busy

بۇ مەزمۇن 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 23 دىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە يوللاندى ، جەمئى 1293 قىتىم كۆرۈلدى

  ئوسمە كىسەللىكلىرىنى داۋالاش ئىلىم ئالماشتۇرۇش ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئىچىلدى

بۇگۇن دوختۇرخانا رەھپەرلىكىنىڭ ئورونلاشتۇرۇشى بويچە 1 – قىتىملىق ئوسمە كىسەللىكلىرىنى داۋالاش ئىلىم ئالماشتۇرۇش ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئىچىلدى .

يىغىنغا دوختۇرخانىمىزدىن دەم ئىلىشقا چىققان پىشقەدەم تىۋىپلار ، ھەرقايسى كىلىنكا بولۇم مۇدىرلىرى ۋە يۇقرى ئۇنۋاندىكى خادىملار قاتناشتى .

يىغىندا ئوسمە كىسەللىك بۆلۇمى مۇدىرى غوجىمۇھەممەت ئوزىنىڭ تەييارلىغان ماتىريالى ۋە بىرقىسىم ئۇنۇمى كورونەرلىك بولغان ئوسمە كىسەللىكلىرىنىڭ ماتىريالىنى تونۇشتۇرۇپ ئوتتى .

ماتىريال مەزمۇنى

ئۆسمە-راك كىسەللىكى بولساجەمىيتىمىزدە بارغانسىرى كوپ يۇز بىرىۋاتقان،كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە داۋاسى يوق،خەتەرلىك-جاھىل كىسەللىك دەپ تونولۇپ كەلمەكتە. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ( (WHOنىڭ 2012-يىللىق سانلىق دوكلاتىدا دۇنيا بويچە 140مىليۇن ئادەمدە ئۆسمە-راك كىسەللىگى كۆرىلىدىغان بولۇپ  82 مىليۇن ئادەم مۇشۇكىسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلۇپ كىتىدىكەن، مەملىكىتىمىزدە بولسا%10 كەيىتىدىكەن. شۇنداق بولغاچقادۇنيادىكى12خىل چوڭ جانغا زامىن كىسەللىك قاتارىدا سانىلىپ كەلگەن. ھەرقايسى تىبابەتلەردە بۇكىسەللىكنىڭ سەۋەبى ۋە داۋالاش جەھەتتە ئىزدىنىش تەتقىقاتلار كۇچەپ ئىلىپ بىرىلىۋاتىدۇ.

1.    ئۆسمە-راك كىسەللىكلىرىنىڭ تۇرلىرى:

1)   ئۆسمە كىسەللىگى خارەكتىر جەھەتتىن: ياخشى سۇپەتلىك ئۆسمەۋە يامان سۇپەتلىك ئۆسمە (راك)  دەپ ئىككى تۇرگە بۆلىنىدۇ.

2)   تۇزۇلۇش جەھەتتىن: ئۇيۇل ماددىلىق ئۆسمە ۋە خالتىلىق ئۆسمە دەپ ئىككى تۇرگە بۆلىنىدۇ.

2.    ئۆسمە-راك كىسەللىكلىرىنىڭ تەبىرى:

1)     ياخشى سۇپەتلىك ئۆسمە- ئادەم بەدىنىگەنىسبەتەن زىيىنى ئانچە چوڭ بولمىغان،تەرەققى قىلىشى ئاستا، ئەتراپ توقولمىلارغا بولغان بۇزغۇنچىلىق خارەكتىرى بولمىغان، ئۆسمىلەردىن ئىبارەت. ياخشى سۇپەتلىك ئۆسمە توقولما تۇزۇلۇشى جەھەتتە ئۆسمە ھۇجەيرىسى بىلەن ئەسلىدىكى توقولما ھۇجەيرىسى ئوخشىشىپ كىتىدۇ، ھۇجەيرىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە مورفىلوگىيەسى نورمال ھۇجەيرە بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

2)     يامان سۇپەتلىك ئۆسمە (راك) بولسا- ئادەم بەدىنىدىكى ئېپتىلىيە ھۇجەيرىلىرىدىن كىلىپ چىققان، ئادەم بەدىنىگەنىسبەتەن زىيىنى چوڭ بولغان،تەرەققى قىلىشى-تارقىلىشى تىز، ئەتراپ توقولمىلارغا بولغان بۇزغۇنچىلىق خارەكتىرى كۇچلۇك بولغان  يامان سۇپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ ئومومى ئاتىلىشى بولۇپ، ئىنگىلىز تىلىدا   Cancer يەنى(قىسقۇچ پاقا) دىگەن نامدا قىسقارتىپ Ca   نى خەلىقارالىق راك كىسەللىگىنىڭ شەترىتلىك بەلگىسى قىلىپ بىكىتكەن.

