busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 7113 قىتىم كۆرۈلدى

ئۆپكە ياللۇغى

ئۆپكە ياللۇغى ئۆپكە ياللۇغى قوش شارچە كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ئۆپكە قىسىمنىڭ ئۆتكۈر يۇقۇملىنىشى. بۇ كېسەلىكلەرگە بالىلار، ياشانغانلار ۋە بەدەننىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ  كەتكەنلەر ئاسان گىرىپتار بۇلىدۇ.

ياقىدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر

1.      ئىسىقلىق ۋە ئاقسىل مىقدارى يۇقۇرى يېمەك- ئىچمەكلەر: كالا سۈتى، تۇخۇملار، قارا گۆش، ھەر خىل پۇچاقلار.

2.     يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەر: تۇرۇپ ( ئېقى )، بەسەي، مايلىق بەسەي، پەمىدۇر، ئالما قاتارلىقلار.

3.  سۇنى كۆپ ئىچىش: ھەر كۈنى 2000مىللى ئەتراپىدا قايناق سۇ ئىچىپ بەرسە، بەلغەمنى سۇيۇلدۇرۇپ، چىقىرلىشىنى ئاسانلاشتۇردۇ.

ياقمايدىغان يېمەك- ئىچمەكلەر

1.   يىلان: يىلان گۆشىنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولغاچقا، ھۆللۈكىنى قۇۋۋتلەپ بەلغەم پەيدا قىلدۇ، ئىسىقلىقنى ئاشۇرۇپ ئۆپكە ياللۇغىنى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.

2.  ئاپلىسىن: ئاپلىسىننىڭ تەمى تاتلىق، چۈچۈمەل بۇلۇپ، تەبىئىتى سوغوق. تاتلىقى خىلىت ھاسىلى قىلسا، چۈچۈمىلى خىلىتلارنى قورۇيدۇ، ئىككىلىسلا بەلغەم پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا كۆپ ئىستىمال قىىشقا بولمايدۇ.

3.  گىلاس: ئۆپكە ھارارىتى ئۆرلەشكە تەۋەبولغان نەپەسىلىنىش سېستىمىسى كېسەللىكلىردەگىلاس يىسە ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ. شۇڭا پەرھىز تۇتۇش لازىم.

4.  قارمۇچ: قارمۇچنىىڭ تەمى ئاچچىق بۇلۇپ، يەل تارقىتىدۇ، ئىسىقلىقنى ئاشۇردۇ، ئۆپكە ھارارىتى ئۆرلەشتىن بولغان كىسەللەر ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.

5.     باشقىلار: ھاراق، تاماكا، پىياز، كۈدە، سامساق قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.

يوللىغۇچى: ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282