گۇناھكار قەلىب
(پوۋىسىت) 16- قىسىم
ئۇلار مەسلىھەتلشىپ زۆھرەنىڭ بىر تۇققىنىنىڭ ئۆيىگە مۇقىملاشتى . ئۇلار بۇ تۆھمەتنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى ئاللىقاچان بىلىپ بولغان بولسىمۇ ئېغىزدىن چىقىرالمىدى . چۈنكى ئۇلارنىڭ قولىدا ئىسپات يوق . ئۇلار مەكتەپ مۇدىرى بىلەن قايتا قايتا كۆرۈشكەن بولسىمۇ ، مەكتەپ مۇدىرى مۇنۇ گەپلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى .
- سىلەر مەكتەپ بويچە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار بولساڭلارمۇ ، مەكتەپ ھەرگىزمۇ مۇھەببەتلىشىشگە يول قويمايدۇ . مەكتەپ ئىچىدە بۇنداق ئۆسەك سۆزلەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشنى ھەرگىز خالىمايمەن ، بۇ ئىشلار مەكتەپنىڭ يۈزىگىمۇ سەت ، ھەم مېنىڭ خىزمىتىمگە بېرىپ تاقىلىدۇ . سىلەر ئەركىنلىككە چىقتىڭلار ، ئەمدى خاتىرجەم قىلدىغىنىڭلارنى قىلساڭلار بولىدۇ ، سىلەرگە ھېچكىم دەخلى قىلالمايدۇ .
ئۇلار مەكتەپ مۇدىرنى ئىزدىگەننىڭ پايدىسىنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ ، پەرھاتنى ئىزدىدى . پەرھات سەت ھىجىيىپ :
- سەنلەرنىڭ ھامان ئالدىمغا كېلىشىڭلارنى بىلەتتىم . ئالدىنقى قېتىم تاھىرنىڭ مېنى تىللاپ كېتىشلىرنى مەن ئۇنتۇپ قالمىدىم ، ئەركىننىڭ مەندىن پايدىلنىپ مەندىن يۈز ئۆرۈشىنى ئۇنتۇپ قالمىدىم ، مەن ھەممىڭگە ئۆچ ، مەن بۈگۈن پۇخادىن چىقتىم چۈنكى بۈگۈن سەنلەر ماڭا يالۋۇرۇپ ئولتۇرۇشتۇڭ ، مېنىڭ ئۈچ تەلىپىم بار شۇنى ئورۇندىساڭلا ئاندىن مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كېلەلەيسىلەر .
-نېمە تەلەپ تېز ئېيىت :دېدى تاھىر ئالدىراپ .
-بىرىنچى تەلەپ ، خالنۇر تاھىردىن ئايرىلىپ ماڭا بىر كېچە ھەمراھ بولىدۇ ، قارىسام ئۇ خېلى گۈزەلكەن ، مەن بۇ گۈزەلدىن بىر كېچە ھۇزۇرلىنىمەن .
ئىككىنچى تەلەپ تاھىر بىر كېچە مەن خالنۇر بىلەن ھۇزۇر سۈرۋاتقان ئۆينىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ گۇناھىغا تۆۋە قىلىدۇ .
ئۈچۈنچى تەلەپ زۆھرەمۇ ماڭا ئوخشاشلا بىر كېچە ھەمراھ بولىدۇ ، ئەركىنمۇ تاھىرغا ئوخشاش بىر كېچە گۇناھىغا تۆۋە قىلىدۇ .
- ھۇ ھايۋان ، سەن مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ ، مېنى جالاپ كۆرۈپ قالدىڭما ؟ سېنىڭ ئاچاڭ بارمۇ ؟ ياكى سىڭلىڭ بارمۇ ؟ بېرىپ شۇلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىل ، مەن پاك ، مەن بىر پاك سەبى قىز ، شۇنى بىلىپ قال ، مەن كاللاڭغا نېمە كەلسە شۇنى قىلدىغان ئويۇنچۇق ئەمەس ، ھۇ لۈكچەك ....
خالنۇر بىر تەرەپتىن يىغلىسا ، بىر تەرەپتىن پەرھاتنىڭ يۈزىگە شاپاشلاپ ئۇرۇۋاتاتتى . قالغانلارمۇ پەرھاتقا غەزەپ نەپرىتى بىلەن قاراپ تۇراتتى. پەرھات غەزەپ بىلەن :
-بولدى قىل پاسكىنا ، سېنى مەن بىلمەمدىم ، سەن نەچچە كۈندىن بۇيان ئەركىننى كولدۇرلىتىپ يۈردۈڭ ، تاھىر بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشىپ يۈردۈڭ ، ئۆزەڭنى شۇنچە پاك چاغلاپ كەتتىڭما ، ھۇ رەسۋا
- تاھىر چىداپ تۇرالمىدى ، ھەم پەرھاتنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى .
-سېنىڭ بىزدە نېمە ئۆچۈڭ بار ئىدى ؟ نېمىشقا بۇنداق رەزىللىكنى بىزگە قىلىسەن ؟ سەندە ئادىمىيلىكتىن ئەسەرمۇ يوقكەن ، سەن ھايۋاندىنمۇ بەتتەر بىر نېمىكەنسەن ، : تاھىر شۇ گەپلەرنى دېدى ۋە مۇش بىلەن پەرھاتنىڭ ئېغىزىغا بىر نەچچىنى ئۇردى . ھەم يۇقىرى ئاۋازدا :
- مەن مەكتەپتە ئوقۇيالمايدىغان ئىش بولسىمۇ بۇنداق رەزىل پىلانلىرىڭنى ئىشقا ئاشۇرمايمەن . مەن سېنىڭ يەنە بۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلىشىڭغا قاراپ تۇرالمايمەن . دېدى .
ئەركىن بىلەن زۆھرەمۇ يىغلاپ تۇرغان خالنۇرنى ئېلىپ بۇ يەردىن ئايرىلدى.
ئەسىرىمنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرڭىز ئەسىرىمدە بولسۇن.
ئاپتور : ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى : 15292532364
359 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-21 9:14:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|