busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0 دىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 3819 قىتىم كۆرۈلدى

ئوپكە ھاۋاللىق ئىشىقى

ئۆپكە ھاۋاللىق ئىشىقى كۆپىنچە كاناي ياللۇغنىڭ كاناي ئىلاستىكىلىقىنى ئاجىزلاشتۇرۋېتىشى، كانايچىلارنىڭ بەك كېرىلىپ كىتىشى، ھاۋا تۇلۇۋېلىشى ۋە ئۆپكە ھەجىمىنىڭ كۆپىيشى ياكى شۇنىڭ بىلەن بىللە كاناي دىۋارى بۇزۇلدىغان بىر خىل پاتولوگىيلىك ھالەتتۇر.

ياقىدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر

1.      ئاز- ئازدىن كۆپ قېتىم تاماقلىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش: بىر كۈندە 7~ 6 قېتىم تاماقلانسا مۇۋاپىق بۇلىدۇ.

2.  ئاسان ھەزىم بۇلۇپ، ئاساسەن سۈمۈرۈلدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش: كالا سۈتى، تۇخۇم، قارا گۆش، پۇرچاق قاتارلىقلار.

ياقمايدىغان يېمەك – ئىچمەكلەر

1.   مايلىق يېمەكلىكلەر: قوي مېيى، كالا مېيى، سېمىز گۆش، تۇخۇ كاۋىپى، غاز كاۋىپى قاتارلىقىلار مايلىق بولغاچقا، ئاسانلا بەيدا قىلىدۇ. شۇڭا بۇلاردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.

2.  بېلىقلار: سېرىق بېلىق، تاسما بېلىق، راك قاتارلىقلار ئۆپكە ھاۋالىق ئىشىقىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ بەلغىمىنى قۇيۇلدۇرۇپ، يۆتىلىش، دەم سىقىلىش ئالامەتلىرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا پەرھىز تۇتۇش كېرەك.

3.  قۇۋۋەت تۇللۇقلىغۇچى يېمەكلىكلەر: ئۆپكە ھاۋالىق ئىشىقىنىڭ ئۆتكۈر دەۋرىدە يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، دەم سىقىش ئالامەتلىرى نىسبەتەن روشەن بۇلىدۇ، داۋالاش بەلغەم ھەيدەشنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئادەمگىياھ قاتارلىق قۇۋۋەت تۇلۇقلۇغۇچىلارنى ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.

يوللىغۇچى: ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282