busy

بۇ مەزمۇن 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 21369 قىتىم كۆرۈلدى

چەت ئەللىك مەشھۇر زاتلارنىڭ تاماكا تاشلىشى

1.   ماركىس 19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىردا ئۇلۇغ ئىنقىلابى ئۇستاز كارل ماركىس ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىردا تاماكا چېكەتتى. ئۇ بېرلىن ئونىۋېر سىتېتىدا پەلسەپە دوكتۇرلىقى ئىنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقاندا، ۋاقىتىنى تاماكا ئىسى ئارسىدا دىگۈدەك ئۆتكۈزگەن، ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە ئۇنىڭ تاماكا خۇمارى بارغانسىرى كۈچۈيۈپ، بىر قولىداتاماكا، بىر قولىدا قەلەم تۇتۇپ يىزىقچىلىق قىلدىغان بولغان. «كاپتال»نىڭ 1- تومىنى يىزىپ تاماملىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كۈيئوغلىغا: « بۇ كىتابنىڭ قەلەم ھەققى تاماكا پۇلۇمغا يەتمەيدۇ» دېگەن.

« كاپتال» نەشىردىن چىققىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ توختىماي يۈتۈلدىغان، ھاسىرايدىغان، دىمى سىقىلدىغان، ھاسىرايدىغان بۇلۇپ قالغان. دوختۇر ئۇنىڭ كېسىلگە كانايچە سۇزۇلما ياللۇغى، ئۆپكە ھاۋاللىق ئىشىقى دەپ دىئاگىنوز قويغان. 50 ياشقا كىرگەندە دوختۇر ئۇنىڭغا تاماكا تاشلاش ھەققىدە نەسىھەت قىلغان. ماركىس دوختۇرغا: « مىنىڭ خۇدانىڭ دەرگاھىغا كېتىدىغان ۋاقتىم بۇلۇپ قالدى، تاماكا تاشلاش مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس» دېگەندە، دوختۇر: « تاماكىنى يەنە چېكىۋەرسىڭىز، يۈتەل سىزنى خىزمەت قىلدۇرمايدۇ» دېگەن. « سىزنى خىزمەت قىلدۇرمايدۇ» دىگەن سۆز ماركىسنى ئەندىشىگە سالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسىراپ، « كاپتال»نى داۋاملىق يېزىش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ نەسىھىتىگە ئاساسەن تاماكا تاشلاشقا ئىرادە باغلىغان. ئۇ يىزىقچىلىق قىلۋاتقاندا تاماكا خۇمارى تۇتۇپ كەتسە، سىگارتىنى ئېلىپ ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا مىجىپ تاشلاپ ئاغزىغا سېلىپ تاكى كۆڭلى ئېلشقۇچە چاينىغان. كىيىن ئۇ تاماكىنى كۆرسىلا كۆڭلى ئېلشىدىغان ھالەتكە كەلگەن. شۇنداق قىلىپ تاماكىنى تاشلىۋەتكەن، كېسىلىمۇ بارا- بارا ياخشىلانغان. ماركىس « كاپتال» نىڭ 2-، 3- تومىنىڭ دەسلەپكى ئارگىنالنى يىزىپ تاماملاپ، پۈتۈن دۇنيا پىرولتارلىيات ئىنقىلابىغا نەزىريىۋى ئاساس سالدى. بۇ شۇنى چۈشەندۈردۇكى تاماكا تاشلىغلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس، مەسلە شۇ كشىنىڭ ئىرادىسى ۋە جاسارىتىگە باغلىق.

2.  ئېنگىلىس ياش ۋاقتىدا تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قالغان. ئۇ دوسلىرغا مۇنداق دېگەن: « قۇياش پارلاپ چىققان باھار كۈنلىرنىڭ ئەتىگەنلىرى، باغچىدا قۇياشقا كەينىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ تاماكا چەككەچ كىتاب كۆرۈش ھەقىقەتەن راھەت» ھايتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىردە، ئېنگىلىس تاماكا چەككەنلىكنىڭ ئېغىر زىينىنى چۇڭقۇر ھىس قىلغان. سالامەتلىكنى ئاسىراش ئۈچۈن ئۇ بىر مەزگىل تاماكىنى پۈتۈنلەي تاشلىغان، كېيىن ئۇ دوسلىرىغا مۇنداق دېگەن: « تاماكا نېرۋىغا زىيان قىلدىكەن، شۇڭا مەن تاماكا تاشلىمسام بولمايدۇ، تاماكا تاشلاشقا ئانچە كۆپ كۈچ كەتمەيدۇ، ھازىر مەن ئىككى، ئۈچ كۈندىمۇ بىر تال تاماكىنى چېكىپ بۇلالمايمەن.»

