىدۇ،تەركىۋى:ئۇرۇقسىز ئۇزۇم11گىرام ئارپا بادىيان7گىرام رۇم بادىيان9گىرام چالا سو قۇلغان چۇچۇك بويا يىلتىزى9گىرام پىرسىياۋشان7گىرام ئەنجۇر5دانە قىزىل گۇل8گىرام،ھەسەلدەياسالغان،گۇلقەن21گىرامدىن،سىركەنجىۋىل20مىللىمىتىر سۇ900گىرام بۇلاردىن قائدە بۇيىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ.

بالىياتقۇ تىرىگى ئشلىتىش:ۇ--دەرىجىلىك بالىياتقۇ چىقۇقىغا مۇۋاپىق كىلىدۇ،شۇنىڭدەك تىنى ئاجىز ئوپىراتسىيەنى كوتۇرەلمەيدىغان

لارغا مۇۋاپىق كىلىدۇ،دورا ئارقىلىق ياكى بالىياتقۇ تىرىگى ئشلىتىپ داۋالاش ئۇنۇم بەرىگەندە ياكى -درىجىلىك چىقوقىغا ئوپىراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بىرىلىدۇ.غىزاسىغا ھول سۇغۇق يىمەكلىكلەر پەرھىز قىلدۇرلىدۇ.

تەييارلىغۇچى : ئاياللار كىسەللىك بولومى

 يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282