busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0 دىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 5592 قىتىم كۆرۈلدى

سۇزۇلما كاناي ياللۇغى

سۇزۇلما كاناي ياللۇغى كۆپىنچە زۇكام ۋە ئۆتكۈر كاناي ياللۇغىدىن كېلپ چىقىدۇ، غىدىقلاش خۇسۇسيىتىگە ئىگە چاڭ- تۇزان ياكى گازلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ئۇچراشقاندىمۇ مەزكۇر كىسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. كېسەلنىڭ كانايچە دىۋارلىردىكى شىللىق پەردىلەرگە قان تۇلۇپ، سۇلۇق ئىششىپ، شىللىق پەردىلەر ئۆسۈپ، يىرىكلىشىپ، ئاجرالما ئاجىرتىپ چىقرىشى كۈچۈيۈپ كەتكەچكە، كانايچىلاردا بەلغەم كۆپىيىپ كىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مەزگىلگىچە يۈتۈلۈپ يۈرگەچكە، نەپەسلىنىشنىڭ راۋان بۇلىشغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي ، يەنە ئاسانلا باشقا يۇقۇملىنىشلارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىردۇ.

ياقىدىغان يىمەك- ئىچمەكلەر

1.   يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقرى ۋىتامىنلىق يېمەك- ئىچمكلەر: سۇزۇلما كاناي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدلىكى بۇلىدۇ. بىرىنچى، كېسەللىك جەريانى ئۇزۇن بۇلۇپ، قايتا- قايتا قوزغىلىپ تۇرىدۇ؛ ئىككىنچى، يۆتىلىدۇ، بەلغەم تۈكۈرىدۇياكى دىمى سىقىلىدۇ؛ ئۈچۈنچى، كۆپ ساندىكى كېسەللەرنىڭ يېشى چوڭ، بەدىنى ئاجىزراق بۇلىدۇ. بەلغەمنى تۈكۈرۈپ چىقىرۋىتىشى ئەمەليەتتە بولسا بەدەندىكى ئاقسىلنى خورىتىشتىن ئىبارەت. شۇڭا، يۇقرى ئاقسىللىق يېمەك- ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. توخۇ گۆشى، توخۇ تۇخۇمى، قارا گۆش، بېلىق، پۇرچاق ياسالمىلىرى ئاقسىل تۇلۇقلاپ بەرسە، بەدەننىڭ ئېمونتىت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ؛ ۋىتامىن«س»، ۋىتامىن«ئا» ۋە «ب» گۇرۇپىدىكى ۋىتامىنلار مول يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بەرسە، بەدەننىڭ كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ.

2.  يۆتەل توختىتىپ، بەلغەم ھەيدەش تەسىرگە ئىگە يېمەكلىكلەر: نەشپۈت،ئاپلىسىن، پىياز گۈل، نېلۇپەر ئۇرۇقى، ئاق مور، ياڭاق، ھەسەل قاتارلىقلار ھەم بەدەننى كۈچەيتىدۇ، ھەم ئالامەتلەرنى يېنىكلىتىدۇ.

3.  سۇنى كۆپ ئىچىش: سۇنى ( قايناق سۇ ) كۆپ ئىچىپ بەرسە، بەلغەمنىڭ سۇيۇلۇپ، كاناينىڭ تازلىنىپ تۇرشىغا ياردىمى بۇلىدۇ.

ياقمايدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر

1.      بېلىق، گۆش، سېرق بېلىق، تاسما بېلىق، راك، سېمىز گۆش قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.

2.  غىدىقلاش خۇسۇسيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەر: قىزىلمۇچ، سامساق، پىياز، كۈدە، قىچا تالقىنى قاتارلىقلار نەپەسلىنىش يوللىرنى بىۋاستە غىدىقلاپ، كانايچە سىللىق مۇسكۇللىرنى سىپازمىلاندۇرۇپ، يۆتەل، دەم سىقىشلارنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ، بەلغەمنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.

3.  سۈت ياسالمىلىرى: بۇلار بەلغەمنى ئاسانلا قۇيۇلدۇرۇپ، يۇقۇملىنىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، چۇقۇم پەرھىز تۇتۇش لازىم.

4.  ھاراق، تاماكا كانايچىلارنى كېڭەيتىپ، نەپەسلىنىش يوللىرنىڭ شىللىق پەردىلەرگە قان تولدۇرۇپ، سۇلۇق ئىششىتىپ، ئاجرالمىلارنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. تاماكا ئىسى كاناي بىلەن ئۆپكىنىڭ فىزلوگىيىك ئىقتىدارى بىلەن مۇداپىئە ئىقتىدارىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.

5.  چىلىغان يېمەكلىكلەر: چىلىغان يىمەكلىكلەر ( كۆكتاتلار ) تۇزلۇق بولغاچقا،  بەلغەم پەيدا قىلىپ، نەپەسلىنىشكە تەسىر كۆرسىتىپ، كېسەللىكنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ.

بەك ئىسىسىق، بەك سوغوق يېمەكلىكلەر: بۇلار كاناينى غىدىقلاپ، تۇتقاقلىق يۆتەل پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا پەرھىز تۇتۇش لازىم.

يوللىغۇچى: ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282