3.  لېنىن 17 ياش ۋاقتىدا تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغان. لېنىنىڭ ئانىسى مارىيا ئالىكساندىروۋنا دوختۇرنىڭ قىزى بولغاچقا، تاماكىنىڭ زىينىنى ياخشى بېلەتتى. ئۇ لېنىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ، نۇرغۇن قېتىم لېنىنغا تاماكا تاشلاشنى ئېيىتقان. چۈنكى، لېنىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ئۇ لېنىنغا: « ئۆزۈڭ ئىشلەپ پۇل تېپىشتىن ئىلگىرى، زۆرۈر بولمىغان بارلىق چىقىمنى ئازايتىشىڭ كېرەك. داداڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن كىرىمىمىز ناھايىتى چەكلىك بۇلۇپ قالدى، تاماكا سېتىۋالساڭ ئائىلىمىزىنىڭ بىر تۈرلۈك چىقىمى كۆپىيىپ كېتىدۇ» دېگەن. شۇ چاغدا لېنىن ئىنقىلابىي پائاليەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇلۇپ، ھىچقانداق ئائىلە كىرىمى يوق ئىدى. ئائىلىسمۇ ناھايىتى نامرات ھەم ئىككى يىل ئىلگىرى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بۇلۇپ، نەپىقە پۇلىغا تاينىپ تۇرمۇشنى قامدايتتى. ئانىسنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغان لېنىن ئانىسنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئېشىپ قالغان تاماكىنى يانچۇقىدىن ئېلىپ ئانىسنىڭ كۆيدۈرۋېتىشىگە بەرگەن ھەم: « كەچۈرۈڭ ئانا مەن بۇلارنى ئويلاپ باقماپتىمەن، مەن بۈگۈندىن باشلاپ تاماكىنى تاشلايمەن» دېگەن. لېنىن ئىنتايىن جاسارەتلىك ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ زادىلا تاماكا چىكىپ باقمىغان. كىيىن لېنىن ئۆزىنىڭ ئىشخانىسغا « تاماكا چېكىش مەنئى قىلىندۇ» دېگەن خەتنى چاپلاپ، ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ چەكلىگەن. بىر كۈنى لېنىنىڭ ئىشخانىسدا يىغىن ئېچىلغاندا، لېنىن ئۆينىڭ ئىسقا تۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ، تامدىكى « تاماكا چېكىش مەنئي قىلىندۇ» دېگەن خەتنى يىرتىپ تاشلاپ: « قائىدە- تۈزۈمنى مۇشۇنداقمۇ ئاياغ ئاستى قىلغان بارمۇ!» دېگەن. بۇ باشقىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن لېنىننىڭ ئشخانىسىدا ھېچكىم تاماكا چەكمەيدىغان بولغان.

4.  دې گول فرانسىينىڭ سابىق زۇڭتۇڭى دې گول ياش ۋاقىتلىردىلا تاماكىغا خۇمار بۇلۇپ قالغان. ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنى « قولىدىن تاماكا، ئاغىزىدىن ئىس ئايرىلامايدۇ» دەپ مازاق قىلغان. لېكىن، ئۇ 50 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن تاماكىنى بىراقلا تاشلىۋەتكەن، ھەم شۇنىڭدىن كىيىن تاماكىنى ئاغىزىغا ئېلىپ باقمىغان. دې گولنىڭ دوستلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى ھەيران بۇلۇپ، ئۇنىڭ تاماكا تاشلاش سىرىنى سورىغان، دې گول قىسقىلا قىلىپ: « مۇرەسسە قىلماسلىق» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇنىڭ تەجىربىسى بۇيچە تاماكا تاشلىماقچى بولغان كىشى ئىرادە ۋە ئىشەنىچ تىكلەشتىن باشقا، ئۆز ھەركىتىگە ئىزچىل كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇ تاماكا تاشلىغان كۈندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ تاماكا بىلەن ئۇچرىشىشى پۇرسىتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئازايىتقان. ئۇ ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەپ: « تاماكا تاشلاشتا مەغلۇپ بولغان كىشلەر تاماكا چىكىلۋاتقان مۇھىتنىڭ ئېزىقتۇرشىغا تاقابىل تۇرالمىغان كىشلەردۇر» دېگەن. شۇڭا، دې گول بارلىق سورۇنلاردا بىرەرى تاماكا سۇنۇپ قالسا: « مەن تاماكىنى قايتا چەكمەسلىككە ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن، مەن گېپىمدە تۇرىمەن» دەپ رەت قىلغان. تاماكا مۇھىتى بىلەن مۇرەسسە قىلماسلىق- دې گولنىڭ بىر قېتىمدىلا تاماكىنى تۇلۇق تاشلىيالىشنىىڭ سىرى.

5.  رېگان ئامېركىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى رېگاننىڭ تاماكا خۇمارى خېلىلا كۈچلۈك بۇلۇپ، قولىدىن تاماكا چۈشمەيتى. 1985- يىلدىن باشلاپ ئۇ تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىننى تۇنۇپ يېتىپ، تاماكا تاشلاشقا ئىرادە باغلىغان. 1987- يىلى رېگان تاماكا قېپىغا « تاماكا سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش سۆزىنى يىزىش ھەققىدىكى قانۇن لاھىيسىگە ئىمزا قويغان ھەمدە 2000- يىلىدىن بۇرۇن ئامېركىنى ھىچكىم تاماكا چەكمەيدىغان جەمىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرشىشنى ئوتتۇرغا قويغان.

6.  كاستىرو كۇبا جەميىتىنىڭ رەئىسى كاستىرونىڭ سىگارىت خۇمارى دۇنياغا داڭلىق، ئۇ بەش يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئاندىن تاماكىنى رەسمى تاشلىغان. ئۇ ھاۋانادا چىقىدىغان «سىگارىت ھەۋەسكارلىرى» ژۇرلىنىڭ مۇخبىرىغا: «ئەمما مەن چۈشۈمدە تاماكا خۇمارىدىن چىقىمەن» دىگەن. ئۇ يەنە: « مەن بىر مەيدان تاماكا تاشلاش پائاليىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدىم، شۇڭا ئۈزۈم ئۈلگە كۆرسىتىپ تاماكا تاشلىمسام بولمايتتى» دىگەن. ئۇنىڭ تاماكا تاشلاش ھەركىتىدىكى تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ ب د ت نىڭ دۇنيا ساھىيە تەشكىلاتى ئۇنىڭغا بىر دانە ئالاھىدە ئوردىن تەقدىم قىلغان.

<< تاماكىنىڭ زىينى>> كىتابىدىن ئېلىندى

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282