busy

بۇ مەزمۇن 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 0 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 113649 قىتىم كۆرۈلدى
2010 – يىللىق  خىزمەتلەرنى خۇلاسىلاش 2011 – يىللىق خىزمەتلەرنى ئورونلاشتۇرۇش چوڭ يىغىنى ئىچىلدى .
يىغىن 2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 6 – كۇنى پەيشەنبە چۇشتىن كىيىن سائەت 1:30 دا 7 – قەۋەت چوڭ يىغىن زالىدا داغ – دۇغلۇق ئىچىلدى
  ۋىلايەتلىك پارتىكۇمنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى كورەش تۇرسۇن ، ۋىلايەتلىك سەھيە ئىدارىسى پارتىگۇرپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئەسقەر مەترۇزى ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالى تىخنىكۇمىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى تۇرغۇن ئومەر ،دوختۇرخانا پارتىكومنىڭ شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى رۇشەنگۇل ساۋۇر ،دوختۇرخانا پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومتىتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىن، دوختۇرخانىمىزنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئوبولقاسىم ئەخمەت قاتارلىق رەھبەرلەر رەئىس سەھنىسىدىن ئورون ئالدى .دوختۇرخانىمىزدىن دەم ئىلىشقا چىققان پارتىكۇم شۇجىسى ، دوختۇرخانا باشلىقلىرى ۋە پىشقەدەم مۇتخەسىسلەر تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ، دوختۇرخانىمىزدىكى بارلىق تىببى خادىم ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر تولوق قاتناشتى .
يىغىنغا دوختۇرخانا مۇئاۋىن باشلىقى ئوبولقاسىم ئەخمەت رىياسەتچىلىك قىلدى .
   يىغىننىڭ كۇن تەرتىپى بويچە دوختۇرخانىمىزنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئوبولقاسىم ئەخمەت 2010- يىللىق خىزمەتلەردىن خۇلاسە ماتىريالىنى ئوقوپ ئوتتى ، كەينىدىن دوختۇرخانا پارتىكومنىڭ شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى رۇشەنگۇل ساۋۇر 2011-يىللىق ۋەزىپە كورسەتكۇچلەرنى ۋە قىلماقچى بولغا 14 تۇرلۇك چوڭ ئىشىنى ئوقوپ ئوتتى ۋە ھەرقايسى بولوملەر بىلەن مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالىدى .
ۋىلايەتلىك پارتىكۇمنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى كورەش تۇرسۇن سەھيە خىزمىتىدىكى ساقلانغان مەسىللەر ۋە كىيىنكى تەرەققىيات پىلانى توغورسىدا موھىم يول – يورۇق بەردى كەينىدىن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالى تىخنىكۇمىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى تۇرغۇن ئومەر دوختۇرخانىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تىخنىكۇمىغا قىلغان ئوقو – ئوقوتۇش ، پاراكتىكانىت تەربىيلەش جەھەتتە مىننەتدارلىق بىلدۇردى ۋە كىيىنكى ھەمكارلىق  جەھەتتە موھىم سوز قىلدى .
كەينىدىن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۇرۇش كومتىتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ شىن 2009-يىللىق خىزمەتلەردىكى ئىلغار بولوم كوللىكتىۋى ، ئىلغار شەخىسلەرنى مۇكاپاتلاش ئۇقتۇرشىنى ئوقوپ ئوتتى .
 كەينىدىن ئىلغار بولوم كوللكتىۋى ، ئىلغار پارتىيە ئەزاسى ، ئىلغا تورباشقۇرغۇچى ، ئىلغار شەخىسلەرنى مۇكاپاتلاش ئىلىپ بىرىلدى ۋە دەم ئىلىشقا چىققان خادىملاردىن ھال سوراش مۇكاپاتى تارقىتىلدى .
ئاخىردا ئىنتىرناتسىيۇنال مۇزىكىسى بىلەن يىغىن ئاخرلاشتى .
يىغىندىن كورونۇشلەر
 

 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
  
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282