busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3876 قىتىم كۆرۈلدى

ئۆتكۈر كاناي ياللۇغى

ئۆتكۈر كاناي ياللۇغنىڭ كۆپىنچىلىرى باكتىريە ۋە ۋىروسلاردىن يۇقۇملىنىشتىن كىلىپ چىقىدۇ، غىدىقلاش خۇسۇسيىتىگە ئىگە گازلار، چاڭ- توزان، ئىس- تۈتەك قاتارلىقلاردىنمۇ كىلىپ چىقىدۇ.

ياقىدىغان يىمەك- ئىچمەكلىكلەر

1.      تەركىبىدە ۋىتامىن "ئا" مول بولغان ھايۋانات جىگىرى، بۆرىكى، تۇخۇم سېرىقى ۋە بېلىقلار.

2.     قىزىپ قالغاندا شوۋا گۈرۈچ، كالا سۈتى، قاسقاندا دۈملەپ پۇشۇرۇلغان تۇخۇملارنى يىيىشكە بۇلىدۇ.

ياقمايدىغان يىمەك- ئىچمەكلەر

1.      سۇ مايدا قورۇلغان يېمەكلىكلەر بىلەن بولدۇرۇلمىغان خېمىر تاماقلىرى: چۈنكى بىۇ يىمەكلكلەر ئاسان ھەزىم بولمايدۇ، يىگەندىن كىيىن يەل پەيدا قىلىدۇ، بەلغەمنى كۆپەيتىدۇ، شۇنداقلا يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.

2.  خام، سوغوق يىمەكلىكلەر: تاۋۇز- قوغۇن، سوغوق سەيلەر، سوغوق ئىچىملىكلەر، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار ئاسانلا باكتىريەلەردىن بۇلغۇنۇپ قالىدۇ، شۇندقلا بەك سوغوق بۇلۇپ كەتسە كانايچىلارنى سىپازمىلاندۇرۇپ ( تارتىشتۇرۇپ )، شىللىق پەردىلەردىكى ئېپتىليە ھۈجەيرىلىرنىڭ پائاليىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ، يۈتەلنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ، بەلغەم چىقىرىشنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.

3.  ئاچچىق- چۈچۈك، غىدىقلاش خۇسۇسيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەر: قىزىلمۇچ ( لازا )، سامساق، كۈدە ( جۇسەي )، غولپىياز، لازىجاڭ، قىچا تالقىنى قاتارلىقلارنى يىگەندىن كىيىن كانايچىنى غىدىقلاپ يۈتەلدۈردۇ، ھەتتا شىللىق پەردىلەرنىڭ يېرىلىپ قانىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4.  روھلاندۇرغۇچى يىمەكلىكلەر: قەھۋەنىڭ تەركىبىدە روھلاندۇرۇش تەسىرگە ئىگە كوفېئىن مادىسسى بولغاچقا، نەپەسلىنىش يوللىرنىڭ نورمال فىزلوگىيلىك رولىغا تەسىر كۆرسىتىپ، بەلغەم يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ. قېنىق دەملەنگەن چاينىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش تەسىرى بۇلىدۇ، چاينىڭ تەركىبىدىكى چاي ئىشقارى يەنە دورىلانىڭ ئۈنۈمىنى تۈۋەنلىتىۋىتىدۇ.

5.     تۇرۇپ ( ئېقى )، تۇرۇپنى كۆپ يىسە، بەلغەمنى كۆپەيتىپ كېسەللىك ئالامەتلىرنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.

6.  ئاپېلىسىن ( جۈزە )، كاناي ياللۇغى قاتارلىق نەپەسلنىش سېستىمىسنىڭ كېسەلىكلىرى بار بۇلۇپ، بەلىغىمى كۆپ بولغۇچىلار ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.

7.     ئانار: كاناي ياللۇغى بار، بەلغىمى كۆپلەر ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.

8.  قارىئۆرۈك: قارىئۆرۈكنىڭ تەمى چۈچۈمەل بۇلۇپ، ھۆللۈكنى ئاشۇرۇپ، بەلغەم پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، كانايچە ياللۇغى، كاناي ياللۇغى بارلارنىڭ بەلغىمى كۆپ بولسا ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.

9.     ھاراق: نەپەسلىنىش سېستىمسى كىسەلىكلىرى بارلار يېتىشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم. چۈنكى ھاراق ئادەمنىڭ ئۇيقۇدىكى نەپەسلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتىدۇ، ھەتتا نەپەسلىنىشنى تۇرمۇزلاپ قويىدۇ.

يوللىغۇچى: ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282