 قەدىمى كىتاپلىرىمىزدا راك كىسەللىگى سەرتان نامى بىلەن ئاتالغان. بۇئەرەپچە ئاتالغۇ بولوپ قىسقۇچ پاقادىگەن مەنىدە، قەدىمى كىتاپلىرىمىزدا ئىيتىلغان راك كىسەللىگىنىڭ بىرقانچە خىل تەبىرى ئىچىدىكى بىرتۇرىدە – بۇكىسەل ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى ئورونلىرىدا پەيدابولىدىغان، شەكلى قىسقۇچ پاقىغا ئوخشاش، ئورنىغا مەھكەم يىپىشىپ تۇرىدىغان ھەمدە ئەتراپقا قىسقۇچ پاقىنىڭ پۇتلىرىدەك يىيلىپ تەرەققى قىلىدىغان كىسەللىك -دەپ تەبىر بىرىلگەن.

3.    ئۆسمە-راك كىسەللىكلىرىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى:

1)   ھازىرقى زامان تىببى ئىلىمدا:

ئۆسمە-راك كەسەللىكلىرىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبىنى-جەمەت ئىرسىيەت ئامىلى،ئىممونتىتلىق ئامىللار،ئىچكى ئاجراتما ئامىلى، يۇقۇملىنىش ئامىلى، فىزىكا-خىمىيلىك ، بېئولوگىيەلىك ئامىللار،ئادەت ئامىلى،يىمەك-ئىچمەك ئامىلى، روھى ئامىل، موھىت ئامىلى، كەسىپ ئامىلى، ھەمدە ھەرخىل تاشقى غىدىقلىنىشلار بىلەن روھى كەيپىيات نورمالسىزلىقى، ئىچكى ئەزالارنىڭ سوزولما ھالدا ئاجىزلىششى،قاننىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولوپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن ھۇجەيرىلەردە نورمالسىز بۆلونۇش يۇزبىرىش، گىندا توساتتىن غەيرى ئۆزگىرىش پەدا بولوش  بىلەن ئۆسمە-راك كەسەللىكلىرى يۇزبىرىدۇ دەپ قارايدۇ.

2)   ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمىدا :

ئۆسمە- راك كىسەللىكلىرىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبىنى : غەيرى تەبئى سەۋدا خىلىتى ۋە غەيرى تەبئى يەل ئامىلى سەۋەبىدىن دەپ قاراپ ،تىبابەت نەزىرىيمىزدىكى  ھەزىم ، قۇۋۋەت نەزىرىيسى ۋە بۇلار ئوتتىرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئاساسىدا تەھلىل قىلشقا بولىدۇ.

4.    ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمىدىكى ئۆسمە-راك كىسەللىكلىرىنى داۋالاش پىرىنسىپى

1)   روھى داۋالاش:

روھى داۋالاشتا بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى بولوپمۇ راك كىسىلى ئىكەنلىگىنى بىمارغا قەتئى ئۇقتۇرماسلىق، كىسەللىك ئەھۋالىنى بىمارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن كىڭىشىش. كىسەللىك ئەھۋالىنى ئۆزى بىلىدىغان بىمارلارغا قارتا كىسىلىنىڭ ئۇنچە خەتەرلىك ئەمەسلىگىنى، بىمارنىڭ دوختورنىڭ داۋالىشىغا ماسلىىپ بەرگەندىلا داۋالىنىپ ساقىيدىغانلىقىنى چۇشەندۇرۇش ئارقىلىق بىمارغا ئىشەنىچ تۇرغۇزۇش لازىم. بۇنىڭ ئۇچۇن دوختورلار بىمارنى يوقلىغاندىكى روھى-قىياپىتى، گەپ-سۆزلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغاندىن باشقا، بىمارغا بىرىلگەن دورىلارنى بىمارنىڭ كىسىلىگە قانداق يولدا تەسىر قىلىپ ساقايتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلى چۇشەنچە بىرىپ، بىمارنىڭ ئىددىيسىدىكى تۇگۇننى يىشىشىكە ياردەم بىرىش ئارقىلىق داۋالاشنىڭ روھى جەھەتتىكى ئۇنۇمىنى قولغا كەلتۇرۇش لازىم.

