بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0 دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 6276 قىتىم كۆرۈلدى
ئوكسىگىنلىق ساپ ھاۋا تەنگە داۋا
سەھەر تۇرۇپ ئوكسىگىنلىق ساپ ھاۋادا بەدەن چېنىقتۇرۇش- ساغلاملىق سەۋيەسىنى ئاشۇرۇپ، بەدەن قۇۋىتىنى كۈچەيتىدۇ. بەدەننىڭ سۈپىتىنى يۇقرى كۆتىردۇ. پىيادە يول مېڭىش، يۈگۈرۈش، ھەر خىل ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇلىنىش، سەيلە- ساياھەت قىلىش ئۆمرىڭىزگە بەركەت ئاتا قىلىدۇ. كۆڭۈلسىز ئەسلىملەرنى ئۇنتۇلدۇرۇپ سىزگە خوشاللىق ئاتا قىلىپ روھى كەيپىياتىڭىزنى جانلاندۇردۇ. خاتىرجەملىككە ئىرىشتۈردۇ. سەھەر تۇرۇپ بالدۇر يېتىش، قانغۇچە قېنىپ ئۇخلاش، ئىلمى ئۇزۇقلىنىش، ياخشى، تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش، دائىم ساپ ھاۋادا ھەركەت قىلىش- ئادەمنى روھى ساغلاملىق ۋە جىسمانى ساغلاملىققا ئىگە قىلىپ ھاياتىنى مەنىلىك قىلىدۇ.
<<ئۇزۇن ئومۇر كوروش چولپانلىرىنىڭ ياشاش تەجىربىلىرى>> كىتابىدىن ئېلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت