پۇراقسىز ئەتتىرگۈل (ھىكايە)
قىزىل تۇمان
مەن يىغلىدىم ، كۆز ياشلىرىمنى يامغۇر تامچىسى يوشۇرۇپ بولالمايتى . مېنىڭ شۇ چاغدىكى ئازابىمنى ھىېچنېمە بېسىپ بولالمايتى ، كۆڭۈل ئاسمىنىمدا قارا بۇلۇت ئەگىپ ئازاپنىڭ دەھشەتلىك گۈلدۈرمامىلىرى گۈلدۈرلىمەكتە ئىدى . ئۇنىڭ لەۋلىرىگە سۆيگەن ئاغزىمنى كۈچەپ سۈرۈتمەكتە ئىدىم . يامغۇر سۈيى مەندىكى ئۇ پاسكىنچىلىقنى يۇيۇپ بولالمايدىغاندەك ھېسىياتتا بولىۋاتاتتىم . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى ئۇچىراشقان ۋاقىتلىرىم كەلدى . ئۇ كۈنىمۇ قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى . مەن ئىشتىن چۈشۈپ ئالدىراپ ئۆيگە كېتىۋاتاتتىم . مەن ماڭغان يولدا ئاساسى جەھەتتىن كىرا ماشنىسى قاتنىمايتى . ئامالسىز پىيادە ماڭدىم . كۈنلۈك ئېلىۋالمىغىنىمغا شۇنچىلىك پۇشايمان قىلدىم .ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچ بۇلۇپ ئەتراپ قاراڭغۇ بۇلۇشقا باشلىغان ئىدى .
تۇيۇقسىز ئالدى تەرىپىمدە بىر سىما ئۇچىردى ، ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى تېقىمىدىن ئېشىپ تۇراتتى ، بەدەنلىرى شۇنچىلىك زىلۋا بۇلۇپ ئۇچىسىغا كىيىۋالغان ئاق كۆينىكى شۇنچىلىك ياراشقان ئىدى ، ئۇنىڭ بىر خىل قەدەم ئېلىپ مېڭىشلىرى دىققىتىمنى تارىتتى . كۆڭلۈمدە ئىتتىك مېڭىپ ئالدىغا ئۆتۈپ چىرايىنى كۆرۈپ باققۇم كەلدى . مەن قەدەملىرىمنى تېزلىتىپ بىردەمدىلا ئۇنىڭغا يېتىشۋالدىم . ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ بېشىمنى ئۇ تەرەپكە بۇراپ قاراپ باقتىم . ئۇنىڭ چىرايىمۇ شۇنچىلىك سۈزۈك ئىدى . قاپقارا قاشلىرى ، بۇلاقتەك كۆزلىرى ، ئېقىپ چۈشكەندەك چىرايلىق بۇرنى ، كىچىك قىزىل گىلاستەك ئاغزى شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدى . مەن بىرلا قاراپ يولۇمغا راۋان بولدۇم . توساتتىن بىرى كۈنلۈكنى بېشىمغا تۇتتى . قارىسام باياقى قىز ئىكەن . ئۇ :
-بىللە ماڭايلى !بەك ھۆل بۇلۇپ كېتىپسىز دېدى ،
مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم .ئۇنىڭ ئاۋزىمۇ شۇنچىلىك يېقىملىق ئاڭلىنىپ كەتتى . كۆڭلۈمگە كىرىۋالغان شەيتان ۋەسۋەسىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى سورىماقچى بۇلۇپ گەپ قىلدىم .
-ئىسمىڭىز نېمە ؟ تونۇشۇپ قالايلى ! ئىسمىم مىرزات .
-ھە مېنىڭ زۇمرەت .
-ھە ئىسمىڭىزمۇ ئۆزىڭىزدەكلا چىرايلىقكەن !
-رەھمەت !
-ئادەتتە نېمىش قىلىسىز ؟
-شۇ بىكا قىلغىدەك ئىش يوق !
مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم ! ئۇ باشقا يولغا ئەگىلىپ ماڭماقچى بۇلۇپ مەندىن سورىدى :
-سىز قاياققا ماڭىسىز ؟
-مەن ئۇدۇل ماڭىمەن!
-كەچۈرۈڭ يولىمىز بىر ئەمەسكەن ، مەن ئوڭغا ماڭاتتىم،دېدى .
مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ يولۇمغا ماڭدىم . مېڭىش ئالدىدا تېلفون نومۇرنى سورىماقچى بولدۇميۇ، ئۇنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشلىرىدىن ئەنسىرەپ سورىيالمىدىم .
شۇ كۈنى كېچىسى ئۇنى خىيال قىلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن ، كۈندە ئەتىگىنى ئىشقا ماڭغاندا ئىشتىن چۈشكەندە ئۇ ماڭغان ھېلىقى كوچىغا قاراپ باقاتتم . ئۇنى قايتا ئۇچىرتىپ قېلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاغىنەم نىجات توي قىلدى ، مەن ئۇنىڭغا يىگىت قولداش بولغان ئىدىم . توي باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بۈگۈنكى قىز قولداشنىڭ زۇمرەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ كەتتىم ، ناخشا باشلىنىپ ھەممەيلەن ئۇسۇلغا چۈشتى ، مەنمۇ ئۇنى ئۇسۇلغا تارتىپ ئوينىغان ئىدىم . ئۇ شۇنچىلىك چىرايلىق ئوينايتى . ئۇنىڭغا قاراپ مەسلىكىم كەلدى . شۇ تەرىقىدە بۈگۈنكى تويدا ئۇنىڭ بىلەن ئۇسۇل تانسا ئويناش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم . ئۇنىڭ قوللىرنى تۇتۇشقا ھەتتا پاراڭلىشىشقىمۇ نائىل بولدۇم .
ئۇنىڭ تېلفون نومۇرنىمۇ تېپىۋالدىم ، كۈندە بىكار بولغاندا ئۇنىڭغا تېلفون قىلاتتىم ، ئۇنىڭدىن خوشاللىق تاپاتتىم ، بارا بارا ئۇنىڭغا ئاشىق بولدۇم ، ئۇ دەسلەپ تەلىپىمگە قوشۇلمىدى . كېيىن بارا بارا ئۇنى قوغلىشىش نەتىنجىسىدە ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقى تۈردە مۇھەببەتلەشتىم .
بىراق بۇ قارا تۇماننىڭ ماڭا يېقىنلاپ كەلگىنىنى ئەسلا بىلمەپتىكەنمەن . ئۇنىڭ ئۆينىڭ يېزىدا ئىكەنلىكى ، بۇ يەردىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇردىغانلىقىنى ئاڭلاپ غەلىتىلىك ھېس قىلغان ئىدىم . بىراق ئۇنىڭدىن زىغىرلاپ سورىسام ئۇ پەقەت دەپ بەرمەيتى .
بارا بارا ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشىم كۆپەيدى ، ئۇ ھەرقېتىم ئىشتىن چۈشۈپ كەلگىنىمدە تاماق ئېتىپ تۇراتتى . تاماقنى يەپ بۇلۇپ ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلۇپ ئولتۇرۇپ سائەت 10 بولغاندا ئۆيگە قايتاتتىم ، ئانام ئەپ قويغان تاماقلا يەيدىغان ئادەم يوق سوۋۇپ قالاتتى ، ئۆيدىكىلەر نەگە بارغىنىمنى سورىسا دوستۇم نىجاتنىڭ ئۆيىگە دەپ گەپنى يولغا سالاتتىم ، بەكراق كوچىلاپ سورىسا ئۇلارنىڭ سوئاللىرىنى جاۋاپسىز قويۇپ قوياتتىم .
بۈگۈنمۇ ئادىتىم بويچە ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدىم ، ئۇ لەغمەن ئەتكەن بۇلۇپ بىللە تاماق يېدۇق ، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا تۇيۇقسىز قاتتق يامغۇر يېغىپ كەتتى ، مەن ئۆيۈمگە كەتمەكچى بولسام ئۇ ئۇنمىدى ، ئامالسىز ئۆيدىكىلەرگە تېلفون ئۇرۇپ قويۇپ ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالماقچى بولدۇم . يامغۇر بەك كۈچلۈك بولغاچقا توكتىن چاتاق چىقتىمۇ توك ئۆچۈپ قالدى . تۇيۇقسىز ئۇ مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى . شېرىن لەۋلىرىنى لېۋىمگە باستى . پۈتۈن جىسمىم ھارارەتلىنىپ بوشىشىپ كەتتى . مەن بۇ ئەسەبىيلەرچە سۆيگۈدىن تۇنجى قېتىم ھۇزۇر ئېلىۋاتاتتىم . بەرىبىر ئۇنىڭ بىلەن پات يېقىندا توي قىلمەنغۇ دېگەننى ئويلاپ ، ئىختىيارىمنى ئۇنىڭغا تاپشۇردۇم ، تۇنجى قېتىم يىگىتلىك ئىپپىتىمدىن ئايرىلغان ئىدىم . ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ قىز ئەمەس ئىكەن ! ئۇنىڭ ئۆزىدىن سورىيالماي چىۋىن يەۋالغاندەك بۇلۇپ قالدىم ! كۆڭلۈمدە ھەرخىل گۇمان تۇغۇلدى ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بىر نەچچە كۈن بارمىدىم .
بۈگۈن شەنبە بولغاچقا ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم ، بارسام ئىشىك ئوچۇق ئادەم يوق ، ئۆيگە كىردىم ئىچكىركى ئۆيدە ئۇ باشقا بىرسى بىلەن مەن قىلغان ئىشنى قىلىۋېتىپتۇ!
- ھۇ ھايۋانلار !
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇلارچۆچۈپ كېتىشتى، زۇمرەت ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئورنىدى تۇرۇپ كىيىملىرنى كىيىۋالدى ، ھەم مېنىڭ ئالدىمغا كەلدى !
- بۇ نېمە ئىش ؟ سورىدىم مەن ، ئۇ ماڭا سەت ئالىيۋېتىپ دېدى ،
- نېمىشلىقىنى كۆرمىدىڭما ؟ مەن تىجارەت قىلىۋاتىمەن ، سودامغا تەسىر يەتكۈزۈپ كەچتە كەلسەڭ بولمامدۇ ؟
بار كۈچۈم بىلەن ئۇنى بىر شاپلاق ئۇردۇم ، ھەم ئۇنى تىللىدىم .
-ھۇ رەسۋا بۇزۇق !
مەن چىقىپ كەتتىم ، سىرىتتا شامال چىقىۋاتاتتى ، تۇيۇقسىز شامال يامغۇرغا ئايلاندى ، يىگىتلىك غۇرۇرۇم دەپسەندە قىلىنغاچلىقى ئۈچۈن توختىماي يىغلىدىم .
مەن ئۇنى بىر گۈلگە ئوخشاتقان ئىدىم ، ئۇ مەن ئۈچۈنلا ئېچىلىپ مەن ئۈچۈنلا توزۇيدۇ ، دەپ ئويلاپتىمەن ئۇنىڭ پۇرىقىدىن پەقەت مەنلا ھۇزۇرلىنىمەن دەپ ئويلاپتىمەن ، ئەپسۇس ئۇ ئاللىقاچان توزۇپ ، پۈتۈن يىلتىزىدىن تارتىپ قۇرۇپ ، پۇرىقى قالمىغان ئوتكەن خالاس ! ئۇ قۇرۇپ قالغان قاقشال بولغان ، پۇراقسىز ئەتتىرگۈل خالاس !
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان
ئۈندىدار نومۇرى 15292532364
531 قېتىم كۆرۈلدى | kiziltuman | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-5 0:54:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|