2)   پەرھىز ئارقىلىق داۋالاش:

  ھەرقانداق كىسەللىككە نىسبەتەن پەرھىز تۇتۇپ داۋالاش زورو بولغانغا ئوخشاش ئۆسمە-راك كىسەللىكلىرىنى داۋالاشتىمۇ پەرھىز ئىنتايىن موھىم. غەلىز،تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەل پەيدا قىلغۇچى، كۇچلۇك غىدىقلىغۇچى يىمەك-ئىچمەكلەردىن، مىۋە-چىۋىلەردىن پەرھەز قىلدۇرلۇپ، لەتىف، سىڭىشلىك بولغان، بەدەندە سۇپەتلىك خىلىت ھاسىل قىلالايدىغان ئوزوقلوقلار بىلەن ئوزوقلىنىشقا بۇيرۇش، زورور بولغاندا بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، تىبابىتىمىزدىكى غىزائى-داۋا، داۋائى-غىزالارنى بۇيرۇشنىڭ كىسەللىكنىڭ ساقىيىشىغا نىسبەتەن ئۇنۇمى چوڭ.

3)   دورا ئارقىلىق داۋالاش:

(1) مۇنزىچ-مۇسھىل بىرىش ئارقىلىق داۋالاش: بۇخل كىسەللىكنىڭ ماددىسى غەيرى -تەبئى سەۋدا بولغاچقا مۇنزىچ بىرىش كۇن سانى بىرقەدەر ئۇزۇن، ھەتتا بىرقىسىم كىلاسسىك كىتاپلىرىمىزدا بۇخىلدىكى سەۋدادىن بولغان كىسەللىكلەرگە 30 ~ 40 كۇنگىچە مۇنزىچ بىرىش لازىملىقى، مۇسھىل بىرىلىپ بولغاندىن كىيىنمۇ يەنە قايتا-قايتا  مۇنزىچ-مۇسھىل بىرىشنىڭ لازىملىقى قەيىت قىلىنغان.

(2) ياللۇغ قايتۇرغۇچى، قان تازلىغۇچى، ئىششىق ياندۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۇچى، يەل ھەيدەپ ماددىلارنى تارقاتقۇچى دورىلارنى ئىچى سىرتىدىن ئىشلىتىش.

(3) ھەزىمگە ياردەم بەرگۇچى،رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەپ كۇچلەندۇرگۇچى، بەدەننىڭ تەبىئەتكۇچىنى ئاشۇرۇغۇچى دورىلانى ئىشلىتىش.

5. مۇلاھىزە:

1.5. ئۆسمە كىسەللىكلىرىنى تۇرگە ئايرىش توغرىسىدا ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىنىق نەزىرىيە ئۆلچەملىرى تۇرغۇزۇلمىغان تۇرلەرگە ئايرىش جەھەتتە؟

1)  ئۆسمىنىڭ خارەكتىرىگە ئاساسەن:

(1) ياخشى سۇپەتلىك ئۆسمە (قاتتىق ئىششىق).    

(2) يامان سۇپەتلىك ئۆسمە(سەرتان).

2) ياخشى سۇپەتلىك ئۆسمە(قاتتىق ئىششىق) نى كەلتۇرۇپ چىقارغۇچى غەيرى-تەبئى سەۋدا خىلىتىغا ئاساسەن تۇرلەرگە ئايرىش.

2.5. يامان سۇپەتلىك ئۆسمە (سەرتان) نى كەلتۇرۇپ چىقارغۇچى غەيرى-تەبئى يەلنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىگە ئاساسەن تۇرلەرگە ئايرىش.

3.5. ئۆسمە-راك كىسەللىكلىرىنىڭ يۇقارقى سەۋەبىگە قارتا ئايرىلغان تۇرى بويچە ئىشلىتىلدىغان دورا ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تۇرغۇزۇش كىرەكمۇ؟

4.5. پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ داۋالاش ئەمەلىيتى جەريانىدا تەجىربىدىن ئۆتكەن داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە ئۇنۇم قازانغان دورا رىتسىپلىرىلاردىن تەجىرىبە ماتىرياللار

يىغىندىن كورۇنۇشلەر

 

بىرقىسىم ئۇنۇمى كورۇنەرلىك بولغان راك كىسەللىك مىساللىرى

 

 

 

تەييارلىغۇچى : ئوسمە كىسەللىك بولۇمى

نۆۋەتتە نەپەر تورداش تور بىكىتىمىزدىن پايدىلنىۋاتىدۇ ، ئومومى كۆرۈلۈشى

مەزكۇر تور بىكەتتىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقوقى خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا مەنسۇپ! 2005 ~ 2014 © V2.0

بىكەت مەسئۇلى ۋە لاھىيەلىگۈچى دوختۇر ئالىمجان ماخمۇت . تىلفۇن : 13364898201 ،QQ:417831741

http://www.xjhtut.com:88/images/logo.gif Alexa ICP06003282